سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
خىيال - [شېئىرلار]
2012-11-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/225108929.html
خىيال
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
خىياللار قوينىدا ئەركىن قۇش-يۈرەك،
غازاڭلىق يوللاردا كىلىسەن گاھى.
يىراقتىن ئاڭلانغان پىچىرلىشىڭغا،
گاھ سىڭىپ كىتىدۇ بۇلبۇلنىڭ ئاھى.
شەپەقتە كۆرىمەن بېقىشلىرىڭنى،
ئاخىرقى نۇرلاردا ئىللىتار زىمىن.
كېچىنىڭ زۇلمىتى ئازاپ بولسىمۇ،
يېڭى تاڭ ئاتىدۇ تۈنلەردىن كىيىن.
بىر تاتلىق كۈلىسەن كىلىپ ئالدىمغا،
قولۇڭدا مەن ئۈچۈن تىزغان گۈلدەستە.
چاچقۇلار چېچىلۇر شۇئان سابادىن،
بارچە ئەل بەختىمگە كۈلەر ھەۋەستە.
2012-11-7
历史上的今天:
كىرگىن ئەركەم، چۈشۈمگە كىرگىن 2012-11-26سەن ھامان 2012-11-26سېغىنىش 2012-11-26سۆيگۈ 2012-11-26ئىزدىدىم 2012-11-26
收藏到:Del.icio.us