سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
كۆز ۋە كۆڭۈل - [شېئىرلار]
2013-07-22
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/234825424.html
كۆز ۋە كۆڭۈل
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
شاختا مۇڭلۇق سايرىغان بۇلبۇل،
ئۈركىگەندەك زەررە تىۋىشتىن.
مەن قورقاتتىم ئۇزۇندىن بېرى ،
كۆزلىرىڭگە قاراپ سېلىشتىن.
تىنىق كۆزۈڭ مىسالى بۇلاق،
ئەندىكەتتىم چۆكۈپ كېتىشتىن.
ئېيتىپ بەرسەڭ ئۈنسىز سىرىڭنى.
ئەنسىرەيتىم سۆيۈپ قېلىشتىن.
كۆزلىرىڭدىن تارىغان مۇڭ كۈي،
چەكمەكچىدەك قەلىب تارىمنى.
قاراشلىرىڭ خەنجەر كەبى ئاھ،
تىشىپ ئۆتتى يۈرەك- باغرىمنى.
شۇندىن بېرى شۇ قاراشلىرىڭ،
قېتىپ قالدى قاراقلىرىمدا.
كېلەرسەنمۇ پەرھادىم كەبى،
كۈتسەم پىنھان راۋاقلىرىمدا.
历史上的今天:
گۈزەل كۈنلەر 2013-07-22يامغۇردىكى ھىسلار 2013-07-22يەكشەنبىدە... 2013-07-22يۈرىكىڭنى سىزىۋالىمەن 2013-07-22سۆيگۈ مىھرى 2013-07-22
收藏到:Del.icio.us