نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى

بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى

ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 7517 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



‹‹خەلق›› سارىيى بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ غەربى، غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ‹‹خەلق›› سارىيى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان جاي، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىشخانا سورۇنى. ئۇ پارتىيە، دۆلەت ۋە ھەر مىللەت خەلق تەشكىلاتلىرى سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم سورۇن، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلق ئاممىسى سىياسىي، دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدىغان سورۇن. ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ غەربتىن شەرققە، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 336 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 206 مېتىر، ئېگىزلىكى 46.5 مېتىر، ئىگىلىگەن كۆلىمى 150 مىڭ كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 171 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. گۇگوڭ خان سارىيىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمىدىنمۇ چوڭ. ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، شۇنداقلا ھەر بەش يىلدا بىر نۆۋەت ئېچىلىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى، يەنە نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى كېچىلىكلەرمۇ مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

‹‹خەلق›› سارىيى 1959-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇوپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى، گوۋۇيۈەن 10 چوڭ قۇرۇلۇش ئارقىلىق 10 يىلدىن بۇيانقى قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى نامايىش قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە شەھەر پىلانى، ئادىمىيەت مۇھىتى قاتارلىقلار ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان. ‹‹خەلق›› سارىيى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىدىكى پايتەختتىكى 10 چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى ئۆزى لايىھەلەپ، 1958-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇشنى باشلاپ، 1959-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلۇشنى تاماملىغان، بۇنىڭغا پەقەت 10 ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت كەتكەن. ‹‹خەلق›› سارىيىغا ئەينى دەۋردىكى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى جۇغلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇشچىلار سېمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، پەقەت 10 ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتىلا لايىھەلەشتىن تارتىپ ئىچىدىن تېشىغىچە بولغان بارلىق بېزەش ۋە ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سىناش ۋە تەڭشەش ئىشلىرىنى تاماملىغان.

‹‹خەلق›› سارىيى تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن قۇرۇلۇشتىن ‹‹تاغ›› دېگەن خەت شەكىللىنىدۇ، ئىككى تەرىپى سەل پاكارراق، ئوتتۇرىسى سەل ئېگىزراق بولۇپ، تۆت تەرىپىدە ئىشىكى بار. سىرتىدا سۇس سېرىق رەڭلىك گىرانت تاش بولۇپ، ئۈستىدە سېرىق، يېشىل ئارىلاشقان سىر كاھىش لەمپە بار، ئاستىدا بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى گىرانت تاش تەگلىكى، ئەتراپىدا ھالقا شەكىللىك 134 دانە يۇمىلاق ئايۋان تۈۋرۈكى بار. ‹‹خەلق›› سارىيى ئالدى ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدا تيەنئەنمېن مەيدانى، قۇۋۇق ئۈستىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئۇيۇلغان، ئالدى ئىشىكىدە يەنە 12 دانە سۇس كۈل رەڭلىك مەرمەر تاش ئىشىك تۈۋرۈكى بار، ئىشىك تۈۋرۈكىنىڭ دىيامېتىرى ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى 25 مېتىر كېلىدۇ. تۆت تەرەپتىكى ئىشىكنىڭ ئالدىدا بەش مېتىر ئېگىزلىكتە گىرانت تاش پەلەمپەي بار. ‹‹خەلق›› سارىيى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى تولىمۇ ھەيۋەتلىك، گۈزەل بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. ئىچىدە ئاۋاز، چىراغ، تېمپىراتورىنى كونتىرول قىلىش ۋە ئاپتوماتىك ئوت ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش، ئوت ئۆچۈرۈش قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھەلەر تولۇق. ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان: ئىشىكتىن كىرگەندە كۆزگە چېلىقىدىغىنى كۆركەم مەركىزىي زال (بۇ زالدا ئولتۇرىدىغان ئورۇن سەپلەنمىگەن). زال كەينى كەڭلىكى 76 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 60 مېتىر كېلىدىغان 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زال، چوڭ زالنىڭ شىمال تەرىپى بەش مىڭ كىشىلىك زىياپەت زالى، جەنۇب تەرىپى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت بىناسى. سارايدا يەنە مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە زاللار تەسىس قىلىنغان.
بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلار ئىدارىسى 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيى قۇرۇلۇشىنى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ‹‹بېيجىڭدىكى مۇنەۋۋەر زامانىۋى قۇرۇلۇشلارنى قوغداش تىزىملىكى (1-تۈركۈم)››گە كىرگۈزگەن.
1956-يىلى جۇڭگو ‹‹1-بەش يىللىق›› پىلان مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملانغان. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن، بولۇپمۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ روھىي قىياپىتىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە نۇرانە ئوبراز تىكلەيدۇ، كەڭ خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاۋازىنى بىۋاسىتە ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1956-يىلىدىن باشلاپ، كېڭىشىش ئارقىلىق بېيجىڭدا بىر چوڭ تىپتىكى ساراي قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىغىن ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇشنى قارار قىلىدۇ. بۇ چاقىرىق 1958-يىلىغا كەلگەندە تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. 1958-يىلى 7-ئايدا، بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان ئىدارىسى مەخسۇس موسكۋادا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تۈمەن كىشىنى سىغدۇرالايدىغان چىڭ تىپتىكى ساراي قۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ. شۇ يىلى 8-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭدا تۈمەن كىشىنى سىغدۇرالايدىغان ساراي قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇ چوڭ قۇرۇلۇشلاردىن يەنە ئىنقىلاب مۇزېيى، تارىخ مۇزېيى، دۆلەتلىك تىياتىرخانا، ھەربىي ئىشلار مۇزېيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، سەنئەت كۆرگەزمە سارىيى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى سارىيى، دېھقانچىلىق كۆرگەزمە سارىيى قاتارلىقلار بار. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى 1959-يىلى دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، تۈمەن كىشىلىك ساراي قۇرۇشنىڭ جەڭ سىگىنالى چېلىنىدۇ.

