سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
-
يۈرىكىڭنى سىزىۋالىمەن - [شېئىرلار]
2013-07-22
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/234825421.html
يۈرىكىڭنى سىزىۋالىمەن
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
سۈرىتىڭنى سىزىۋالىمەن،
يۈرۈكۈمنىڭ بىنەملىكىگە.
خاتىمە بەر يالغۇزلىقىڭنىڭ،
مەغرۇر تۇرقى،بېغەملىكىگە.
ھەيرانغىنە قالىدۇ ھەممە،
پاك سۆيگۈمنىڭ تېمەنلىكىگە.
يۈرىكىڭنى سىزىۋالىمەن،
ھارارەتلىك ئالقانلىرىمغا.
بويسۇنمايمەن تەقدىر دېگەننىڭ،
شۇم-رەھىمسىز ئارقانلىرىغا.
ھىجران ئاتلىق ئاشۇ قەسىرنىڭ،
باغرىم ئۇراي قالقانلىرىغا.
كۆزلىرىڭنى سىزىۋالىمەن،
سۈبھىيدىكى بارخانلىرىمغا.
يۈرىكىڭنى تېڭىۋالىمەن،
چاچقۇ كەبى ئارمانلىرىمغا.
نۇرغۇن جاۋاپ بېرىسەن تېخى،
تالاي قۇرۇق يانغانلىرىمغا.
سىمايىڭنى سىزىۋالىمەن،
تۈندە ھەمراھ خىياللىرىمغا.
تۇتقۇن بولۇپ كېتىسەن ئەركەم،
مىسرالارنىڭ قىيانلىرىغا.
شېئىر تولغان كۆزۈمگە قاراپ،
ھاياجاندىن تىترەيدۇ دۇنيا!
历史上的今天:
گۈزەل كۈنلەر 2013-07-22يامغۇردىكى ھىسلار 2013-07-22كۆز ۋە كۆڭۈل 2013-07-22يەكشەنبىدە... 2013-07-22سۆيگۈ مىھرى 2013-07-22
收藏到:Del.icio.us