didar

ھېكمەتلىك سۆزلەر، ماقالىلەر، جەۋھەرلەر مىنىڭ مەكتىپىم. بۇرۇندىن باشلاپ كۆرگەنلا يەردە يىغىپ ماڭىدىغان ئادىتىم بارئىدى. 

مەزكۇر تىمما ئۈندىداردا ئېقىپ يۈرگەن ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ بىر قەدەر كۆپرەك توپلىنىشى بۇلۇپ ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن جەۋلان توپلىغان ئىكەن. بۇلارنىمۇ يىغىۋېلىش مەقسىتىدە يوللاپ قويدۇم.

ھېكمەتلىك سۆزلەردىن ئىلھام، مەدەت، ئىبرەت، دەرىس ئالالايدىغانلارغا ناھايىتى ئۇبدان دەرسىلىك بولالايدۇ… روھچىن

 

شۇنچىلىك ‏ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزلەرگە سەجدە قىلغۇدەك ،ئۆزىمىزنى شۇنچىلىك خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك.

بۇ ھاياتتىكى ئەڭ ئادىل بىر ئىش –ھەممە ئىنسان ئۆلىدۇ.

ھېچبىر ئادەم كۆرۈنگەندەك ياخشى ،   ئېيتىلغاندەك ئەسكى ئەمەس …

ئەتىگىنى سىزنى ئويغىتىدىغىنى قوڭغۇراق ئەمەس، غايىڭىز بولۇشى كىرەك!

خۇداسى بار تىلەپ يۈرگەننىڭ،
ئىگىسى بار تېنەپ يۈرگەننىڭ.
مەنزىلى بار ھامان بىر كۈنى،
تەقدىر ھەريان سۆرەپ يۈرگەننىڭ.

‏يىقىلساڭ بىرىنجى بولۇپ سىېنى يۆلەيدىغىنى يىقىلسا قانداق بولىدىغاننى بىلىدىغانلاردۇر…

ﮪﺎﻳﺎﺕ ﺑﯩﺮ ﻣۇﺟﯩﺰﻩ,   ﻣۇﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﺱ, ۋﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﺎﻕ, ﺳﻪﻥﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﺸﺎﻥ, ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ,, ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ.

بىر تەرەپتە ئىمان،
بىر تەرەپتە شەيتان،
‏بىر ياندا ھەقىقەت،بىر ياندا يالغان،
‏ئوتتۇرىدا قىينىلار بىچارە ئىنسان !

ئادەملەر سىزدىن بۇرۇنقىدەك پايدىلىنالمىغىنىدا سىزنى ئۆزگىرەپ كەتتى دىيشىدۇ….

ئىنسان باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى كۆرگەندە سوتچى بوپ قالغان بىلەن، ئۆز خاتالىقى ئالدىدا ئادۇۋكات بولىدىكەن.

ياشاش بىر قانۇنىيەت…قانداق ياشاش ئۇ بىر قابىليەت

بىزدىكى ئەڭ يامان بىر ئادەت بىر ئادەمدە كۆرگەن يامان ئىشنى ھەممە ئادەمگە دەپ پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزگىلا دىمەسلىكىمىزدۇر

ئانار دانىلىرىنى بىرمۇ بىر دەل جايىغا يەرلەشتۈرگەن رەببىم  ،سىزنى قايسى كۆڭۈلگە يەرلەشتۈرىشىنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ؛ شۇڭا ، غەم قىلماڭ  ،   دۇئا قىلىڭ…

كىتىش بىر گەپ,كېچىش بىر گەپ 。

ئېرىشكەنلىرى ئۈچۈن شۈكرى قىلىشنى بىلمىگەنلەرنىڭ يوقاتقانلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇردىغان ھەققى يوق!

‏دۇنيادىكى ئون چوڭ ھەشىمەتلىك بويۇمنىڭ قانچىسى سىزدە بار؟          ‏          ‏1. بالىلارچە پاكىز قەلب          ‏2. سۇنماس ئېتىقاد          ‏3. سومكىنى يۈدۈپلا سەپەرگە ئاتلىنالىغۇدەك ساغلام بەدەن ۋە روھ          ‏4. ئۆزىڭىزنى ئازادە ھېس قىلدۇرالايدىغان خىزمەت ھەم تۇرمۇش          ‏5. تىنچ ۋە تاتلىق ئۇيقۇ          ‏6. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان ۋاقت ۋە بوشلۇق          ‏7. خۇشال ھالدا جەم بولۇپ بىللە تاماق يېيىشكۈدەك ئاتا ئانا ئۇرۇق- تۇققان ۋە دوست- بۇرادەرلەر          ‏8. ياخشى نەرسىلەرنىڭ لەززىتىنى تېتىيالايدىغان يۈرەك          ‏9. سىزگە سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى بىلدۈرەلەيدىغان، قولىڭىزنى قويىۋەتمەيدىغان بىر كىشى          ‏10. باشقىلارنىڭ ئۈمىد شامىنى ياندۇرالايدىغان روھىي ئۈستۈنلۈك

