بلوگ يېزىش توربىكەت قۇرۇش خىيالى بارلارغا ،ئاۋۋالقى مەسىلە  ئىسىم بىلەن توربىكەت بوشلۇقى سېتىۋېلىش . تورغا پىشقەدەم بۇپقالغان ، خەنزۇچە سەۋىيەسى ياخشى ،ئىسىم ئىلتىماس قىلىش،بوشلۇققا ئۇلاش قاتارلىق ئىشلارنى بىلىدىغانلارخالىغان بىر خەنزۇچە بىكەتلەربىلەن ئالاقە قىلىپ مەقسىدىگە يىتەلەيدۇ . لېكىن توردۇنياسىد بۇنچىلىك سەۋىيلىك ئادەملەر ساناقلىقلار .  كۆپ قىسمىمىز بلوگ يېزىش ،توربىكەت قۇرۇش ھەۋىسىمىز كۈچلۈك ئەمما بۇ ھەقتە ھېچنىمە بىلمەيدىغان ،ھاتتا بوشلۇق،ساندان دىگەنلەرنىڭ رۇلىنى پەقەت چۈشەنمەيدىغانلاردىنمىز .

لېكىن ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى ئۇلار  كەسىپ دائىرسىدىن ھالقىپ ،مەسئۇلىيتىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش بىلەن توردۇنياسىدا تەمتىراۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن كۈچى يەتكەن دائىرىدە يىتەكچىلىك قىلىپ كىلىۋاتىدۇ . قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئۈچۈن ئارتۇق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ . ئۇلار سىز بىلمەيدىغان ، ئۇقۇشمايدىغان يەرلەردە يۈرۈپ باشقىلارغا ئالدىنىپ زىيان تارتىپ كەتمىسىڭىزلا شۇنىڭغا رازى .ھەرقانداق يادەمگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە بولسۇن-بولمىسۇن ،ئۈزىنىڭ خېرىدارى بولسۇن-بولمىسۇن سوئاللىرىڭىزغا جاۋاپ بىرىدۇ ۋە بىلەلمىگەن جايلىرىڭىزنى بىلدۈرۈپ قۇيىدۇ ياكى قىلىپ بىرىدۇ .

ئەگەر مۇشۇنداق كىشىلەر بولمىغان بولسا مىنىڭ توردۇنياسىدا پەقەت تىل بىلمەسلىك سەۋەبىمدىن ھازىرقىدەك بىر بلوگنى نۇرمال يېزىپ مېڭىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى . . .

مانا بۇ مىنىڭ www.Uydata.com دىن ئىسىم ۋە بوشلۇق سېتىۋالغاندىن كىيىنكى تەسىراتىم ۋە رازىلىقىم .

سىز بەلكىم . . .

خەنزۇچە سەۋىيڭىز ياخشى ، تور بىلىملىرىنى بىلىدىغان ، ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتكە مۇھتاج بولمىغۇدەك دەرىجىدە بىلىملىك بىرىدۇرسىز . . . شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇچە بىكەتلەردىن ئىسىم ،بوشلۇق سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقانىسىز. . .  شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭكى  بىرخوشنىڭىز ناۋايخانا ئاچسا ئاتلاپ بېرىپ ياتلاردىن نان ئېلىپ يىيشىڭىز بىلىملىكىڭىزنىڭ ئىپادىسى بولماستىن ۋەتىنىڭىز- خەلىقىڭىزنىڭ تۇمۇرىغا چاپلاشقان «كانا»دۇرسىز . . . سىزدەك كىشىلەر كۆپەيگەنسىرى ۋەتەن ھامان قانسىراپ يېقىلىپ قالىدۇ .

