ۋاراڭ-چۇرۇڭ . . . R ℃752
بۈگۈن يەنە باغرىم قايناپ قالدى، ئۆزۈمنىڭ زادى قانداق ئادەم، نىمە ئىش قىلىۋاتقان، نىمە ئىش قىلغان ئادەملىكىمنى ئويلاپ قالدىم.
بۇ ھاياتتا ئادەم زادى نىمىلەرگە ئېرىشىشى كىرەك. زادى قانداق قىلغاندا كۆڭۈل تىنىدۇ، بىركىملەردىن ئاغرىنغۇم، بىركىملەرنى تىللىغۇم كىلىدۇ. مەن نىمىشقا بۇنداق ئېغىر ئىچكى زىددىيەتكە پېتىپ قالىمەن، نىمىشقا بىر كۈن خۇشال يۈرسەم، نەچچە كۈن ئىچىم تىت-تىت يۈرىمەن. نىمىشقا بىر بېسىمدىن قۇتۇلۇپ بولغىچە ئون بېسىم ئارتىلىپ بۇلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم. غەمسىز، ئەندىشىسىز ياشايدىكەن. مەنمۇ خۇدانىڭ ئوخشاش بەندىسىغۇ، نىمىشقا بەزى كىشىلەرگە ئەنە شۇنداق بەختىيار تۇرمۇش بەرسە، ماڭا بۇنداق ئايىغى چىقماس خۇشاللىققا قەرىز بىر ھاياتنى بىرىدۇ.
سىرتىمدىن قارىماققا مەن ناھايىتى تىرىشچان، يامان، ئەقىللىق، پىشقان بىر تىجارەتچى، ۋە ياكى يىڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچى، بىراق كىممۇ مىنىڭ ئىچكى دۇنيايىمغا كىرىپ باققان. كىملەر مىنىڭ كۈندە ئىچكى زىددىيەت ئىچىدە، غەم، ئىچىدە، ئىچى تىتىلداش ئىچىدە ياشايدىغىنىمنى ھېس قىلىدۇ.
ساۋاتسىزلىق، بىلىمسىزلىك، دەسمايىسىزلىك بىلەن كىرىپ بۈگۈنكى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىقلارنى بىرىپ، بۈگۈنكى نەتىجىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانچىلىك بېسىم ئىچىدە تۇرۋاتقىنىمنى كىم ھېس قىلالايدۇ.
مىنى كۆرگەنلەر ئون يىل ئىلگىركىدىن ھېچ بىر ئۆزگەرمەپسىز دەيدۇ. شۇنداق سىرتىم ئۆز پېتى. ئەمما، ئىچكى ئۆزگىرىشلەر سىرتىغا كۆرنىدىغان ئىش بولسا كۆرگەنلەر «ۋاي خۇدايىم نىمە ئىش بولغاندۇ» دەپ ياقا چىشلەپ قالاتتى.
پىلانلىرىم، خىياللىرىم ئاجايىپ كەڭىرى، ئاجايىپ ئەمەلىيەتچان، لېكىن يالغۇزلۇق، بېسىم، ھەممىسى بىر بۇلۇپ بىرى پۇتۇمنى چىشلىسە، بىرى بىلىكىمنى چىشلەيدۇ.
مەن نەدە، پىلانلىرىم نەدە . . . بەزى بىر كىچە ئۇخلىيالمايمەن، بەزى تۈن ھەسسىدە ئويغىنىپ كىتىمەن. ئويلاپ، ئويلاپ ئايىغى چىقمىغان ئىشلار كىچىچە چۈش بۇلۇپ داۋاملىشىدۇ.
مەن بىر ئىشەنچكە مۇھتاج، بىر غەيرەتكە مۇھتاج. لېكىن، ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرمىنىڭ ئىشنچىمنى سۇندۇرالماي ئاۋارە . . . دەسسىۋەتكۈسى بار.