مەن نىچۈك ئەيلەي كۆڭۈلنى شادەلەر
قايسى بىر غەمدىن قىلاي پەريادەلەر
ھەرنە ئىشقا ئىچىڭنى سىقما ئەي كۆڭۈل
نە بۇ دەردلەر ئەبەدى نە بۇ ئۆمۈر

رايىم ياندى ،جاندىن جاھاندىن.
دىلدا سۇلتان ياردىن،جاناندىن.
تالاشقۇم يوق ئالسۇن دۇنيانى.
ئەقلى گالۋاڭ بايقۇش ناداندىن.
سۇ ئىچمىدى بىچارە كۆڭۈل،
يا ياخشىدىن ياكى ياماندىن.
جاھىل بەرگەن بالدىن ياخشىكەن،
زەھەر ئېلىپ يىسەڭ تاداندىن.
ئۆتكۈنچى بۇ يالغان ئالەمدە،
نەرقىڭ بەلكىم ئەرزان ساماندىن.
ئويلا ساڭا نىمىلەر قالدى،
ئۆمۈر ئاتلىق ئەسكى خاماندىن.

مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن ئۇلۇغ گەپ قىلساڭمۇ قۇرۇق گەپ بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن قۇرۇق گەپ قىلساڭمۇ ئۇلۇغ گەپ بولىدۇ !

خۇشال ۋاختىڭدا ۋەدە قىلما، ئازابلانغاندا  جاۋاب بەرمە، ئاچچىخلانغاندا قارار چىقارما

بىلىقنى قارماققا ئىلىندۇرغىنى يەمچۇك ئەمەس ، بىلىقنىڭ نەپسى!

ئىتائەتنىڭ جاپاسى تۈگەپ ساۋابى قالىدۇ، گۇناھنىڭ لەززىتى تۈگەپ ئازابى قالىدۇ…

اللە رىزقىڭغا كېپېل:رىزقىڭدىن ئەنسىرمە.
اللەجەننىتىڭگە كىپىل ئەمەس:  جەننىتىڭدىن ئەنسرە …

سىز تەرەققى قىلىپ يۈكسەلگەندە دوسلىرىڭىز سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. سىز ۋەيران بولۇپ بىچارە بولغاندا سىز دوسلىرىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.

بۈگۈن ئەتەڭ ئۈچۈن تىرىشمىساڭ مەڭگۈ تۈنۈگۈنكىدەك ياشايسەن…

سۆز—چۆچەكنى ھەسەتخور توقۇپ چىقىدۇ.دەللال تارقتدۇ.         دۆت ئشىنىدۇ…

‏ئادەم پۇلنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەيدۇ ، ئەمما پۇل ئادەمنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتىدۇ .

‏تىلى بىلەن دىلى بىر بولمىغان ئادەم ___سەن كۆرگەندە تىلىدىكىنى ، سەن كۆرمىگەندە دىلىدىكىنى قىلىدۇ .

بىر يىقىلىش بىر قېتىملىق ئورنىدىن تۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، بىر يەكلىنىش بىر ئۆزىگە تاينىدىغان روھنى ئويغىتىدۇ ، بىر ئاچچىق ساۋاق ئادەمنى تېخىمۇ تەمكىن قىلىدۇ ۋە پىشىپ يىتىلدۇرىدۇ.……

ئىنسان ئاخىرەتنى ئەستىن چىقارغىنىدا ،  خاتالىقلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر تۇيۇلىدۇ

ئالدىراپ دەردىڭنى ئېيتما كۆڭلى خۇشنىڭ كارى يوق
ئەلمىساقتىن ھەق بىلەن ۋىجدانى سۇسنىڭ كارى يوق
ياتقا ياتلار يىغلىغايمۇ ئۆز قاياشى بولمىسا
يەردە مىڭ گۈل سولسىمۇ ئاسماندا قۇشنىڭ كارى يوق

ئوت ئىبراھىمنى كۆيدۈرمىدى ، پىچاق ئىسمائىلنى كەسمىدى ،دېڭىز مۇسانى غەرق قىلمىدى ، لەھەڭ يۇنۇسنى يەۋەتمىدى ،سەۋەبى ئۇلار ئاللاھقا تەسلىم بولغان ھەم ئىشەنگەن ئىدى، ئېغر كۈنلەردە ياردەمسىز قالمىدى

ئىسىڭدە  بولسۇن دۇنيا ئەكىس  ساداغا تولغاندۇر ,سەن  نىمە دەپ  ۋارقىرساڭ  ساڭىمۇ  شۇ  قايتىدۇ、كىشىگە نىم قىلساڭ ئۈزەڭگە شۇ يانىدۇ   .

مىسكىن قەلىبلەرنىڭ ھېكايىسى قىسقا بولىدۇ. ـ نېمە بولدى؟دېيىشىدۇ.   ھېچنىمە،دەيسەن،تۈگەيدۇ…

زىمىستان قەھرىگە بىرەلمەي بەرداش،
مۇمكىنمۇ ئەكەلمەك باھارنى چىللاپ .
ئۆزىمىز شام بۇلۇپ يانالماي تۇرۇپ ،
نە ھاجەت زارلانماق زۇلمەتنى تىللاپ !

