Adimiylikim

Hand chain and lock

بالاغەت يېشىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ئاساسەن ئىش قىلىشى، تۇرمۇش يۇلىنى تاللىشى، ھاياتىغا مەسئۇل بۇلۇش ھۇقۇقى بار.

تېپىپ قويغان ئاتا-ئانىنىڭ، بېقىپ قويغان ئاكا-ئاچىنىڭ، تەربىيلەپ قويغان ئۇستازلارنىڭ ئۇنىڭ ھايات يۇلىنى بىكىتىپ بىرىش مەجبۇرىيتى يوق.

شۇنداقلا ئۇنىڭ ھېسياتىنى، ئەقلىنى، تەپەككۇرىنى، ئىدىيسىنى بۇغۇش، خورلاش ھۇقۇقى تېخىمۇ يوق. لېكىن، جاھان تەرەققى قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئاڭ-سەۋىيسى كۆتۈرلۈپ مۇشۇ ھالەتكە يەتكەندىمۇ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوغۇل ۋە قىزلىرىنى مەنىۋى تۈرمىلەردە قىيناۋاتقانلىقىنى، باققانلىق ئەجىرىنى پەش قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە يۈگەن سېلىپ، ھايات يۇلىنى ۋاكالىتەن ئورۇنلاشتۇرۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

بۈگۈن مۇشۇ مەسىلىلەرئۈستىدە پىكىر يۈزگۈزمەكچىمىز.

بۇ يازمىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئىككى قىزنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەشنى لايىق كۆردۈم.

 

بىرىنچى قىزنىڭ ھىكايىسى:

slave02

بۇ قىز سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى ئانىسى كىسەل بىلەن قازا قىلغان، دادىسى ئۇزۇن ئۆتمەي توي قىلغان، ئۆگەي ئانىسى بەكلا دىلى يۇمشاق، ئوڭلۇق ئايال بۇلۇپ قىزنىڭ دىلىنى ئاۋايلاپ ئۆزئانىسىدەك كۆيۈنۈپ باققان، دادىسىمۇ قىزنىڭ ئانسىىدىن قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يىتىمچىلىكىنى ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن تۇلىمۇ كۆيۈنۈپ باققان، سىنى ئۇغۇل بالىدەك چوڭ قىلىمەن دەپ چېنىقتۇرغان، دۇختۇرلۇقتا كامالەتكە يەتكۈدەك ئۇقۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرگەن.

قىزنىڭ ئۇقۇشىمۇ ناھايىتى ياخشى بۇلۇپ تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ قىز بىر كىشى بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان.

بۇ كىشى تۇلىمۇ تەقۋادار، دىندار، ھەقىقەتپەرۋەر، دەۋەتچى بۇلۇپ تۇنۇلغان.

سىرتقى جەمىيەتنىڭ بۇنچىۋىلا مۇرەككەپلىكىنى بىلمىگەن ساددا قىز بۇ كىشىنىڭ گەپلىرىدىن گويا ئۆمۈرىدە ئاڭلاپ باقمىغان، ئەتىراپىدىكىلەر يۇشۇرۇپ كۆرسەتمىگەن بىر ھەقىقەتنى بايقىغاندەك، قايتىدىن ئادەم بۇلۇپ ھەقىقەتنىڭ يۈرۈكىگە چىلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولغان ۋە بۇ كىشىگە شەكسىز ئىشەنگەن.

ھەربىر كۆرسەتمە، ھەربىر تەلىملىرىنى بەجاندىل ئۇرۇنلىغان.

بۇ كىشى قىزغا توي قىلىش تەلىۋىنى قويغان، قىز ئىككىلەنمەي قۇشۇلغان. لېكىن، دادىسى قارشى تۇرغان، قىز دادىسىنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋا قىلماي توي قىلىشتا چىڭ تۇرغان.
دادىسى بۇ كىشىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا ئىشەنمىگەن.
شۇنداق قىلىپ دادىسىمۇ ئامالسىز بۇ توينى قىلىپ بەرگەن، توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قۇرساق كۈتۈرگەن، بىر كۈنى بۇ كىشىنى يەنى قىزنىڭ ئىرىنى ماشىنا سۇقۇۋېتىپ قىز دۇختۇرخانىغا بارغاندا پۈتۈن ئىش ئاشكارا بولغان.

بۇ كىشى قانداقتۇر بىر تەقۋادار، ئىلىم ئەھلى، دەۋەتچى بولماستىن شۇنداق نىقاپ تاقىۋالغان، خۇتۇن پۇرۇش ئالدامچى ئىكەن.

ئۇنىڭ ئاللا بۇرۇن ئۈچ بالىسى بولغان خۇتۇنى بار بىر ئەر ئىكەن. يەنە كىلىپ بۇنداق قىسماققا دەسسىگىنى بۇ قىز تۇنجىسى ئەمەس ئىكەن، بۇ تەقۋادار كىشىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئاغىنىللىرى بار بۇلۇپ ھەربىرىنىڭ بۇنداق ئويۇنلىرىنى بىرلىكتە ماسلىشىپ، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان روللىرىنى ئورۇنلاپ ئويۇننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بۇلىشىغا ھەمدەمدە بۇلىدىكەن.

ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەن قىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۆيىگە يېنىپ چىققان.

قىزنىڭ دادىسى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن، مەن خەقنىڭ بالىسىغا بوۋا بولمايمەن، يا بالىنى چۈشۈرۋەت، ياكى تۇغۇپلا تاشلاپ بەر دەپ قورقۇتقان.

قىز بالىسىدىن ئەنسىرەپ يەنە ئىرىنىڭ ئۈيىگە قايتىپ كەتكەن.

ئەمما پۈتۈنلەي ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ نىكاھ، يەنە كىلىپ ئوغۇرلۇقچە تۇتۇلغان ئۆي داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولماي ئامالسىز قىز يېنىپ چىققان.

شۇنىڭ بىلەن دادىسى قىزدىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدىنى ئۈزىۋەتكەن، ھەتتا قەيداپ كۆزىدىن سېلىپ تاشلىغان.

قىز بالىنى ساق-سالامەت يەڭگىگەن. ئەمما، دادىسىنىڭ ئالدىدا گويا ئالەمگە ئارتۇق تۆرۈلۈپ قالغان ئادەمدەك سۇغۇق مۇئامىلە ئىچىدە قالغان.

قىز سەۋەنلىكنى ئۆزى سادىر قىلغانلىقتىن، دادىسىنىڭ ئەپۇسىغا ۋە قايتا ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىلىنى چىشلەپ، دەردىنى كۆزىدىن ئېلىپ، ئۈن-تىنسىز چىداپ كەلگەن. ئەمما، دادىسى قىزغا قايتا پۇرسەت بەرمىگەن.

قىزنىڭ بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئىستىقبالى، ھاياتى ۋەيران بولغان. كىممۇ تۇنجى نىكاھىدا بۇ دەرىجىدە مەغلۇپ بۇلىشىنى قۇبۇل قىلالىسۇن، يەنە كىلىپ بۇ مەغلۇبىيەت دادىسىن ئايرىلىپ قېلىشقا سەۋەپ بولغان.

دادا قىزغا نىسبەتەن دۇنيادىكى بىردىن بىر ئەركەك، مەڭگۈ تاشلىۋەتمەيدىغان، ۋاپاسىزلىق قىلمايدىغان، قىز قايتا-قايتا خاتالىق سادىر قىلسىمۇ باغرىدىن ئىتتىرۋەتمەيدىغان بىر ئەركەك. لېكىن، قىزنىڭ يېنىدىكى بۇ ئەركەك بۇنداق ئەركەكلىكنى قىلالمىغان. شۇ بىر سەۋەنلىكى تۈپەيلى قىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقىنى ئېلىپ تاشلىغان، قىزغا نىسبەتەن، ھېسسى خورلاش، ئەقلى خورلاش، ئادىمىي خورلاش ھەممىنى قىلغان، ئۆز ھېسياتىنى ئاشكارا ئىپادىلىيەلمەيدىغان، ئۆزى بىرئىشنى مۇستەقىل ئويلىيالمايدىغان، ئادىمىيلىك قەدىر قىممىتىنىمۇ ساقلىيالمىغان بىر ھالغا چۈشۈپ قالغان.

ئەمما يېنىدا باغرىنى يېرىپ چىققان بىر پەرزەنتى بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق قايغۇسىنى شۇ پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتى ئارقىلىق بېسىپ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغان.

تۇرمۇش پايپاق كىيىشكە ئوخشىمايدۇ، ياقتۇرمىساق سېلىۋېتىپ يەنە بىرنى كىيىپ باقىدىغان. ياكى، كىيىپ سىناپ باقاي دىگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ قەلبىگە كىرىدۇ، مىڭىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنى ئىللىتالايدىغان ئاز-تۇلا ھېسسىي تۇيغۇلار كىرەك.

