ھازىرقى ئورنىڭىز :باش بەت >پىكىر-تەلەپلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش قەدىمىڭىزگە مۇبارەك.

سىزنىڭ بلوگىمىزغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىڭىزگە رەخمەت، سىز مۇشۇ بلوگدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلىسىڭىز بىز ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن خۇشاللىق ھىس قىلىمىز.

بلوگىمىز ئۈزلىكسىز تەرەققىيات باسقۇچىدا بولغاچقا كەمچىلىك ۋە نۇقسانلارنىڭ بولىشى تەبىئىي، ئەگەر بلوگدا بىز بايقىيالمىغان خاتالىق ۋە نورمالسىزلىقلار بارلىقىنى بايقىسىڭىز ياكى ئەسەر مەزمۇنى ۋە زىيارەتچىلەر ئىنكاسىدا  ئەخلاق ياكى قانۇن تۈزۈمگە خىلاپ سۆزلەر بارلىقىنى بايقاپ قالسىڭىز، دەرھال باشقۇرغۇچىغا خەۋەر قىلىپ قويۇشىڭىزنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۆتىنىمىز، بىز قۇت بلوگىنى ياردىمىڭىز ئاستىدا ياخشى بىر بلوگ قىلىپ چىقىشقا تېرىشىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:  قۇت بلوگ
باشقۇرغۇچى : قۇتبىلىك
ئېلخەت : qutbilik#126.com



پىكىر-تەلەپلەر:ھازىر دانە ئىنكاس بار30

  1. ۋارىس : 2011-يىل 5-مارت08:29 جاۋاب

    مەن تېلفۇنۇمغا بىر نەرسە چۈشۈرۋاتقان سېغىمى سەل چوڭ ئىكەندۇق.قارىسام ئۆزىنىڭ سېغىمىغا قاچىلايمەن دەپ تۇرۋالدى.لىكىن توشۇپ كەتتى بولغاي ئوتتۇرىدا يېنىپ كەتتى. SDكارتىسىنىڭ سېغىمى 8گىگا ئىدى…قانداق قىلغاندا بىۋاستە SDكارتىغا قاچىلغىلى بۇلار؟ ئۆزىنىڭ ئەسلى سېغىمى ئاران 512مىگا ئىكەندۇق~~

  2. SAVIR : 2011-يىل 17-مارت17:23 جاۋاب

    مەن يېقىندا lg gw880دىن بىرنى سېتۋالغان ئىدىم .قارسام بۇ يانفۇن apk ھۆججەت شەكلىنى قوللايدىكەن يەنى:android1.5.گەرچە مەن root،فونىت قاچلاش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى مۇۋەپىققيەتلىك تاماملىغان بولساممۇ لېكىن ھەرىپلەر پەقەتلا ئۇلانمايۋاتىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە خەت يازغاندا سولدىن-ئوڭغا قاراپ تەتۈر چىقۋالدى.سەۋيەم چەكلىك بولغاچقا قەتئىي ئامال قىلالمىدىم. بىلدىغان دوستلار ياردەم قىلغان بولساڭلار

  3. قۇتبىلىك : 2011-يىل 18-مارت07:03 جاۋاب

    مەزكۇر بلوگغا يوللانغان ئاندرويىدنىڭ ئۇيغۇرچە تونۇشىنىڭ سىرى دىگەن ماقالىنى ئوقۇپ بېقىڭ، ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!

  4. dolkun : 2011-يىل 22-مارت05:51 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن ئالماقچى ئىدىم، ئايفون ئالسام ياخشىمۇ ياكى سامسۇڭنىڭ i9020 نى ئالسام ياخشىمۇ؟ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز؟

  5. dolkun : 2011-يىل 22-مارت15:10 جاۋاب

    قۇتبىلىك مەن سىزنىڭ مىنىڭ چ چ رىمنى قېتىۋېلىشىڭىزنى سورايمەن، مىنىڭ چ چ نومۇرۇم :1533003814
    مومكىن بولسا چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىز، تېلېفۇن توغرۇلۇق بىلىم ئۆگەنسەم.