بەلكىم   خەنزۇچىنى بىلمەيدىغان توربىلىملىرىدىنمۇ خەۋەرسىز ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتكە مۇھتاج لېكىن بىر قىسىم كىشىلەردەك «ئۇيغۇرلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، بۈگۈن سەكرىگەن بىلەن سىيىپ كىرىپ يېتىپ قالىدۇ ،ساتار ۋاقىتتا قېرىندىشىڭ ،دىندېشىڭ دەپ ساتقان بىلەن پۇلنى ئېلىپ بولسا يۇقاپ كىتىدۇ . . . يەنىلا خەنزۇچە كەسپى بىكەتلەردىن ئالغانغا يەتمەيدۇ »دەپ   يا تىلنى بىلىپ جايىنى تاپالماي يا ئىشىك ئالدىدىن كىتەلمەي ياتلارنىڭ مەھەللىسىدە قېقىلىپ – سۇقۇلۇپ يۈرگەن بىرىدۇرسىز . مەن دەيمەن ،  ئەنسىرمەڭ  ! ئۇنداق زامانلار كەتتى . ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان كەسىپنى ئاۋۋال قېرىنداشلىرى بىلەن كۆكلەش ئاندىن پۇل تېپىش مەقسىتىدە قىلىدىغان،خىزمەت،مۇلازىمەت جەھەتتە كەسپى ئۇرۇنلاردىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە  سەۋىيلىك كىشىلەر بارلىققا كەلدى ، ئۇلار خوشنىڭىز ، بىر مەھەللىلىك . زۈرۈل كەلسە ئۇيىگە ئىزدەپ بارسىڭىزمۇ تاپالىغۇدەك يېقىن . بېيجىڭ،شاڭخەي ، شاڭگاڭدا ئەمەس . . .

ۋە بەلكىم سىز تىل-تېخنىكا  بىلمەيدىغان ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتكە مۇھتاج ئۇيغۇرلاربىلەن مۇئامىلە قىلغۇڭىز بار لېكىن قەيەرنىڭ ياخشىراق ،قەيەرنىڭ ماختىغىنىغا چۈشلۈق ئەمىلىيتى بار ،ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ . . . بىلەلمەي يۈرىۋاتقان بىرىدۇرسىز   مەن دىمەكچى بولغان گەپلەرمۇ   دەل مۇشۇ   . . .

ئاخىردا دەيدىغىنىم . . .

ئۈزىمىزنى قوللايلى .ئىچىمىزدىن ئۇيۇشايلى . بىرلىشىش پەرىز ،بۆلۈنۈش تەقدىردىن ئەمەس .

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ئۇيغۇرۇم
    ۋاقىت: 2011- يىل 5- يانۋار 14:16 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    تەستىق نومۇرنى ئېلىش توغرىسىدا بىر نەرسە يوللاپ قويسىڭىز بولاتتى ، بىدىكلەر بەك قىممەت دەپ تۇرۇۋالىدىكەن .

    • ۋاقىت: 2011- يىل 5- يانۋار 14:22 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      مەن ئىشلىتىۋاتقان بۇ بوشلۇق شاڭگاڭنىڭ بولغاچقا تەستىق نۇمۇرى (ICPنى دەيسىز ھەقاچان)كەتمەيدىكەن . ئىلگىرى توردىن ICP بىجىرىش ھەققىدە ماتىريال كۆرگەنتىم ۋاقىت چىقىرىپ يوللاپ قۇياي .

  2. ئۇيغۇرۇم
    ۋاقىت: 2011- يىل 5- يانۋار 14:15 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    راس ياخشى ئوخشايدۇ ، بۇرۇن باللاردىنمۇ ئاڭلىغان ، ئەمدىزە رەسمىي بوشلۇقۇم بولىدىغان بولدى . ئەمدى تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئالسام بولىدىغان بولدى . رەھمەت سىزگە ! ھازىرقى بوشلۇقۇمدىن سەسكىنىپ تۇرغان ، ئادەمنى دۆت چاغلامدىكىن ، يېرىم كېچە بولغاندا توختاپ قالىدۇ . تازا بىردەمدىن كېيىن مېڭىپ كىتىدۇ . ھەي ، ئەمدىزە ئۆزىمىزنىڭ بوشلۇقىنى بىر ئىشلىتەي ، ھېلىقى تەستىق نومۇرۇم بولسىغۇ بەك ياخشى بولىتى . :mrgreen:

    • ۋاقىت: 2011- يىل 5- يانۋار 14:19 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      مەنمۇ ئەمىلىيەتتە ئىشلىتىپ رازى بولغاندىكىن كىيىن بۇتىمىنى يازدىم .

      «قوينۇڭدىن تۈكۈلسە قونجۇڭغا»دەپتىكەن كونىلار كەتسە ئۈزۈمىزگە كىتىدۇ ئەمەسمۇ ؟

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*