سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «wordpress» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

wordpress تېخنىكىسى

WordPress كە «بازار ئارلاش» ئىقتىدارىنى قوشۇش

Google ئىزدەش ماتورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېكىتىدىكى ئىزدەش كونۇپكىسى قاتارىدا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن يەنە بىر كونۇپكا بار، ئىشلەتكۈچىلەر «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارى ئارقىلىق Google سېستىمىسى ئۆزى خالىغان(ئىختىيارىي) چىقىرىپ بەرگەن ئىزدەش نەتىجىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. يەنە كىلىپ، بۇ ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ قانۇنىيىتى يوق، ھەممىسى ئىختىيارىي، قالايمىقان، خۇددىي «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» دېگەن ماقالغا ئوخشاش.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

WordPress نىڭ كىرىش پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

بلوگىڭىزنىڭ پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ئېلخەت ئەۋەتىشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ ياكى ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى خاتا تولدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ۋە ياكى ئىسمىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزچۇ؟ ئۇنداقتا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

phpsay مىكرو بلوگىنى wordpress نىڭ يان قىسىمىدا چىقىرش

ئالدىنقى كۈنى يېزىپ ئۆتكەن «phpsay يەككە كىشىلىك ئۇيغۇرچە مىكرو بلوگ سىستېمىسى» ناملىق يازمىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك ئۆزىمىزنىڭ شەخسى يەككە كىشىلىك مىكروبلوگىنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مىكرو گەپلىرىمىزنى wordpress بلوگىمىزنىڭ يان قىسمىدا كۆرسەتمەكچى بولساق، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتسەكلا بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

Sinaapp گە wordpress3.3.1 نى قاچىلاش ئۇسۇلى

Sina تورنىڭ كۆپچىلىككە سۇنغان بۇلۇت سۇپىسى SAE نىڭ تەمىنلىگەن ھەقسىز پىروگىرامما ئېچىش سۇپىسىدا نۆۋەتتە مودا بولىۋاتقان، كۆپ كىشلەر ئىشلىتىۋاتقان يېڭى پروگراممىلارنى خالىغانچە قاچىلاپ سىناپ ئىشلىتىش ۋە بىۋاستە تور يۈزىدە پروگرامما يېزىپ ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress قىستۇرمىسى

Spam دېگەن نېمە؟ WordPress نىڭ Akismet قىستۇرمىسى ئارقىلىق ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن قۇتۇلۇش

WordPress ئىشلىتىۋاتقان بلوگگېرلارغا مەلۇمكى، WordPress نى قاچىلاپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، زور مىقداردا SPAM(ئەخلەت باھا) نىڭ بلوگقا يامغۇردەك يېغىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى تاللاپ ئۆچۈرۈشمۇ بەك قولايسىز بولۇپ، ئادەتتىكى بۇ خىلدىكى باھالارغا SPAM بەلگىسى قويۇپ قويساق، كېلەر قېتىمدا شۇ ئابونتتىن كەلگەن باھالارنى ئاپتوماتىك سپەملەر قاتارىغا قوشۇۋېتىدۇ. بىراق، بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەرگىزمۇ ھەقىقى ئادەم بولماستىن، بەلكىم مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق يوللىنىدىغان بولغاچقا، ھەر قېتىمدا بۇ باھالارغا سپەم بەلگىسى قويۇش ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش

WordPress نىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزى تەمىنلىگەن بىر قىسىم فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت سانلىق مەلۇماتلىرى، مەسىلەن: ئومۇمىي يازما سانى، باھا سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سىتاتسىكىلاشقا بولىدۇ. گەرچە بىر قىسىم قىستۇرمىلار ئارقىلىقمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولسىمۇ، بىراق قىستۇرمىلارنىڭ كۆپىيىشى، پۈتكۈل WordPress نىڭ سۈرئىتىگە ئازدۇر كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ، شۇڭا بەزىدە يەنىلا تەييار كود ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمىز.ئەلۋەتتە بېكەت سىتاتسىكا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بلوگىڭىزدىكى يېڭى ئوقۇرمەنلەرنى بلوگىڭىز ھەققىدە قىسقىچە ئارخىپقا ئىگە قىلغىلى ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئۆتىگىلىمۇ بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

wordpress تە ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق يازمىغا خەت قوشۇش

wordpress تە ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ، مەسىلەن بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق نادىر سۈرئەت بەلگىلەيدۇ، يازمىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ئەسلى ئادرېسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، wordpress دا يازمىدا پەقەت بىرلا ماۋزۇ يازىدىغان ئورۇن بار، ئەگەر سىز ماۋزۇنىڭ ئاستىغا ئىنگىلىزچە ماۋزۇمۇ كۆرىنىدىغان قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

wordpress بلوگىدا نۆۋەتتىكى زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانىنى چىقىرىش

زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانى بلوگىرلار ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان بىر مۇھىم ئۇچۇر، بىلوگنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا قانچىلىك ئادەم تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان كۆرسەتكۈچ دىسەك بولىدۇ. مەن كۆپ قېتىملاپ باشقا توربەتلەر تەمىنلىگەن كود ئارقىلىق بۇ جاينى ئىشقا ئاشۇرغان بولساممۇ لېكىن باشقا توربىكەت تەمىنلىگەن كود بولغانلىقى سەۋەبىدىن توربېتىمنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىەتتى. شۇڭا مەن ئۇيان ئىزلە بۇيان ئىزلە ئاخىرى بىر يەرلەردىن تېپىۋالدىم.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

WordPress بلوگىدىكى قسىتۇرمىلارنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى يۇقىتىش

باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە «ئۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ، بۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ» دېگەن خەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھە ماقۇل دەپ بىرلا يېڭىلاپ قويساق، تەلىيمىزگە ساق يېڭىلانسىغۇ مەيلى، تەلەي كەلمەي قالسا ئۇسلۇبتىكى مەلۇم بىر كود بىلەن پېتىشماي كاشال چىقىدىغان ئىش. يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقاتسىڭىز بولىدۇ.

تۇلۇق ئوقۇش
wordpress تېخنىكىسى

WordPress بلوگىغا Favicon رەسىم قوشۇش

قاراپ باقسىڭىز ھەر قايسى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇغ بەلگىسى بولىدۇ، شۇ بېكەتلەرنى ئاچسىڭىز توركۆرگۈنىڭ ئۈستى تەرىپىدە كىچىك بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمدى بىز ئۇنداق چوڭ بېكەت بولمىساقمۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق بەلگىلەرنى چىقىرىپ قويساق بولىۋېرىدۇ. مەن تۆۋەندە ئەڭ ئاددى خىل ئۇسۇلدا Favicon چىقىرىشنى سۆزلەي.

تۇلۇق ئوقۇش