  6. قۇتبىلىك : 2011-يىل 23-مارت12:21 جاۋاب

    دولقۇن ئەپەندى، مەن چ چ نۇمۇرىمنى قالدۇرسام بولىدۇ، لىكىن سىزگە كىچچىككىنە بىر سۆز بىرەي.
    تور دۇنياسى مەۋھۇم دۇنيا، بىز بۇيەردە بىز بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىزدىن چوڭمۇ ياكى كىچىكلىكىنى بىلىپ كىتەلمەيمىز، شۇڭا ئورتاق ھالدا ئەپەندى دەپ ئاتايمىز، ئەگەر چوڭ كىچىكلىكىنى بىلسەك كىچىك بولسا ئىنىم، چوڭ بولسا ئاكا دەپ ئاتايمىز، شۇڭا تور يۈزىدىكى مۇشۇ خىل سىلىق سۆزلەرنى ئۆگۈنۈپ قويسىڭىز، ھەممەيلەن ئىلمىي- مەدەنىيەتلىك، سىلىق گەپ قىلدىغان ئۆزئارا ھۆرمەت بولغان تور مەدەنىيىتى ياراتساق ھەممىمىزگە ياخشى. سۆزلىرىمنى توغرا چۈشىنەرسىز :grin:

  7. dolkun : 2011-يىل 24-مارت05:54 جاۋاب

    قۇتبىلىك ياخشىمۇ سىز، مەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم، چۈنكى تېلېفۇن توغرۇلۇق بلوگ بولماسلىققا خاتىمە بىرىلدى دىگەن گەپ، ئاۋال سىزگە قوپاللىق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرسىز، مىنىڭ سىزدىن سۇرايدىغان سۇئالىم بار ئىدى، مەن سەنشىڭ شىركىتى بىلەن گوگېل شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن i9020 تېلېفۇن، ئاندرويىد سىستېمىلىق تېلېفۇن ئىكەن، ئىقتىدارى ئايفون بىلەن تەڭلىشىپ قالدىكەن، ئايفون ئالسام ياخشىمۇ؟ مەن تېلېفۇننى تۆت-بەش يىل ئىشلەتسەم دىگۈدەك، تېلېفۇن بولسا بولاتتى، مەسىلىھەت بەرسىڭىز؟

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 24-مارت12:18 جاۋاب

      يۇقىرىدا قىلغان سۆزلىرىڭىزگە كۆپ رەخمەت، گوگېل شىركىتى تەتقىق قىلىپ تارقاتقان ئاندرويىد سىستېمىسىنى نۇرغۇنلىغان تېلېفون ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەتلەر ئۆز تېلېفۇنلىرىغا قاچىلاپ سېتىۋاتىدۇ، مەيلى قايسى شىركەتنىڭ تېلېفۇنى بولسۇن، ئاندرويىد تېلېفۇنلا بولسا ئىقتىدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، ئوخشىمايدىغان يېرى ئىشلەتكەن قاتتىق دىتالى، بەزىللىرى ناچارراق ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىپ ئەرزان باھادا ساتسا، بەزىلەر راۋۇرۇس كۈچەپ نوچى زاپچاسلانى سەپلەپ سېتىۋاتىدۇ، سەنشىڭنىڭ ئاندرويىد تېلېفۇنلىرى خېلى يامان ئەمەس، ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، سەنشىڭ شىركىتى كىيىنچە ئاندرويىد تېلېفۇن ساھەسىدكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ بىرى بوپ قېلىشى مومىن، ئىشنىشكە ئەرزىيدۇ. ئايفونغا كەلسەك خالاستان بلوگدا ئايفون توغرىسىدا مول بىلىملەر بار، بولسا ئاشۇ يەرگە بېرىپ قاراپ باقسىڭىز.
      مىنى مەسلىھەت بار دېسىڭىز مەن سىزگە مۇنداق مەسلىھەت بىرىمەن، پۇلىڭىز كۆپ بولسا ئايفون ئېلىڭ، ئازراق بولسا، ئاندرويىد ئېلىڭ، بەك ئاز بولسا موبايىل ئېلىڭ. :lol: :mrgreen:

  8. hawaskar : 2011-يىل 29-مارت16:42 جاۋاب

    مەن يەكەندىن، ئاندرويىد 2.1 سىستېما قاچىلانغان 5800 يانفون بار، ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاي دىگەن، فونتنى تاپالمدىم، ياردەم قىلغان بولسىڭىز؟

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 30-مارت02:16 جاۋاب

      دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز، بلوگىمىزنىڭ باش بىتىدىكى تىزلەتمە قانالد چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمىنلەنگەن، ئاشۇ يەردىن بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە فونتنى چۈشۈرەلەيسىز!