1958-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەن لى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كىنوخانىسىدا بېيجىڭدىكى لايىھەلەش، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق كۆرسەتمە بېرىدۇ: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا 1959-يىلى چوڭ كۆلەمدىكى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرەك قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەت ئەلدىكى مېھمانلار ۋە چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارمۇ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ، شۇڭا تۈمەن كىشىلىك ساراي ۋە 5000 كىشىلىك زىياپەت زالى، شۇنداقلا مېھمانساراي قاتارلىق مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى. بۇ قۇرۇلۇشلار نەپىس، ئىشلىتىلىشچان، گۈزەل بولۇشى، سۈپەتلىك، سەنئەتلىك بولۇشى، شۇنداقلا مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن بولۇشى كېرەك.
دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، ھەرقايسى جايلاردىكى قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرىگە تەكلىپنامە ئەۋەتىلىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر بېيجىڭغا كېلىپ ئالاقىدار ئىشلار ئورتاق كېڭىشىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇ تەكلىپنامىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەرقايسى جايلاردىن تەكلىپ قىلىنغان قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە بېيجىڭغا جەم بولىدۇ. ئۇلار بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپلەر بارلىق مۇتەخەسسىسلەردىن تېزلىكتە دەسلەپكى لايىھەنى تەييارلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، دەسلەپكى لايىھە ۋاقتى-قەرەلىدە تاماملىنىدۇ. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈچىنچى لايىھەنى تەييارلاپ بولىدۇ. ليۇ رېن، جېن تيەنشياڭ، ۋەن لى قاتارلىقلار مۇتەخەسسىسلەردىن يەنىمۇ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، نەزەر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، نۇرغۇن قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسلىرى ئازادلىقتىن كېيىن دەرۋەقە نۇرغۇن قۇرۇلۇش لايىھەلەش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەزەلدىن بۇنداق ھەشەمەتلىك ۋە يۇقىرى سۈپەتنى تەلەپ قىلىدىغان قۇرۇلۇشنى لايىھەلەپ باقمىغانىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئۈچ لايىھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەردە ئاساسەن يېڭىلىق يوق ئىدى، ھەممىسى دېگۈدەك ‹‹ئاتام ئېيتقان بايىقى›› نەرسىلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئىختىلاپى بولغاچقا، لايىھە تۈزۈشتە ئانچە چوڭ ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. لايىھە بېكىتىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، بارلىق خىزمەتلەر نورمال يۈرۈشمەيدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن تولىمۇ تىت-تىت بولىدۇ.

زۇڭلى جوۋ ئېنلەي بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش كېرەكلىكى، بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ياش مۇتەخەسسىسلەرنىمۇ لايىھە تەييارلاشقا قاتناشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس كۆرسەتمە بېرىدۇ. زۇڭلى جوۋ ئېنلەينىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى ياشلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ياشلارنىڭ تەپەككۇر يولى ئوچۇق، دادىل، كونا رامكىلارغا ئېسىلىۋالماي يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولغانلىقتىن پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە لايىھە تەييارلاشقا كىرىشىدۇ.
كونا-يېڭى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايتا-قايتا تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى مۇنداق بەش مەسىلىنى مۇنازىرە قىلىشقان: بىرىنچى، ساراينىڭ ئۇلى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ ئالدى قۇۋۇقى تەرەپتە بولۇشى كېرەكمۇ ياكى تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ غەربىدە بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئىككىنچى، ساراينىڭ ئېگىزلىكىنى تيەنئەنمېندىن ئاشۇرۇشقا بولامدۇ-بولمامدۇ؟ ئۈچىنچى، ساراي بىلەن ئىنقىلاب تارىخى مۇزېيىنىڭ ئارىلىقى 350 مېتىر، 400 مېتىر بولۇشى كېرەكمۇ ياكى 500 مېتىر بولۇشى كېرەكمۇ؟ تۆتىنچى، ساراينىڭ ئۈستىنى قۇببىسىمان قىلىش كېرەكمۇ؟ بەشىنچى، خاتىرە ئابىدىسىنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە ئىككى قۇرۇلۇش بولسۇنمۇ ياكى تۆت قۇرۇلۇشمۇ؟
ئەڭ ئاخىرقى مۇنازىرىدىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تۆت خىل لايىھە ئاساسىدا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە قارىتا مۇنداق قارار چىقىرىدۇ: بىرىنچى، ساراينىڭ ئورنى مەيداننىڭ غەربىدىن بولسۇن، بۇ زىياپەت زالى، مەجلىسخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، ساراينىڭ ئېگىزلىكىنى تيەنئەنمېندىن ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، ئەمما ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ساراي بىلەن ئىنقىلاب تارىخىي مۇزېيىنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىر بولسۇن. تۆتىنچى، خاتىرە ئابىدىسىنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىدە بىردىن ئىككى قۇرۇلۇش بولسۇن. بەشىنچى، ساراينىڭ شەكلىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىكنىڭ ئىجادچانلىق روھى ئەكس ئەتسۇن. بۇ قارار ئەڭ ئاخىرىدا زۇڭلىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.

