سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
-
ئالما ساتقۇچى بوۋاي - [شېئىرلار]
2013-05-20
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/234015281.html
ئالما ساتقۇچى بوۋاي
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
ئۈرۈمچىنىڭ كەچكۈز ئاخشىمى،
جاندىن ئۆتەر بۇ ئاچچىق سوغۇق.
بىرى بىزار ئىسسىق ئۆيىدىن،
بىرلىرىگە كىرەرگە ئۆي يوق.
ئەڭ ئاخىرقى بىر تال يوپۇرماق،
ئۇچۇپ چۈشتى قارنىڭ ئۈستىگە.
ھارۋىسىنى سۆرەپ يۈرىدۇ،
باققال بوۋاي كونا رەستىدە.
خېرىدارسىز ئۈششۈگەن ئالما،
ئىگىسىدەك تۇرىدۇ مىسكىن.
ئالدىراشلا ئۆتكەن كىشىلەر،
پەرۋا قىلماس ئۇلارغا لېكىن.
بوۋاي قولى تىترەپ تۇرسىمۇ،
ئالمىلارنى تىزىدۇ تاللاپ.
مارارى يوق، يەتمەيدۇ ئۈنى،
ئالمىلارنى سېتىشقا توۋلاپ.
قاراپ قويسا بىرلىرى ناگان،
نۇرلىنىدۇ بوۋاينىڭ كۆزى.
-تاللىۋېلىڭ، غۇلجا ئالمىسى...
تەكرارلىنار شۇ كونا سۆزى.
***
ئۈرۈمچىنىڭ كەچكۈز ئاخشىمى،
جاندىن ئۆتەر بۇ ئاچچىق سوغۇق.
يەنە شۇنداق توۋلىدى بوۋاي،
ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازدا بوغۇق...
2012-11-14
历史上的今天:
31-ئىيۇل 2013-05-20توقايلىقتىكى گۈلخان 2013-05-20ئۇيغۇر دوپپىسى 2013-05-20ئۇيغۇر بىز 2013-05-20
收藏到:Del.icio.us