تۇنجى نىكاھى سەۋەپلىك ئويۇنچۇق بۇلۇپ كەتكەن، ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ئايرىلغان، دۇنيادىكى بىردىن-بىريۈلەنچۈكىدىن مەھرۇم قالغان قىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەنە بىر نىكاھقا كۆڭۈل قۇيالىسۇنمۇ؟ يەنە كىلىپ ئىككى تەرەپتىن ئازراقمۇ ئورتاقلىق ھېس قىلمىغان بىرى ئۈچۈن ماقۇل بولالىسۇنمۇ، مەجبۇر ماقۇل بۇلۇش ئۆزىگە ۋە قارشى تەرەپكە قىلىنغا بىر مەسئۇلەتسىزلىك. . . قىز ئەنە شۇنداق زۇلۇملاربىلەن پەرزەنتىنى باغرىغا بېسىپ، يىغلاش بىلەن كۈننى كەچ قىلغان.
دادا بولسا نىمىشقا ماقۇل دىمەيدۇ دەپ ھېلى قىزدىن 10 نەچچە ياش چوڭ كىشىلەرنى، ھېلى نەرۋىلىك بولغانلارنى، ھېلى كۇچا-كۇيلاردا لەلەڭشىپ يۈرىدىغان بىكار تەلەتلەرنى قىزغا تېڭىپ، «ئۈزى تاللىغان ئادەم شۇنچىلىك بولغاندىكىن مەن دىگەنگە كۆنىشى كىرەك، مەن دادىسى تۇرسام نىمىشقا گىپىمنى ئاڭلىمايدۇ» دەپ دادىلىق ھۇقۇقنى يۈرگۈزۈپ تۈگمەن تېشى ئاستىدىكى تېرىقتەك ئىزىۋەتكەن.
لېكىن قىز ئىزچىل سۈكۈت ئىچىدە قارشىلىق بىلدۈرگەن.
ئىشلارنىڭ تازا ئاقمايۋاتقىنىنى كۆرگەن دادا بۇ ئىلگىرىكى ئىرىگە تارتىشىدىكەن دەپ بالىسىنى مەجبۇر ئايرىۋەتكەن. بالىسىدىن ئايرىۋەتسەم ئاندىن ئىلگىركى ئىرىنى ئۇنۇتۇپ قايتا توي قىلىدۇ دەپ قارىغان. ئىمىلىيەتتە قىزدا ئىلگىركى ئىرىغا نىسبەتەن نەپرەتتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.
ئىھتىمال قىزنىڭ بالىسىدىن ئايرىلغاندىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كىرەك.
بۇ يەردە ئۇنىڭ ئېلخەتتە قالدۇرغان بىر ئابزاس سۆزىنى ئۆز پېتى قالدۇرۇپ قوياي، « يۈرەك پارەم يېنىمدا بار ۋاقتىدا يۈرەك پارەمنىڭ ھەربىر تاتلىق كۈلۈمسىرىشىنى كۆرگەندە ئازاپلاردىن بىرئاز يەڭگىللىگەندەك بولاتتىم.
بەزى ئىشلارنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي يىغلاۋاتسام، يۈرەك پارەم ماڭا تەسەللى قىلغاندەك يېنىمغا كىلىپ توختىماستىن يۈزلىرىمگە سۆيەتتى، يىغىدىن توختىيالمىغىنىمنى كۆرۈپ مەندىن بەكىرەك يىغلاپ كىتەتتى. پەرزەنتىمنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۆزۈمدە يەنە باشقىچە بىر بەخىتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلاتتىم، ھەممە ئازاپنى ئۇنتۇپ كىتەتتىم. مانا ئەمدى ئازابىمنى يەڭگىللىتىپ بىرىدىغان پەرەنتىم يېنىمدا يوق، ھەممە ئازاپنى ئۆزۈم بوينۇمغا يۈكلەپ سېغىنىش، ئەسلەش بىلەن يۈرۋاتىمەن. بىلەمسىز ئىلگىرى قەلبىمنىڭ بىر قېتى مۇزلىغان بولسا ھازىر پەرزەنتىمنىڭ يوقلىقىدا قەلبىمدە ئىللىقلىق بار جايدىن بىرىمۇ يوق»
بىر ئادەمنىڭ بىر سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قىلىش قانداق ئادەمنىڭ ئىشى ؟ ئۇ ھېچ بولمىسا ئۇ بىر ئىنسانغۇ، اللە مۇكەممەل ياراتقان ئادەم، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى قېنى؟ ئۇنى تېپىپ قويغىنى ئۈچۈن ئىشەكنى باشقۇرغاندەك باغلاپ باشقۇرسا بولامدىكەن ؟

خەيرىيەت بۇ گەپلەرنى سەل تۇرۇپ دىيشەيلى، ھازىر يەنە بىر قىزنىڭ ھىكايسىىنى ئاڭلايلى .

Slave01

بۇ قىز كىچىكىدىن پەۋقۇلئادە زىرەك، ئەقللىق چوڭ بولغان. ئائىلىسدە بۇنىڭدىن باشقا پەرزەنىتلەر بولسىمۇ لېكىن دادىغا نىسبەتەن بۇ قىز بىر ئۈمۈت ئىدى.

دادا ئادوۋكاتلىققا قىزىقىدىغان بۇلۇپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى مۇشۇ قىزغا باغلىغان، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزىنىڭ ئادوۋكات بولغانلىقىنى كۆرۈش دادىنىڭ ئۈمىدى ئىدى.

قىز باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالى مەكتەپلەردە مۇنەۋۋەر ئۇقۇدى. مەكتەپ تەۋەلىكىدە مۇكاپات، تەقدىرلەشلەر بولسا مۇشۇ قىزدىن ئاشقاندا باشقىلارغا تىگەتتى.

