سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
-
ئۇيغۇر بىز - [شېئىرلار]
2013-05-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/234015290.html
ئۇيغۇر بىز
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
يىقىلغاننى كۆرگەندە يۆلەيدىغان ئۇيغۇر بىز،
يالغۇز بىر ۋاق تاماقنى يېمەيدىغان ئۇيغۇر بىز.
ياردەم دىسە بىرلىرى ھەرگىز قاراپ تۇرماستىن،
قايسى مىللەت، قايسى دىن دېمەيدىغان ئۇيغۇر بىز.
يىغلىغاننى كۆرگەندە يىغلايدىغان ئۇيغۇر بىز،
ئەھدىمىزگە خىيانەت قىلمايدىغان ئۇيغۇر بىز.
ئاچ بولسىمۇ قوسىقى ئاچ قالغانغا نان بېرەر،
قىزغىنىشنى، تامانى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر بىز.
مىھمان كەلسە سۆيۈنۈپ كۈلىدىغان ئۇيغۇر بىز،
بىر باش پىياز يا خوراز سۇيىدىغان ئۇيغۇر بىز.
لەۋلەر يېرىق بولسىمۇ چاندۇرماستىن مىھمانغا،
ھۆرمەت بىلەن ھەسەل چاي سۇنىدىغان ئۇيغۇر بىز.
قەرز بەرسەك تىلخەتمۇ ئالمايدىغان ئۇيغۇر بىز،
كىشى ھەققى رىزقىدىن تانمايدىغان ئۇيغۇر بىز.
ئوڭ قولىدا ياخشىلىق قىلسا سول قول بىلەلمەس،
ياخشىلىققا ھېچ داۋراڭ سالمايدىغان ئۇيغۇر بىز.
历史上的今天:
31-ئىيۇل 2013-05-20توقايلىقتىكى گۈلخان 2013-05-20ئۇيغۇر دوپپىسى 2013-05-20ئالما ساتقۇچى بوۋاي 2013-05-20
收藏到:Del.icio.us