سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
گۈزەل كۈنلەر - [شېئىرلار]
2013-07-22
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/234825427.html
گۈزەل كۈنلەر
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
شېخىدىن ئۈزۈلگەن يوپۇرماق كەبى،
قۇچىقىڭغا سىڭگەن ئىدىم مەن.
تالاي-تالاي شىرىن كۈيۈڭگە،
ئاھ، خۇمارمەن، كۆنگەن ئىدىممەن.
پاك، غۇبارسىز، تىنچ قەلبىمگە،
ئۆزۈڭ بۈسۈپ كىرگەن ئىدىڭ سەن.
شىرىن-شىرىن كۆرگەن چۈش كەبى،
تاتلىق ھىسلار بەرگەن ئىدىڭ سەن.
دىلدا مەڭگۈ تاتلىق ئەسلىمە،
ئۇنتۇمايمەن، ئۇنتۇمايسەن ھەم.
سېنىڭ بىلەن ھايات بېغىدا،
مەڭگۈ خۇشال ئۆتكۈم بار ئەركەم.
2013.6.4
历史上的今天:
يامغۇردىكى ھىسلار 2013-07-22كۆز ۋە كۆڭۈل 2013-07-22يەكشەنبىدە... 2013-07-22يۈرىكىڭنى سىزىۋالىمەن 2013-07-22سۆيگۈ مىھرى 2013-07-22
收藏到:Del.icio.us