قىزمۇ دادىسىنىڭ ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكتىن بەكلا تىرىشاتتى. ئالى مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىغا چىققاندا دادا قازا قىلىپ كەتتى. قىزغا دادىدىن ئايرىلىش ناھايىتى ئېغىر كەلدى. مەكتەپتىلا قارلىق كىيىم بىلەن يۈردى، مەكتەپ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئامال قىلالماي ئاخىرى مەيلىگە قۇيۋەتتى. قىز مەكتەپتە ئودا 4 يىل ئۇقۇغۇچىلار ئۆلگىسى بۇلۇپ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن مەكتەپتىن چىقتى ۋە ئادوۋكاتلىقتا ئۇقۇدى.

چۈنكى دادىسى بولمىغان بىلەن دادىسىنىڭ ئارزۇ بارئىدى.

دادا مىھرىگە قانمىغان بۇ قىزغا نىسبەتەن ئانا، ئانا ھەم دادا بۇلۇپ قالغان ئىدى.

قىز دادىسىنىڭ ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندرۇۇش بىلەن ئانىسىنى رازى قىلىشنى نىشانى قىلىپ ماڭدى.

ئادۋوكاتلىقتا لاياقەتلىك ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىكى خېلى داڭلىق بىر ئورۇنغا كىرىپ ئەمەلى تەربيلىنىشتە بولدى. تەربىيلىنىشتىمۇ لاياقەتلىك بۇلۇپ بۇ ئورۇندا خېلى چوڭ ئۈمۈتكە ئايلانغاندا ئانا ئادۋوكاتلىقتا ئىشلىسەڭ مەن رازى ئەمەس دەپ تۇردى.

قىز قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق ئايرىلىپ بولغان دادىنى دەپ، يېنىدا بولغان ئانىنى نارازى قىلماسلىق ئۈچۈن نۇرغۇن نەسىھەت، يالۋۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن يېنىپ چىقىپ بىر خۇسۇسىي شىركەتكە كىرىپ ئىشلىدى.

شىركەت قىزنىڭ ئىختىدارىنى تۇنۇپ يەتكەندىن كىيىن قىزغا ناھايىتى چوڭ ئۈمۈت باغلىدى ۋە مائاشنى ئۆزى تەلەپ قىلغان بويچە بىرىشكە، شىركەتنىڭ پاي ھۇقۇقىغا ئىگە قىلىدىغانغا، شىركەتنىڭ باشقۇرۇشىنى تاپشۇرىدىغانغا ۋەدە قىلدى. لېكىن، يەنىلا ئانا باققىنىمغا رازى ئەمەس دەپ قىستىغانلىقتىن ئىستىقبالدىن ۋاز كىچىپ بۇ يەردىنمۇ يېنىپ چىقتى.

ئانىنىڭ بىردىن بىر تەلەپ قىلىدىغىنى چۇقۇم ھۈكۈمەت ئورنىغا ئۆتۈش، تۈمۈر تاۋاقلىق بۇلۇش تەلىۋى بارئىدى.

قىزنىڭ ئىمتاھان بىرىشىگە مۇۋاپىق ئورۇنلار قابىلىيەتكە ئەمەس، مۇناسىۋەتكە كىلىدىغان بولغانلىقتىن قىزغا ئۇنداق ئورۇنلار نىسىپ بولمىدى.
نىسىپ بولغان ئورۇنلارغابېرىپ ئۆزىنى ۋە نەچچە يىللىق لاياقەتلىك ئۇقۇشىنى خار قىلىۋېتىشقا كۆڭلى ئۇنىمىدى.

قىز ئەنە شۇنداق ئىككىلىنىش، تاللىنىش، شاللىنىش، تەڭلىكلەر ئارسىدا يۈردى. مەكتەپ ھاياتى، ئادۋوكاتلىق ھاياتى بەكلا لاياقەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان، قىلىۋاتقانلىرىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلارمۇ جېق چىقتى. ئۇ ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ قىززىق نوقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى.

قىزنىڭ تەڭلىك تارتىۋاتقىنى باشقا، ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىشى باشقا، ئۇ كىمنىڭ يېنىغا كەلسە چىڭ چاپلىشاتتى. چۈنكى، ئۇ ھەرقانداق ئىشنى قۇلىغا ئالسا ئويلىغاندىن ياخشى قىلالايتتى. قىز تۆۋەندىكى ھىكايىگە چۈشەتتى« بىر شاھمات پىرىدىن بىرى شاھماتتا سىلىنىڭ تالانىتلىرى بارئىكەن دىگەندە بۇ كىشى، مىنىڭ ئەسلى تالانتىم بارئىدى، مەن پەقەت شاھمات ئويناپ قالغان يىرىم بار» دىگەن ئىكەن.
شۇنىڭدەك ئۇ ھەرقانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئىش قىلىشنى خالايدىغان، شىرىك بۇلۇشنى ئۈمۈت قىلىدىغانلارمۇ تەبىئىيلا كۆپ بولدى.

شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر قىممەت باھالىق بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھەربىر ئادەم ئېرىشىشنى خالايدىغان، كىمنىڭ قۇلىغا چۈشسە شۇ مەنپەئەتلىنەلەيدىغان . . .

