127 قېتىم چاۋاك چېلىنغان نۇتۇقتىن ئۈزۈندىلەر
-
127 قېتىم چاۋاك چېلىنغان نۇتۇقتىن ئۈزۈندىلەر
ۋاقتى: 2015-10-13 ئاۋاتلىقى: 8010 قېتىميانفوندا كۆرۈش
127 قېتىم چاۋاك چېلىنغان نۇتۇق
جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇيجوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جېڭ چياڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندىلەر
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇيجوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جېڭ چياڭ
جېڭ چياڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۇ مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ نۇتۇقىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغۇچىلار جەمئىي 127 قېتىم چاۋاك چالغان.
تۆۋەندىكىلىرى جېڭ چياڭنىڭ شۇ نۇتۇقىدىكى قىسمەن ئۈزۈندىلەر
1. چەت ئەللىكلەر نېگىرلارنى ياقتۇرسا ياقتۇرىدۇكى، بىزنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى ھازىر جۇڭگولۇقلاردا روھ يوق.2. كۆپچىلىك رۇسلارنى مەسىخىرە قىلىسىلەر، ئەمما مەن رۇسلارنىڭ كەلگۈسىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى رۇسلار ئىككى كۈن تاماق يېمەي ئاچ قالسىمۇ ئۆچرەتنى بۇزمايدۇ، ئەمما بىزدە ئىككىيلەنمۇ قىستىلىشىپ جېدەللىشىدۇ.3. بىزدىن نۇرغۇن خائىنلار چىققاچقا ياپونىيەلىكلەر بىزگە تاجاۋۇز قىلالىغان. كەلگۈسىدە ياپونىيە بىزگە تاجاۋۇز قىلىپ قالسا، يەنە قانچىلىك خائىن چىقار؟ كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى خائىنلار كىملەر بولار؟ بۇ يەردە ئولتۇرغان كۆپىنچىڭلەر دەل شۇ خائىنلاردىن بولۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. چۈنكى سىلەر ۋەتەنپەرۋەرلەرنى مەسخىرە قىلىسىلەر، ھوقۇق ۋە پۇلغا چوقۇنىسىلەر، غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايسىلەر.4. ھازىرقى خائىنلار زادى كىملەر؟ ئۇلار دەل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، چۈنكى ئۇلار ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن چەت ئەللىكلەرنىڭ بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلىۋاتىدۇ.5. بىز تارىخنىڭ قىممىتىگە ئېتىبارسىز قاراپ، ھەمىشە بىنالار قانچە يېڭى بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايمىز، ئەمما فىرانسىيەگە بېرىپ قاراپ باقساڭلار، يېڭى قۇرۇلۇشلارنى كۆرەلمەيسىلەر، ئۇلار تارىخنىڭ جۇغلىنىشىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئەمما بىز توختىماي يېڭى قۇرۇلۇشلارنى سېلىپ تۇرىمىز.6. مائارىپنىڭ مەقسىتى جان بېقىش ئەمەس، بەلكى قىزىقىش يېتىلدۈرۈش، روھقا ئىلھام بېرىشتىن ئىبارەت. مائارىپتا تايىنىپ جان باققىلى ۋە تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ، بىز شۇنىڭغا بەك ئەھمىيەت بېرىمىز.7. كەلگۈسىدە جۇڭگو تەرەققىي قىلغان تەقدىردىمۇ، سىلەر كاتتا بايلار ھەشەمەتلىك ماشىنىلىرىنىڭ دېرىزىدىن يولغا تۈكۈرگەنلىكىنى، ئەخلەت تاشلىغانلىقىنى كۆرەلەيسىلەر. بۇنىڭدىن بىز ناۋادا مائارىپ بولمىسا، جۇڭگو ھەرقانچە بېيىغان بىلەنمۇ، كۈچىيەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىلەر.8. جۇڭگونىڭ مائارىپى جۇڭگولۇق ئوغۇللارنىڭ غۇرۇرى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلدى، جۇڭگونىڭ مائارىپى قىزلارغا ھەددىدىن زىيادە مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەپ، ئوغۇللارنى نۇرغۇن مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرۇۋەتتى.9. ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى ئەمەلىيەتتە بىر قاتار توقۇنۇشلاردىن ئىبارەت. شۇڭا كۆپچىلىك توقۇنۇشلارغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەڭلار، چۈنكى توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بەك سۆيۈملۈكتۇر.10. جۇڭگونىڭ پۇتبولچىلىقىدا تېخنىكا كەم ئەمەس، پۇلمۇ كەم ئەمەس، ئەمما ئۇلاردا مەسئۇلىيەت كەم.11. ناخشا ئېيتالايدىغانلار نەپەستىن تاۋۇش چىقارغاچقا، بەك چارچىمايدۇ. مەن سۆزلەۋاتقاندا گېلىڭلارنىڭ مىدىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سىلەرنىڭ چوقۇم ناخشىنى ياخشى ئېيتالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلىۋالدىم.12. كەلگۈسىدىكى 20 يىلدا، جۇڭگولۇقلارنىڭ چوقۇنىدىغىنى ئەمەلدار ئەمەس، بەلكى بىلىم. بۇ نۇقتىدا بىز ياپونىيەدىن ئۆگەنسەك بولىدۇ، بۇ مىللەت بىلىمنى ھۆرمەتلەشتە يۈكسەك پەللىگە يەتكەن. ئەمما ھازىر جۇڭگودا ئازراق پۇلى، ئارزاق ھوقۇقى بارلار ھەتتا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورىنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ.13. بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇنى ئالدىدا تىزلانسا مەيلى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالدىدا باش ئەگسە مەيلى، ئەمما ھوقۇق ۋە بايلىق ئالدىدا باش ئەگسە ھەرگىز بولمايدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن كىشىلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلماقتا.14. مائارىپ جۇڭگوغا غۇرۇرنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئەمما بىز ھازىر چەت ئەللىكلەرنى كۆرسەك بېشىمىزنى ئېگىمىز، قىزلار چەت ئەللىك ناچار ئەرلەر بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ. سىلەرنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ ئالدىدا شۇنچىۋالا يۈزۈڭلار يوقما؟ ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانلارنىڭ ئىچىدە، پەقەت مەنلا قايتىپ كەلدىم، ئەمما ياپونىيەلىكەر ئەكسىچە مېنى ھۆرمەت قىلىدۇ، چۈنكى مەن روھىم بىلەن، ۋىجدانىم بىلەن ياشىدىم.15. ئىستۇدېنتلار ئادەتتىكىچە بولماسلىقى، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك.16. كىمنىڭ قورالىنى ئىشلىتىش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى بۇ قورال ئارقىلىق كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
جېڭ چياڭ ھەققىدە
جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇيجوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جېڭ چياڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۇ مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ نۇتۇقىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغۇچىلار جەمئىي 127 قېتىم چاۋاك چالغان.جېڭ چياڭ ھازىر گۇيجوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.ئىلگىرى 9-، 10-نۆۋەتلىك جېجياڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. ئۇ ئىلگىرى جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرى مولېكولا مۇرەككەپ ماتېرىياللار تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، يۇقىرى مولېكولا بىرىكمە ۋە ئىقتىدار قۇرۇلمىسى بويىچە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جۇڭگو ئىستۇدېنتلار ۋاسكېتبول جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ‹‹جۇ كېجىن فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتى›› قاتارلىق نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
جېڭ چياڭ
جېڭ چياڭ
جېڭ چياڭ
جېڭ چياڭ
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
پۇتىننىڭ 2015-يىللىق پاراتتىكى نۇتۇقى
2015-11-04 19:07:5910264بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى
2016-01-11 21:56:257534جۇڭغار خانلىقىنىڭ پۇللىرى
2015-02-11 18:49:474375تۇرگېنېۋ ۋە غەرب مەدەنىيىتى
2015-02-05 11:07:523639روھىي ساغلاملىقنىڭ ئىپادىلىرى
2015-03-15 20:47:133902ما يۈننىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى
2015-04-02 18:46:255080پوۋېست: قارا يۈرەك - 6 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:21:254296‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (1)
2015-07-21 13:11:485064
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-