سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
-
توقايلىقتا قالغان بالىلىق - [شېئىرلار]
2012-12-05
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/225394663.html
توقايلىقتا قالغان بالىلىق
سائادەت ساتتار
كۆز ئالدىمدا بىز چوڭ بولغان توقايلىق،
ئۇندا ھەر كۈن پادىلارنى باقاتتۇق.
بەس-بەس بىلەن سەكرىشىپ تار ئېرىققا،
چۆمۈلۈشۈپ سۇ بىلەن تەڭ ئاقاتتۇق.
چۇقىرىشىپ سۇ چېچىشىپ ئۆز-ئارا،
لاي سۇلاردىن بېلىقلارنى تۇتاتتۇق.
كىرىپ كەتكەچ قويلار مۇنبەت ئېتىزغا،
دېھقانلاردىن دەشنام ئىشتىپ تۇراتتۇق.
شوخلۇق قىلىپ بەزى كەپسىز ئوغۇللار،
ئوغۇرلايتتى ئېتىزلىقتىن تەرخەمەك.
مەززە قىلىپ بۆلۈشۈپ تەڭ يىگەندە،
بىلىنەتتى تەمى خۇددى ھەسەلدەك.
زىمىستاننىڭ ئاچچىق سوغۇق كۈنلىرى،
ئۇتۇن تېرىپ گۈلخانلارنى ياقاتتۇق.
(گا –گا)ئويناپ ئېڭىزلىقتا بەستلىشىپ،
پالاق تىگىپ قاڭشارلارنى ياراتتۇق.
ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم بۈگۈن توقايغا،
ئاشۇ تەنتەك شوخلۇقۇمنى سېغىنىپ.
كۆڭلۈم يېرىم قاراپ قالدىم ئۇنىڭغا،
باغرىم گويا مىڭ پىچاقتا تىلىنىپ.
يۇلغۇنلاردىن ئەسەرمۇ يوق ئاھ بۈگۈن،
ئېرىقلارمۇ قۇرۇپ قاپتۇ شورلۇنۇپ.
باغرىم كەبى توقاي باغرى يېرىلىپ،
تۈمۈر يوللار ياسىلىپتۇ سوزۇلۇپ.
خىيال سۈردۈم توقايلىقتەك مۇڭلۇنۇپ،
تۈمۈر يولنىڭ رىلىسىدا ئولتۇرۇپ.
غاقىلدىدى شۇ ئەسنادا شۇم قاغا،
ئۇل كەيپىمنى تېخىمۇ بەك ئۇچۇرۇپ.
قارىساممۇ ئەتراپىمغا تەلمۈرۈپ،
تاپالمىدىم توقايلىقنىڭ ئىزىنى.
ئۇمۇ بەلكىم ئۇنتۇلۇپمۇ كەتكەندۇ،
ئۆتمۈشتىكى مەندەك سەھرا قىزىنى.
تاپالمىدىم بالىلىقنى توقايدىن،
،توقايلىقمۇ ماڭا ئوخشاش قېرىپتۇ.
ئاقارغاندەك چاچلىرىم ھەم ئۇنىڭمۇ،
يۈزلىرىنى مىڭلاپ قورۇق تىلىپتۇ.
خەير!
توقايلىقتا قالغان بالىلىق،
بالىلىقتا قالغان توقايلىق
收藏到:Del.icio.us
评论