لېكىن ئۇنىڭدا مۇھىم بىر نەسە كەم ئىدى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى، ئادىمىيلىك پىرىنسىپى، ھاياتلىق نىشانى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىختىدارى ئۇنىڭغا يىتىشمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن پايدىلنىپ ئۇنى ئىشىغا سالالايتتى.

بۇ خۇددى ئالتە مىھماننىڭ ئوتتۇرسىغا قۇيۇلغان، بىر پارچە مەززىلىك كالا گۈشىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ھەركىم ئۆزىنىڭ ۋىلكىسىنى سانچىپ ئۆزى تەرەپكە تارتاتتى.

بۇنداق ئىككىلنىش، تەڭلىك، ئامالسىزلىق، ئىچكى زددىيەت ئىچىدە يۈرىۋىرىشكە قىزنىڭ پىسخىكىسى چىداشلىق بىرەلمەي ئۆزىنى يۇقىتىپ قويدى.

بۇ قىزنىڭ ھاياتىدىن شۇنداق بىر نەتىجە ئايانكى: بىزدە بالىغا كىچىكىدىن ئارزۇنى زاكاس قىلىپ، ئىدىيسىنى قۇرۇقداپ بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنى قاچىلاپ قۇيىمىز، ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى تېپىشقا، ئۆزى بۇلۇشقا پۇرسەت بەرمەيمىز. نەتىجىدە چوڭ بولغاندىمۇ يا بىزنىڭ ئارزۇيىمىزچە «بىز» بولالماي يا «ئۆزى» بولالماي ھاياتىنى زىددىيەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
خوش ئەمدى گىپىمىزگە كىلەيلى:

slave03

«پالىۋاننىڭ قېلىچىدا ئاشپەز چامغۇر توغرايدۇ( خەلق ماقال-تەمسىلى)»

شەرىئەتتە مۇنداق تۆت خىل ئادەمدىن ھىساپ ئالمايدۇ.
بىرىنچى: نارىسىىدە، بالاغەت يېشىغا يىتىپ بولغىچە
ئىككىنچى: ساراڭ ئوڭشالغۇچە
ئۈچۈنچى: ئۇيقۇدىكى كىشى ئويغانغىچە
تۆتىنچى: ھۇشىنى يۇقاتقان ئادەم ھۇشىغا كىلىپ بولغىچە

بۇنداق تۆت خىل ئادەم نۇرمال ئادەملىك مۇئامىلە قىلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىغا جازا، ياخشىلىقىغا مۇكاپات بىرىلمەيدۇ.

ئەمما بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن مۇستەقىل جاۋاپ بىرىدۇ. ھاياتىنى قانداقلا باھانە سەۋەپ بىلەن زايە قىلسۇن باھانىسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن باشقىلار جاۋاپمۇ بىرەلمەيدۇ.

قانۇندىمۇ مەسئۇلىيەتنىڭ جاۋاپكارلىقى يۇقارقىدىن ئالاھىدە پەرىقلەنمىسە كىرەك.

ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئۇنىڭغا بىرىگەن ئامانەت، شۇنداقلا شۇنداقلا مۇستەقىل ھىساپ بىرىدىغان خىراجەت.
ئۆزىنىڭ ئامانىتىنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ ئامانىتىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ھاياتتىكى تەتۇرلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بىرىنچى قىز ئەسلى ناھايىتى مۇھىم دەرىستىن بىرنى ئۇقۇغان ۋە بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك تەجىربىگە ئېرىشكەن ئۇنىڭغا قايتا تاللاش بىرىلگىنىدە ھەربىر شەيئىنىڭ ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرغان تەرپىنىڭ ھەقىقەت ئەمەسلىكىنى، ئۆزىگە ئاشكارا بولمىغان يەنە بىر تەرپىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتمايتتى، ھەتتا ئاشۇ ساۋاقتىن بىر ئۆمۈر پايلدىلناتتى.

بىراق مۇتەئەسسىپ ئىدىيىدە تۇرۋاتقان بىر دادىنىڭ مەنىۋى تۈرمىسىگە مەڭگۈلۈك قامالدى.

ئىككىنچى قىز بولسا ئەسلى ئۆزىنىڭ يۇلىغا قۇيۋەتسە دۇنيا رىكوتىنى بۇزغۇدەك تۇلپاردىن بىرسى بولالايتتى. لېكىن، ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن باشلاپ دادىسىغا ياشاپ بەرگەن، دادىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئانىسىغا ياشاپ بەرمەكچى بولدى.