  9. ئۇيغۇربەگ : 2011-يىل 2-ئاپرېل10:22 جاۋاب

    بلوگىڭىزنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ 4-ئايلىق تەۋسىيە ئورنىغا بلوگىڭىز ئۈچۈن بىر ئورۇن ئېلىپ قويغان.260*100 ھەجىمىدىكى ئېلان رەسىمدىن بىرنى تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت~!

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 2-ئاپرېل11:24 جاۋاب

      ئۇيغۇربەگنىڭ قۇت بلوگىنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر، مەن رەسىمنى تەييار قىلاي، ئۇيغۇر بەگكە كۆپتىن كۆپ رەخمەت!

  10. sahabilar : 2011-يىل 14-ئاپرېل15:59 جاۋاب

    ئۇلىنىش قىلىۋالساق بولامدۇ؟ مەن ئۇلىنىش قىلىۋالدىم.
    http://sahabilar.blogbus.com/

  11. ساياھەتچى : 2011-يىل 23-ئاپرېل08:01 جاۋاب

    مەن CDMA قوللايدىغان ئاندرويىد يانغۇن سېتىۋىلاي دىگەن، htc hero200 بىلەن 酷派 D530 دىن قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالدىم . بىر مەسلىھەت كۆرسەتسەڭلا؟ ياكى 1500 يۈەن ئەتراپىدا باشقا ياخشى يانغۇن بولسىمۇ بولىدۇ.

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 23-ئاپرېل10:31 جاۋاب

      تېلېكامىرا: خېرو 200 نىڭ 500مىڭ پىكسىل، 酷派 D530 نىڭ 200 مىڭ پىكسىل
      بىرتەرەپ قىلغۇچ: خېرو 600 مىگاھىرتىس ، 酷派 D530 بولسا 528 مىگاھىرتىس
      ئىكران چوڭلىقى: خېرو 3.5 سۇڭ، 酷派 D530 بولسا 3.2 سۇڭ
      تورداشلانىڭ بەرگەن باھاسى : خېرو 3.3 ، 酷派 D530 بولسا 3.0
      مىنىڭ ھىس قىلغىنىم رەسىمگە تارتىشقا بەك ھەۋسىڭىز بولمىسا 酷派 D530 خېرودىن ياخشى، مەيلى باتارىيە، مەيلى سۈرئەت، مەيلى باھا جەھەتتە بولسۇن، 酷派 D530 نى خېرونىڭ ئالدىغا تىزىش كىرەك.

  12. hoxbulah : 2011-يىل 7-ئىيۇل10:25 جاۋاب

    قۇتبىلىك ئەپەندى مەن سىزبىلەن كۆرىشەي دىگەن
    qq:1070464355

  13. yok : 2011-يىل 1-ئاۋغۇست17:57 جاۋاب

    as sa la mu alay kum ?man da htc G2magif mar ki lik tilfundin bir si ba rom yuyulup katkan eqilip la ka ti du mum kin bol sa yezip be ra la siz mu admin apan dim yezip bi rix hak ki uqun 200 koy bi ri man man 0903 din bu yar da heq kim yazam may di kan buzulux sa wa bi uygur qa tu nu tux uqun hapi li xip yu yup koy dum mun kin bol sa man bi lan ala ki li xing 13565526610 qq 1481389015

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 2-ئاۋغۇست15:18 جاۋاب

      بولىدۇ، مەن ياردەم قىلاي، تېلېفوننى ئاتۇشقا يولغا سېلىپ 15022841711 دىگەن تېلېفون نۇمۇرنى يېزىپ بىرىڭ، مەن كۆرۈپ باقاي، ئوڭشىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، ئىشەنچىلىكلىكىمدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، خىيانەت قىلسام قۇتبىلىك دىگەن ئىسىمنى توردا سېستىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

  14. بىلىملەر تورى : 2011-يىل 11-ئاۋغۇست20:10 جاۋاب

    قۇد بلوگ بىلىملەر تورىنىڭ داڭلىق بلوگ ئۇلىنىشىغا قوشۇلدى. خالىسىڭىز بىزنىمۇ قوشىۋالسىڭىز. :wink:

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 12-ئاۋغۇست05:35 جاۋاب

      قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت، مەنمۇ ئۇلانما قىلىپ قوياي!

