سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
سۆيگۈ مىھرى - [شېئىرلار]
2013-07-22
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/234825417.html
سۆيگۈ مېھرى
غۇنچە ئىدىم تېخى پورەك ئاچمىغان،
كۈلگۈن شەبنەم لەۋلىرىمگە نۇر بەرگەن.
ئاق كېچىدە يانغان نۇرلۇق كۆزلىرىڭ،
يۈرۈگۈمنى گۈلخان بولۇپ كۆيدۈرگەن.
تۇنجى سۆيگۈ ياققان ئوتلۇق گۈلخاننىڭ،
تەپتى كەتمەس يۈرەكلەردىن ھېچقاچان.
يۈرىكىمدە، يۈرىكىڭدە سىر پېتى،
نۇرغۇن سۆز بارئېيتىلمىغان-ئېيتمىغان...شۇندىن بېرى تالاي دوقمۇش-ئاچالدا،
چىن ئەھدىمدىن بىر قېتىممۇ يانمىدىم.
تالاي داستان پۈتتۈم يۈرەك قېتىمغا،
قەغەز تامان يازالمىدىم- يازمىدىم...
چىمداپ كەچكۈز شاماللىرى يۈزلەرنى،
باغلار ئارا يامرىماقتا سېرىقلىق.
يېشىل پەقەت سەن ھىدلىغان ياپراقلار،
چۈنكى ئۇندا سۆيگۈ مىھرىم يېنىقلىق.
历史上的今天:
گۈزەل كۈنلەر 2013-07-22يامغۇردىكى ھىسلار 2013-07-22كۆز ۋە كۆڭۈل 2013-07-22يەكشەنبىدە... 2013-07-22يۈرىكىڭنى سىزىۋالىمەن 2013-07-22
收藏到:Del.icio.us