سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
يامغۇر - [شېئىرلار]
2013-11-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/237174593.html
يامغۇر
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
مەن ئۈچۈنلا ياغىسەن بەلكىم،
يۇيماق بولۇپ پىغانلىرىمنى.
جىمجىتقىنە سىڭىپ قەلبىمگە ،
ئويغىتىسەن ئىسيانلىرىمنى.
بۇرۇقتۇملۇق ئەسىر قىلغاندا،
تامچىرىلىڭ سىلار مەڭزىمنى.
يىغلىشىمغا يارىتىپ ئىمكان،
يۇشۇرىسەن كۆز-ياشلىرىمنى.
سەندەك سىرداش بارمۇ جاھاندا،
سۇغىرىسەن چاڭقاق دىلىمنى.
مىھىرسىراپ قۇرىسا بەرگىم،
ياشارتىسەن پۈتكۈل بېغىمنى.
سەنلا ئاتا قىلغان ھىسلارنى،
بۇ جاھاندا بېرەرمەس ھىچكىم.
سىڭىپ كەتسەم دەيمەن قوينۇڭغا،
تامچەڭ بولۇپ ئاخىرقى قېتىم.
历史上的今天:
ئاداققى ئۈمىد 2013-11-07كۈلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار 2013-11-07مۇڭدىشايلى كەل! 2013-11-07سەھەر 2013-11-07يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى 2013-11-07