مىھرىبان دادا، بالا ۋۇجۇدىدىكى ئۆز قىزىقىشىنى تېپىپ ئۆزىنى تۇنۇشتىن ئىلگىىرى ئۇنىڭ ئىدىيسىنى يۇيۇپ، ئۆزىنىڭ يىتەلمىگەن ئارزۇيىنى قاچىلاپ ئۆزىنى تېپىش ئىختىدارىدىن ئايرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ياشاپ، يۈكلىرىنى كۈتۈرۈپ بىرىدىغان بىر ھاممالغا ئوخشاپ قالدى، نەتىجىدە ئۇ يا تۇلپار، يا ئىشەك، يا خېچىر بولالماي قالدى.
ئىشەك ياكى خېچىر بۇلۇش قورقۇنۇچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلۇقى ھېچنىمە بولالماسلىق.
پەرزەنت بىر ئامانەت ئۇنى لايىقىدا تەربىيلەپ ئۆز يۇلىغا سېلىپ قۇيۇش مەجبۇرىيەت، ئەمما، ئۇنىڭ ھاياتىنى بەلگىلەپ بىرىش ھۇقۇق ئاتا-ئانىدا يوق.

slave04

ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن مۇستەقىل جاۋاپ بىرىدىغان بولغان ئىكەن تۇرمۇشىنى مۇستەقىل ئۇرۇنلاشتۇرۇش مەجبۇرىيتى بار.

ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ كەلگۈسىگە خالىغانچە ھۈكۈم قىلسا بۇلىدىغان ئۇ قۇربانلىق قوي ئەمەس.

ئۇنىڭ مۇكەممەل تەن، مۇستەقىل ئوي-پىكىربىلەن دۇنياغا كەلگىنى ئۇنىڭغا مۇستەقىل ھايات بىرىلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى، ئۇنىڭ ياشاشقا كىتەرلىك ھېچنىمىسى كەم ئەمەس، شۇنداق بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسىنى بىكىتىپ بىرىش يەنە كىلىپ جەمىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان بىر يولغا مەجبۇرلاش بىر جىنايەتتۇر.

بالا بولغۇچىنىڭمۇ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ ھۈكۈملەرگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈش شۇ كىشىلەرنىڭ خاتالىقىغا ھەسسە قۇشۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس.

بىر ئادەمنىڭ غەزىپى كەلگەندە ئاچچىقلىنىش، خۇشال بولغاندا ھاياجانلىنىش، بىر نەرسىلەرنى ئارزۇقىلىش، بىر نەرسىلەردىن نەپرەتلىنىش، قۇدىرىتى يەتكەن دائىرىدە ئارزۇسى بويچە ياشاش بۇ اللە ياراتقاندا بەرگەن ئادىمىيلىك ھۇقۇق.
بۇ ھۇقۇقلاردىن ئۆزى خالىغانچە ۋاز كەچسە ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما بىراۋلارنىڭ بۇنداق ھۇقۇقلىرىدىن مەجبۇر ۋاز كەچتۈرىشى بىر جىنايەت.

بالىلار ساددا ئىدىيدە تۇرۋاتقاندا ئۆز ئارزۇسىنى تېپىش پۇرسىتى بەرمەي ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى بالىنىڭ ئىدىيسىگە يۇغۇرۇپ ئۇنىڭ كاللىسىنى يۇيۋېتىش، ئۆزىنىڭ يارامسىزلىقىدىن قىلالمىغان ئىشلىرىنى بالىلىرىغا تېڭىش ئاتا-ئانىنىڭ ئەخلاقسىزلىقىلا بولماستىن بالىغا قىلىنغا خىيانەتتۇر.

قانۇننىڭ ئاجىزلىقى مۇشۇ يەردىكى بالىلارنىڭ كۈزىنى كور قىلسا، قۇلىقىنى پاڭ قىلسا، قول-پۇتىنى ناكا قىلسا بۇنى قانۇن ئارقىلىق جازالىغان بىلەن ئىدىيسىنى پالەجلەندۈرۈپ، سىرتتىن ئىدىيە قاچىلاپ، مەڭگۈ ئۆز يۇلىنى تاپالمايدىغان ئىدىيە قارغۇسى قىلىپ قويسا بۇنى جازالىمايدۇ.
بۇنداق ئىدىيە قارغۇلىرى قانچىلىدىغان كۆزلەرنىڭ قارغۇ بۇلىشىغا سەۋەپ بۇلار.

بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇنداق ئادىمىيلىكىنى يۇقۇتۇپ قويغان ئىدىيە قارغۇلىرى ئازمۇ؟
ھەتتا نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئارزۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ . . .
ئارزۇيىڭىزغا يىتەلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ لاياقەتسىزلىكى، ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. ئەمدى بالىڭىزنىڭ ھاياتىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىغا دەپسەندە قىلىپ بىرىشكە نىمە ھەققىڭىز؟ ئۇ ئايرىم تۇغۇلدى. سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز. . . ئارزۇلىرىدىن ۋاز كەچتۈرگەننى ئاز دەپ ئۇنىڭ ياخشى كۆردىغان نەرسىللىرىنى تارتىۋېلىپ، ياختۇرمايدىغان نەرسىللىرىنى مەجبۇرلىسىڭىز بۇ پەقەت ۋە پەقەت ئادىمىيلىككە قىلىنغان ھاقارەت، ئادىمىيلىكنى خورلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئادەمنىڭ ئارزۇيى ئۇنىڭ ۋۇجۇدى، ھەربىر ھۆجەيرىسى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بۇلىدۇ.

slave06

بۇ خۇددى بىلىق سۇ بىلەن، قۇش ئاسمان بىلەن، كالا جاڭگال بىلەن بىرىككەنگە ئوخشاش.
ئادەم قاچان ئۆز ئارزۇيى بىلەن ھەركەتلەنگەندە پۈتۈن ئىختىدارىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن ھەربىر ھۆجەيرىسىگە جانلىنىپ، پۈتۈن قابىلىيتىنى تۇلۇقجارى قىلدۇرۇپ، ھەربىر تىنىقنى ئەھمىيتى بىلەن تىنىدۇ.

