سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
سەھەر - [شېئىرلار]
2013-11-07
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/saadat-logs/237174596.html
سەھەر
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
سەھەر
مىسكىنغىنە باقتىڭ كۆزۈمگە،
سىڭىپ كىرمەك بولۇپ كۆڭلۈمگە،
تەبەسسۇمدا قىلغان سالىمىڭ،
قېتىپ قالدى سۈكۈتلىرىمدە.
سەھەر
مۇھەببەتلىك تۇيغۇلىرىڭدىن
ئوخچۇپ چىقار ئوتلۇق تىنىقلار.
كۈۋەجىگەن دولقۇنلىرىڭدا،
زار يىغلايدۇ مىسكىن بېلىقلار.
سەھەر
دەرىزەمنى چېكىپ تىنىمسىز،
يەنە شۇ كۈي ئاڭلاندى تەكرار،
پىنھاندىكى سۆيگۈ نالىسى،
پىغانىنى قىلماقتا ئىقرار.
سەھەر
سالامىڭغا چۈشكەندە كۆزۈم. ،
ھېسداشلىقتا ئۆرتەندى يۈرەك.
پىغانلىرىڭ، ئوتلۇق سالىمىڭ،
توزۇپ كەتتى ئاچمايلا چېچەك..
历史上的今天:
ئاداققى ئۈمىد 2013-11-07كۈلىشىمنى سېغىندىڭمۇ يار 2013-11-07مۇڭدىشايلى كەل! 2013-11-07يامغۇر 2013-11-07يامغۇر ياغقان ئەشۇ ئاخشىمى 2013-11-07