سائادەت ساتتار ئايتۇغ ئەسەرلىرى
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
ئىزدىدىم - [شېئىرلار]
2012-11-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/225108931.html
ئىزدىدىم
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
پەرھات يارغان تاغلاردىن سىمايىڭنى ئىزدىدىم.
مەجنۇن ئېيتقان ناخشىدىن ئىسيانىڭنى ئىزدىدىم.
ئۆتۈپ كەتتى ئاي-يىللار يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ،
خەندان ئۇرسا بۇلبۇللار نىگاھىڭنى ئىزدىدىم.
ھەر سەھەردە يېڭىچە ئۈمىد بىلەن ئويغىنىپ،
ۋەدىلەشكەن باغلاردىن ئىزنايىڭنى ئىزدىدىم.
ئەھدىلەشكەن مۆھلەتتە ھېچ كەلمىدى خېتىڭمۇ،
مەكتۈپ بەرسە بىرلىرى ئىمزايىڭنى ئىزدىدىم.
بارلىقىنى ئاتىغان تاھىرنىلا كۈتۈشكە،
زۆھرە كەبى ۋاپادىن مىزانىڭنى ئىزدىدىم.
2012-11-8
历史上的今天:
كىرگىن ئەركەم، چۈشۈمگە كىرگىن 2012-11-26سەن ھامان 2012-11-26سېغىنىش 2012-11-26سۆيگۈ 2012-11-26خىيال 2012-11-26
收藏到:Del.icio.us