ئەكسىچە كالىنى ئاسمانغا، بىلىقنى جاڭگالغا، قۇشنى سۇغا قۇيۋەتسىڭىز نەتىجە قانداق بولار؟
گەرچە پەرزەنىتلىرىڭىز سىزنىڭ تەلىۋىڭىز بويچە خۇشال ياشىغاندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ئاللا بۇرۇن ئۆلگەن.

ئارزۇسى بىلەن بىرىككەن نۇرغۇن ھۆجەيرىللىرى كاردىن چىققان، ئەسلى جارى قىلدرۇشقا تىگىشلىك ئىختىدارىنىڭ يېرىمىنىمۇ جارى قىلدۇرالمىغان. نەتىجىدە نۇرغۇن تەرەپلەردە لاياقەتسىز بۇلۇپ قالغان. بالىلاردىكى كۆپ قىسىم تەرەپلەردىكى لاياقەتىسىزلىك ئۇنىڭ ئىختىدارسىزلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىختىدارىنى جارى قىلىشقا مۇۋاپىق شارائىت بەرمىگەنلىكتە خۇددى قىزىل گۈلنى سايلىققا تىكىپ كۆكلىمىسە گۈلدىن ئاغىرىنغاندەك بىر ئىش.

بالىنىڭ ھەربىر لاياقەتسىزلىكىنى بالىلارغا ئارتىپ ھاقارەتلەيسىز ياكى تەقدىرگە ئارتىپ خۇداغا قاقشايسىز.
كاشكى ئۆلگەندىن كىيىنمۇ تەقدىرگە ئارتىپ قۇتۇلغىلى بولسىچۇ ؟

غەرىپتە مۇنداق بىر تەمسىل بار« ئەخلەت، خاتا ئورۇندا تۇرۇپ قالغان گۆھەر» بۇ گەپتىن شۇ ئايانكى گۆھەرنى خاتا ئورۇندا قويسىڭىز ئۇ ئەخلەت بۇلۇپ قالىدۇ.

بالىڭىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قېزىپ چىقىپ ئۇنى شۇيەرگە قۇيۇپ بىرەلمەي ئەكسىچە سىزنىڭ مەغلۇب ھاياتىڭىزنىڭ ئىزباسارى قىلغىنىڭىز گۆھەرنى تارازىنىڭ تېشى قىلغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس، ھالبۇكى گۆھەر زەگەرنىڭ قۇلىدا ھەقىقى جۇلالىنىدۇ.
چەتئەلدە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا «ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىنى تاپقىن، تاپالمىغان بولساڭ داۋاملىق ئىزدىگىن، قاچان تاپقانلىقىنڭنى ھېس قىلساڭ شۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئىشقا كىرىشكىن» دەپ نەسىھەت قىلسا بىز« نىمىشقا مىنىڭ دىگىنىمنى ئاڭلىمايسەن، سىنى مۇشۇنداق گەدەنكەشلىك قىلسۇن دەپ باققانمۇ، سەن تېخى كىچىك نۇرغۇن ئىشلارنى بىلمەيسەن، كىيىن پۇشايمان قىلىپ قالىسەن، گىپىمنى ئاڭلىمىساڭ باققان ئەجرىمگە رازى ئەمەس، ئاق سۈتۈمگە رازى ئەمەس» دەپ تەھدىت سالىمىز.
بۇنى ئۇدۇل تەرجىمە قىلغاندا «سەن ئادەم ئەمەس، سەن پەقەت ھەركەتكە ئىگە بىر مەخلۇق، سەن مەن بول، مىنىڭ دىگىنىم بويچە ياشا، ئۆزۈڭدىن ۋاز كەچ» دىگەن بۇلىدۇ.

slave07

چوڭلار ئاللا بۇرۇن تارىخقا ئايلانغان، ئۇلارنىڭ ياشىغان دەۋىرى ھەممە نەرسىسى بىلەن قۇشۇلۇپ تارىخقا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلار ئاچلىق ۋە سۇغۇقتىن دالدىلنىش ئۈچۈنلا ياشايتتى. لېكىن، ھازىر نىشان، ئارزۇ بىلەن ياشايمىز. ئۇلار 50- يىلىغا تەۋە، ئۇلارنىڭ مىڭىسى 50- يىلنىڭ تەسۋىرى بىلەن پىششىقلانغان، ھۆجەيرىللىرى 50- يىلنىڭ تەلەپلىرى بىلەن يىتىلگەن ھالبۇكى بۇ 2015- يىلى ساق 65 يىل ئۆتتى. جەمىيەت پەقەت نەچچە قاتلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كاللىسى بىر قىسىم ئېچىنىشلىق تارىخ قاچىلانغان مەدىنىي بۇيۇم، ئاسارە ئەتىقە بۇلۇشقىلا يارايدۇ.