  15. ھەزرەت : 2011-يىل 21-سېنتەبىر15:42 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    بلوگىڭىزنىڭ Gravatar نورمال ئەمەسكەن! ھەزرەت گرافىكى دىكى مۇنۇ يازمىنىڭ سىزگە ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس! http://www.hezret.com/?p=497

  16. بىلىملەر تورى : 2011-يىل 24-سېنتەبىر15:40 جاۋاب

    مەن 2000 يۈەن ئەتىراپىدا ئاندرويىد سېستىملىق يانفون ئالاي دىگەن. بىرنى تەۋسىيە قىلسىڭىز بولاتتى. ئاساسلىق css بىلەن ram يوقىرراق بولسا ياخشىتى.

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 26-سېنتەبىر03:36 جاۋاب

      CSS دىگەننى خاتا يېزىپ قويدىڭىزمۇ قانداق؟ ئىچكى ساقلىغۇچ چوڭ بولسۇن دىمەكچىمۇ؟ دېسكا چوڭ بولسۇن دىمەكچىمۇ؟

      • بىلىملەر تورى : 2011-يىل 26-سېنتەبىر05:17 جاۋاب

        ئاپلا ،،، ئىنكاس يېزىۋاتقاندا css ئۇسلۇب تۈزىۋاتقانتىم ئىسىمدە يوقلا خى خى ..

  17. شىرىن بۇلاق : 2011-يىل 27-سېنتەبىر05:09 جاۋاب

    بلوگىڭىز ئاستىدىكى ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارىنى قانداق چىقىرىش توغرىسىدا تەلىم بىرەرسىزمۇ؟

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 30-سېنتەبىر15:51 جاۋاب

      ئۇسلۇپ بىلەن بىرگە كەلگەن ئېلان قىستۇرمىسى ئىكەن، ئايرىم ھالەتتە قانداق بولدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.

  18. تارىم : 2011-يىل 20-ئۆكتەبىر14:10 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ~!
    • ئاغىينەم قانداق ئەھۋالىڭ ؟ئۇزۇن بولدى ئالاقىلىشىپ بۇلالمىدۇق .مەن ئالىي مەكتەپتىكى ئاغىينەڭ ئابدۇخالىق (سىياسەتتىكى) سەن بىلەن ئالاقلىشىپ بۇلالمىغىلى خېلى زامان بۇلۇپ قاپتۇ .بىرنەچچە قېتىم تېلفۇن ئۇرسام تېلفۇنۇڭ ئۇلانمىدى .
    • مىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرۇم :18699771670 سەنمۇ ماڭا تېلفۇن نۇمۇرىڭنى قالدۇرۇپ قويغىن ياكى ماڭا تېلفۇن قىلارسەن . خۇداغا ئامانەت ~!

    • قۇتبىلىك : 2011-يىل 21-ئۆكتەبىر14:57 جاۋاب

      زامانىۋى ئۇسۇلدا ئىزدەپ كەپسەن ھە ئاداش، تورغا چىقىپسەنۇ چ چ غا چىقماپسەندە؟ چ چ نىڭ ئىمزا قويۇلغان يىرىدە تېلېفون نومۇرۇم بار ئىدى ئەمەسما، توردىكى ئىسمىڭنى تارىمغا ئۆزگەرتىپسەندە، سىياسەتچى تارىم، قانۇنشۇناس تارىم.
      بولىدۇ ئاداش، مەن سەل بىكار بولۇپ، تېلېفون قىلاي، ھە راست توي قىلدىڭما؟

  19. بىپەرۋا : 2011-يىل 5-نويابىر17:27 جاۋاب

    yah xi mu siz man da lenovo a30t din bir si bati man uyghurqa tunutalmay bax ka font lani yuyuwetip saldim telfunum eqilmaywa ti du telfunning usb simini qetip iqidiki hojjat ni kor gili bolam du xuni soray digan tim siz din :sad:

سۆز قالدۇرۇڭ


Ctrl+Enter نى بېسىپ يوللاڭ