سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
يەكشەنبىدە... - [شېئىرلار]
2013-07-22
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/234825422.html
يەكشەنبىدە...
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
بېرىپ قالسام يەكشەنبىدە يېنىڭغا،
گۈل نەھاجەت؟يۈرىكىڭنى بېرىپ كەت.
مەشۇقىنى كۈتكەن سەنەم بېغىغا،
ساداقەتنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىپ كەت.
كېلىپ قالساڭ تەساددىپى بىر كۈنلەر،
يەكشەنبىگە توغرا كەلسە كېلىشىڭ.
ئېچىلدۇرۇپ دىل بېغىمدا قىزىلگۈل،
بولالايمەن ئەڭ سەمىمى سىردىشىڭ.
خۇدۇكسىرەش نەھاجەتكى مەشۇققا،
ئارزۇ گۈلى پورەك ئاچقان شۇ دەمدە.
ئۈزىۋالساڭ بېغىمدىكى گۈلۈمدىن،
تەبەسسۇمدا باش قويىمەن مۈرەڭگە.
شىرىلدىغان تاغ سۈيىدەك يېقىملىق،
ئورناپ كەتسۇن دىلغا تاتلىق پىچىرلاش.
مەشۇق ئۈچۈن راۋا بولماس ھېچقاچان،
ئاشىقىنىڭ سۆيگۈسىدىن يىتىرقاش؟
历史上的今天:
گۈزەل كۈنلەر 2013-07-22يامغۇردىكى ھىسلار 2013-07-22كۆز ۋە كۆڭۈل 2013-07-22يۈرىكىڭنى سىزىۋالىمەن 2013-07-22سۆيگۈ مىھرى 2013-07-22
收藏到:Del.icio.us