ئادەم بولدى، پۇشايمان قىلدى، ئۆزگەردى، ئەمدى ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ ياخشىلىققا ھۆددىگەر بولغان يېقىنلىرىم قېنى سىلەر . . . نىمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟ مەن يادىڭلاردا بارمۇ؟ بۈگۈنكى يۈرەك يېشىمنىڭ ھەر بىر تامچىسىدا سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار بار. ئۇنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەر نەدىن بىلگەن، ئىستىخار سالغانمۇ، ئۇنىڭ بىلەن 15 كۈن ياشاپ باققانمۇ ؟ ئىگە بولالمايدىغان ئىشقا نىمىشقا مىھرىۋان ئۇستاز بۇلىۋالغان. مەن يەنە دەسسىلىۋاتىمەن، 15 كۈندە بىر ئۇرشىۋاتىمەن. ئىچ باغرىمنى توغراپ، تۇزلاپ قاينىتىۋاتىمەن. قېنى سىلەر ؟ مىنى ياخشىلىققا باشلاپ قويغان يېقىنلىرىم، سىلەر ھەمراھىڭلار، باللىرىڭلار بىلەن ئويناقشىپ ياشاۋاتقاندا مەن يا ئەر بولالماي، يا خوتۇن بولالماي، يا مەدىكا، يا خوجايىن بولالماي قىسقىسى ئادەم بولالماي تىكەنلىك كىرپىنىڭ دۈمبىسىگە سانچىلىپ قالغاندەك تىتىرەپ يۈرىمەن.
ئائىلە دىگەن بۇ يەردە ئەر ۋە ئايال ئۆزىنىڭ ئورنىنى بىلەلمىسە يا قونالغۇ يا زىندان بولىدىغان گەپكەن. زىنداننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن سىرتنىڭ ھاۋاسىغا بۇرنۇمنى تۇتسام مىنى بۇزۇق رەسۋاغا چىقاردىڭلار. ئەمما، ھېچ قايسىڭلار نىمىشقا دىگەن سوئالنى قۇيۇپ باقمىدىڭلار. ئەجەبا مەنلا مۇشۇنداق ھەسرەتكە ھۆددىگەرمۇ ؟ ئەجەبا مەنمۇ بىر كۈلۈپ باقسام، بىر كۆڭلۈم تىنىپ قالسا سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار ئازىيىپ قالارمىدى ؟ بىر ئازاپنىڭ كەينىدە بىر تىراگىدىيە بار. بىر خوشاللىقنىڭ كەيندە بىر بەدەل بار.
سىلەر تىراگىدىيەنى كۆرمەي، ئازاپنى كۆرمەي كەيندىن مىنىڭ كاللاڭلاردىن ئۆتمىگەن تەرپىنى كۆرۈپ غەيۋەت قىلىشتىن نۇمۇس قىلمامسىلەر ؟ بۇ قەلبنى ئۆلتۈرۋىتەيمۇ ؟ بۇ خۇشاللىق تۇيغۇسىنى بۇغۇزلىۋىتەيمۇ ؟ تايىنلىق خوشاللىق دىگەن بۇ ئاتالغۇنى ھاياتىمدىن ئۆچۈرۋىتەيمۇ ؟
شۇنداق قىلسام رازى بولامسىلەر. . .
مىنى بۇزۇق دەپ تىللىغان ۋاقتىڭلاردا مەن كىچىككىنە مۇھەببەت نۇرىدىن كۆزۈمنى يۇرۇتقان ئىدىم. كىسلاتادا تۇمۇرلىرى يېرىلىپ كەتكەن يۈرىگىمنى بۇلاق سۈيىگە چىلىغان ئىدىم. يىغىلارنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە كۈلكىنى مەلھەم قىلغان ئىدىم. دەردىڭلار چىقتىمۇ . . . كىچىدىن ئۇخلىيالمىدىم. سىلەر ئۇخلاپ راھەتلەندىڭلارمۇ ؟ مىنىڭ ئۇيقۇمنىمۇ ئۇخلاپ بىر كىچىدە ئىككى كىچىنىڭ ئۇيقۇسىدىن ھوزۇرلاندىڭلارمۇ ؟
ئۇيقۇدا مىنىڭمۇ ھەققىم بار، كۈلكىدە مىنىڭمۇ ھەققىم بار، بەخت تۇيغۇسىدا مىنىڭمۇ ھەققىم بار،
گۈلدەك پارقىراپ تۇرغان مۇھەببەت ناملىق ئالۋاستىدىن قورقۇپ كەتكەندە ئاق تىكەنلەرنى سۆيىمەن. ئەتتىرلەرنىڭ پۇراقلىرى رىئاكسىيە قىلىپ تىنالمىغاندا ھاجەتخانىدىن پىشەپ پۇرايمەن، مەينەتمىكەنمەن ؟
ئاۋۇ ئۇلۇغ ئايالىمدىن ئاھانەت، ھاقارەت ئاڭلىۋېلىپ، ئەرلىك ئىززىتىم يەر بىلەن يەكسان بولغاندا باشقا ئاياللارغا دەردىمنى ئېيتىپ ئىچىمنى بىكارلايمەن، بۇزۇقمىكەنمەن.
