سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
-
ئاداققى ئۈمىد - [شېئىرلار]
2013-11-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/237174604.html
ئاداققى ئۈمىد
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
كۈتۈشنىڭ چۆلىدە ئۆتتى كۆپ باھار،
بىلمىدىم نەلەردە يۈرىسەن تېنەپ.
بىر قۇچاق گۈل ئېلىپ كەلگىنە جېنىم،
باغلارنى ۋىسالنىڭ رەڭگىدە بېزەپ.
ناتونۇش يوللاردا ماڭدىم بەك ئۇزۇن،
مەنزىلىم قەيەردە بىلمىدىم زىنھار.
ئاخىرقى مەنزىلگە يەتكۈچە بىر رەت،
كىلەمسەن قىلغىلى كۆڭلۈڭنى ئىزھار؟
ئۈمىدنىڭ نۇرى بار كۆلچەكلەر ئارا،
مەن تېخى ئاينىمۇ سۈزۈپ باقمىدىم.
تالاي رەت چۈشۈمدە ئۇچراتتىم سېنى،
ئوڭۇمدا بىرەر رەت كۆرۈپ باقمىدىم.
يۈرسەممۇ شۇنچە چوڭ ئاۋات شەھەردە،
يىمەكتە جىسمىمنى ھەردەم يالغۇزلۇق.
ئاھىمدىن قۇرىدى تالاي دەريالار،
بېسىلماس نە ئۈچۈن يەنە ئۇسسۇزلۇق؟
سۆيۈشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدىم،
سۆيۈلۈش ئەركىمگە باقمىدى بىررەت.
گۈلباغلار ئىچىدە يۈرسەم غېرىبان،
ھەر ياپراق بەرگىدىن تۆكتى مىڭ ھەسرەت.
يېقىنلاپ كەلمەكتە باغلارغا كەچكۈز،
زىمىستان باغرىغا تاشلىمىغىن يار.
ئاخىرقى ئۈمىتتە باقتىم يولۇڭغا،
كەلمىسەڭ چۈشۈمدە قىينىمىغىن يار.
历史上的今天:
كۈلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار 2013-11-07مۇڭدىشايلى كەل! 2013-11-07سەھەر 2013-11-07يامغۇر 2013-11-07يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى 2013-11-07