ھازىرقى جەمىيەتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سىغدۇرغىدەك مىڭە ھۆجەيرىسىمۇ يوق. جەمىيەتنىڭ ئارقا كۆرنىشىنى تەھلىل قىلالىغۇدەك ئەقىلمۇ يوق، جەمىيەتنىڭ رىقابەتلىرىگە يىتىشەلىگۈدەك پاراسەتمۇ يوق، ئەجەبا ئۇلاردىن تۆرەلگەن بالىلارنىمۇ بىر ئاسارە-ئەتىقىگە ئايلاندۇرماقچىمۇ، قۇرساق ئۈچۈنلا ياشىغان ئىنقىلاب دەۋرىنىڭ قۇربانلىقى شۇلار بىلەن تۈگىمەي بالىلارنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ بەرمەكچىمۇ؟

بالىڭىزنىڭ كاللىسىنى بىردانە كۇكۇس مىۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ ھەممە ئادەمنى نەيچە سېلىپ شۈمۈرسۈن دەمسىز.

ھازىرقى جەمىيەتتە مۇستەقىل ئىدىيسى، يۇلى بولمىغان ئادەمنى يۇقىردىكى كۇكۇس مىۋىسىگە ئوخشاش ھەممە ئادەم شورايدۇ.

خالىغاننى قىلالماسلىقنى ماددىۋىي شارائىتقا مۇنەسىۋەتلىك دەيلى. لېكىن، خالىغاننى خىيال قىلالماسلىق، خالىغاننى ئارزۇ قىلالماسلىق، ھېس-تۇيغۇللىرىنى ئاشكارا قىلالماسلىق، پىكىرلىرىنى دادىل ئوتتۇرغا قۇيالماسلىق ھەممىسى روھى قۇللۇق، مەنىۋى مەھكۇملۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئاڭسىزلىق، مۇتەئەسسىپلىك، رادىكاللىق قاتارلىق مەنىۋى پارازىتلارنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق روھى قۇللۇقتىن تۈرلىدۇ ۋە يىتىلىدۇ.

يازما ئاپتورى:

ھېچكىمنىڭ قۇرت-قوڭغۇزدەك نام-نىشانسىز ياشاپ ئۆلۈپ كەتكۈسى بولمىسا كېرەك. يازغانلىرىم قەلبداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلالىسىكەن دەيمەن. . .

ھازىرغىچە 3 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. ۋاقىت: 2015- يىل 1- مارت 07:24 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يازمىنىڭ تەربىۋىى ،ئەھمىيتى راسلا بەك يۇقرىكەن . مەن بۇ ئىككى ھىكايىنى ، ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇم كىلىپ نەچچە رەت قايتا-قايتا ئوقوپ چىقتىم دىسە ،يەنە بىرگە يازمىغا رەسىم ۋە مۇزىكا شۇنداق جانلىق چۈشۈپتۇ . مۇزىكا يازما بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ يۇرەكنى تىتىرتىدىكەن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت

  2. كۈرەش
    ۋاقىت: 2015- يىل 1- مارت 03:56 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    چوڭ بىر روماننى تۈگەتكەندەك بولدۇم ….. كۆڭۈم ۋىللىدە يۇرۇپ كەتتى.،،،ھى…ھى.ھى..
    ئېسىل ، ئېسىل يازما … نادىر يازما ، تەربىيىۋىي ئەھمىيتى بەك كۈچلۈك ، ئىچىم ۋاراقشىپ قايناپ كەتتى… كۆڭلۈمدىكى گەپنى بىر تۆكىۋالغاندەك بولدۇم … بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق پىسخىكا جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرىدىغان، شاش يازمىلارنىڭ داۋاملىق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    ئاۋۇ مۇزىكىغا دەھشەت ئامراقتىم ….

  3. ۋاقىت: 2015- يىل 28- فېۋرال 08:51 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    يازمىلارغا قىستۇرۇلغان رەسىم ۋە مۇزىكىلار يازمىلارنى تېخىمۇ بەك جانلاندۇرۇپ ئادەمنىڭ يۈرىكىگىلا ئاپىرىدىكەن، ئەگەر بۇ يازمىلارنىڭ پۇتى بولسا روھچىن بىلوگىدىن ئۆمىلەپ قېچىپ كېتىدىغان چېغى بار (چاقچاق جۇمۇ) . ئىسىل يازمىلار بىلەن ئىسىل رەسىم مۇزىكىلار بىرلەشسە يازمىلار ئۇدۇللا بېرىپ يۈرەككە تىگىدىكەن. يازمىلارنى ھەم مۇشۇنداق ئىسىل مۇزىكا ۋە رەسىم بىلەن ئېلان قىلىپ سىرداشلارغا روھى ئۇزۇق بېغىشلىغان ۋە جاپا چەككەن روھچىنغا كۆپ رەخمەت.

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*