‏نۇرغۇن ئىشلار دىلىڭدىلا بولماي ئەمەلىيتىڭدە ھەم ھەركىتىڭدە بولسۇن ، گۈلگە سۇ قۇيۇشنى كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قويۇپ سۇ قۇيماي سىناپ باق …………….

بۈگۈنكىدەك ئەقلىڭىز بولغان بولسا ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمىگەن بولاتتىڭىز، ئەمما ئۆتمۈشتىكى شۇ نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزمىگەن بولسىڭىز بۈگۈنكىدەك ئەقلىڭىز بولمىغان بولاتتى. …

دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خائىن بۇلشىىڭ زۈرۈر  ئەمەس،  بەلكى سىنىڭ  دۆت  بۇلۇشۇڭ يىتەرلىكتۇر.

‏‏سەن كۆرگەن ھەربىر ئىنسان بىر كىتاپ ، سەن چۈشەنمىگەن ھەربىر ئادەم سەن تېخى ئوقۇمىغان كىتاپ.‏شۇڭا باشقىلارغا ئالدىراپ باھا بەرمەڭ..! دوۋزاخ ئەھلىنىڭ كوپىنچىسى تىلى ئۇزۇنلاردۇر.

مەنزىلگە بارغۇچە كۆپ ئوڭۇشسىزلىقلار بىزگە ھەمراھ،  بىراق تىرشىپ تاغ ئۇستىگە چىققاندا باشقىلار نېمە نىيەتتە قارىسۇن بىشىنى كۆتۇرۇپ قاراشقا مەجبۇردۇر…

.باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىشلارغا  بەرداشلىق بەرگىنىڭدىلا ،  ئاندىن باشقىلار ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە  ئېرىشەلەيسەن   !

كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن كۆزۈڭنى ئېتىۋالالايسەن ،لېكىن ھېس قىلىشنى خالىمايدىغان تۇيغۇلار ئۈچۈن يۈرىكىڭنى ئېتىپ قويالمايسەن.

بالاڭنىڭ ئەتە قانداق ئادەم بولىشىنى ئۈمۈد  قىلساڭ ،بۈگۈن ئۆزۈڭ ئاشۇ ئادەم بول.

‏خېرىدار بىلەن ئۇستۈنلۈكنى تالاشتىڭ، سەن يىڭىۋالدىڭ، خېرىدار كەتتى. دوستۇڭ بىلەن تالاشتىڭ، سەن يىڭىۋالدىڭ، دوستۇڭ كەتتى.ئايالىڭ بىلەن تالاشتىڭ، سەن يىڭىۋالدىڭ مۇھەببەت كەتتى. كىمنىلا يىڭىۋالما ئاخىرى يىڭىلىپ قالىدىغىنى پەقەتلا ئۆزەڭ

ھايات سەن كۈتكەننى ئەمەس،  بەلكى  ئاللاھ پۈتكەننى  ئېلىپ  كىلىدۇ.

-‏ئىنسان قانداق چاغدا ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ھېس قىلىدۇ؟
‏-يېقىنلىرى ئىزدىمەس بولغاندا.
-ئنسان قانداق چاغدا ئەڭ خورلۇق ھېس قىلدۇ؟
‏-باشقىلارغا خۇشامەت قىلدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا.
-ئىنسان قانداق چاغدا يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇ؟
-غايىسىز. نىشانسىز. ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۆلگەن . قەلبىدە مۇھەببەت قالمىغان چاغدا…
‏-ئىنسان قانداق چاغدا ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلىدۇ؟
‏-كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن ياخشى ئۆتكەن چاغدا…
‏-نىمە ئەڭ ئازاپلىق؟
-ئايرىلىش…
‏-ئىسان قانداق چاغدا ئەڭ بەخىت ھېس قىلدۇ؟
-دۇئاسى ئىجابەت بولغاندا…..

سەمىمىيەت ئەستايىدىل مۇئامىلىگە ئۇچۇرىمىسا ،ئۇنىڭ ئورنىنى بارا-بارا سۈكۈت ئىگىلەيدۇ .ھالبۇكى سۈكۈت دەل كىشىلەر ئارسىدىكى مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىدۇر.

سۈكۈتنىڭمۇ ئاۋازى بار، لېكىن ئۇنى ئاڭلايدىغانغا يۈرەك لازىم

ئەگەر ھەقنى دىيىشكە قادىر بولالمىساڭ، ھىچ بولمىغاندا ناھەقكە چاۋاك چالما !

 

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-نىشانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . .

ھازىرغىچە 2 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ھىلال
    ۋاقىت: 2015- يىل 17- مارت 04:19 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    راسلا ساقلىۋالغۇدەك ھېكىمەتلەر بار ئىكەن…… ئەجرىڭىزگە تەشەكۈرلەر بولسۇن

  2. ۋاقىت: 2015- يىل 11- مارت 09:22 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . رەھمەت سىزگە. ئەگەر ھەقنى دىيىشكە قادىر بولالمىساڭ، ھىچ بولمىغاندا ناھەقكە چاۋاك چالما …………………….

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*