تۆت تىللىق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (شەخسلەر نۇسخىسى) قولغا چۈشتى
- يۇمشاق دېتال
- باھا:10 دانە
- 2,679
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا «2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» تەرتىپلىك ھەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا شۇنداقلا داغدۇغا بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا خېلە كۈنلەر بولۇپ قالدى، دوستلارنىڭ ئىسىدە بارمىكىن پرېستان بلوگى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ شەرەپ بىلەن ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەر بىر بلوگېرغا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى رىغبەتلەندۇرۇش سۈپىتىدە ئۈزنىڭ «تۆت تىللىق ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (شەخسلەر نۇسخىسى)» تارقاتماقچى بولغان ئىدى. مانا بۈگۈن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم (ھا ھا... كۆزۈڭلار قىزاردىمۇ). مەزكۇر يازمىدا پائالىيەت توغرۇلۇق سۆزلىمەيمەن، سۆزلەيدىغىنىم مۇكاپات ئالغان ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى.
تۇلۇق ئوقۇش
ئەڭ يېڭى باھالار