مىنىڭ خوشاللىقتىنمۇ ھەققىم بار، سىلەر چۈشىنىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۇنىڭغا ئېرشەلمىسەم، سەۋىر قىلىمەن. ئەمما، سەۋىرنىڭمۇ چېكى بار، چۈنكى مەن چەكلىك سەۋىر بىرىلگەن ئىنسان، ئادەم. تاقىتىم يەتمىگەندە سىلەرنىڭ كاللارڭلاردىن ئۆتمەيدىغان، سىلەر چۈشەنمەيدىغا ئۇسۇل بىلەن ئۆزۈمنى خوش قىلىمەن.
بەخىتتىنمۇ ھەققىم بار، سىلەر قوللايدىغان ئۇسۇللارمىنى بەخىتسىز قىلىپ قويسا يەنىلا تاقەت قىلىمەن. ئەمما، تاقىتىم يەتمىگەندە سىلەر قارشى تۇرىدىغان ئۇسۇللاردا بەختىمنى ئىزدەيمەن. بۇ شۇنداق قىلىۋالغىنىم ئەمەس. بەلكى، تاقەت قىلالمىغىنىم. قانداق چۈشىنىش سىلەرنىڭ ئىشىڭلار. . . .
سىلەرگى شۇنى نەسىھەت قىلايكى: كىيىنلىكىگە ئىگە بولالمايدىغان ھەرقانداق تۇرمۇشقا ئارلاشماڭلار، كۆزەڭلارغا سىغمىسا ئارلاشماي قويساڭلارلا بۇلىدۇ. سىلەر ئۇلارنى، ئۇ تۇرمۇشنى كۆزۈڭلارغا سىغىدىغان قىلىپ ئۆگەرتەلمەيسىلەر. مەجبۇر ئۆزگەرتسەڭلار مەندەك تەتۇر پىشانە بۇلۇپ قالىدۇ.
مەن خوشاللىقىمدىن، بەختىمدىن مەھرۇم بولدۇم. ھاياتىمدا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن سەۋەنلىكلەر يۈزبەردى. زىنھار تولدۇرغىلى بولمايدىغان.
مىنىڭ بۈگۈنكى ھەسرىتىمگە يېقىنلىرىمنىڭ ھەممىسى جاۋاپكار، چۈنكى، ئىشلارنىڭ مۇشۇنداق بۇلىشىغا ھەممىڭلار تەسىر كۆرسەتكەن. مەن گەپ ئاڭلايدىغان، ئەتىراپىدىكەر بىلەن ئورتاق پىكىردە ئىش قىلىدىغان ياخشى ئادەم بۇلۇش ئۈچۈن ئۆزۈم توغرا تاپمىساممۇ سىلەرنىڭ پىكىرىڭلارنى قۇبۇل قىلغان. ياكى، سىلەر يېقىنلىقنى پەش قىلىپ مىنى بەزى ئىشلارغا مەجبۇرلىغان.
خوش بولدۇڭلارمۇ ؟ ئاخىرى مىنى قايتقىلى بولمايدىغان بەختسىزلىق كۇچىسىغا سۇلىۋېتىپ خاتىرجەم بولدۇڭلارمۇ ؟
روھچىن
كەچكۈز
كەچكۈز
كەچكۈز
كۆنچى
روھچىن
روھچىن
روھچىن