شەھەرلىك پارتكومنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يەنە تېزلىكتە بەشىنچى لايىھەنى تەييارلاپ چىقىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ساراينىڭ ئالدى ئىشىنىڭ مەركىزى خاتىرە ئابىدىسىنىڭ مەركىزىگە ئۇدۇللىنىشى كېرەكمۇ؟››، ‹‹زىياپەت زالىنىڭ ئورنى ساراينىڭ جەنۇبىدا بولامدۇ ياكى شىمالىدا بولامدۇ؟››، ‹‹ساراي بىلەن ئىنقىلاب تارىخى مۇزېيىنى تامامان سېممىتىرىك قىلغىلى بولامدۇ؟›› دېگەندەك سوئاللارغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: ‹‹ساراينىڭ ئالدى ئىشىكىنىڭ مەركىزى خاتىرە ئابىدىسىگە ئۇدۇللانمىسۇن، قالغان مەسىلىلەرنى قۇرۇلۇش باشلانغاندا يەنىمۇ تەتقىق قىلىمىز.›› ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 1958-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالتىنچى لايىھەنى تەييارلاپ چىقىدۇ.

1958-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش قۇرۇلۇشى لايىھەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى چوڭ ساراي، ئىنقىلاب تارىخى مۇزېيى ۋە دۆلەتلىك تىياتىرخانىنىڭ ئالتىنچى لايىھەسىنى جۇڭنەنخەيدىكى زۇڭلى ئىشخانىسىغا يوللاپ، زۇڭلى جوۋ ئېنلەينىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدۇ. جوۋ ئېنلەي دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى لايىھەلەرنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىدۇ، ئاندىن بېيجىڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۇرتىنىڭ لايىھەسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مەسلىھەت سالغان ئاھاڭدا: ‹‹چوڭ ساراي قۇرۇلۇشىدا مانا مۇشۇ لايىھە خېلى بولۇپ قالامدۇ-نېمە؟›› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساراينىڭ قۇببىسى ھەققىدىكى لايىھەنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹‹بۇ لايىھەنى گۈزەل سەنئەت سارىيى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتسەك بولامدۇ-نېمە؟›› دەيدۇ. زۇڭلى ئارقىدىنلا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئىنقىلاب تارىخى مۇزېيىنى چوڭ ساراي بىلەن سېممىتىرىك قىلساڭلار بولىدۇ، ئەمما قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن، پۇختا قىلىڭلار›› دەيدۇ. تۈمەن كىشىلىك ساراينىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ شەكلىنى يۇمىلاق شەكىللىك، چاسا شەكىللىك، ئالتە بۇلۇڭ شەكىللىك، يەلپۈگۈچ شەكىللىك ۋە ئېللىپىس شەكىللىك قىلىش توغرىسىدا لايىھەلەر بار ئىدى. جوۋ ئېنلەي بۇ لايىھەلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ساراينىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق، قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بولسا بولاتتى، بۇ خىل شەكىلنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا بولارمۇ؟›› ئارقىدىنلا يەنە قەغەزگە تاقىسىمان بىر شەكىلنى سىزىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹سىلەر تەتقىق قىلىپ باقساڭلار، مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ؟››
جۇڭنەنخەيدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى جوۋ ئېنلەينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 7-لايىھەنى تەييارلاپ چىقىدۇ. 1958-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، 7-لايىھەنى زۇڭلىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنغاندىن كېيىن، يەتتە خىل لايىھەنىڭ نىسبەتەن ئالاھىدە نۇقتىلىرىدىن بىر يەرگە ئەكىلىپ، سۈرەتلىك قىلىپ ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27 ئۆلكە ۋە بىر قىسىم چوڭراق شەھەرلەردىن تەكلىپ-پىكىر ئالىدۇ.

ئالدىنقى يەتتە لايىھەنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى جەمئىي 84 پارچە تەكشىلىك خەرىتىسى، 189 پارچە ئىستىرېئولۇق سۈرەت ئىشلەپ چىقىدۇ. كېيىن يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۇرتى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان ئىدارىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاز ساندىكى تەجرىبىلىك ئىنژېنېرلارنى تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سەككىز لايىھە ئاساسىدا ھەربىرىنى بىردىن ئۇنىۋېرسال لايىھە تەييارلاشقا ئەۋەتىدۇ، بۇنى زۇڭلىنىڭ ئاخىرقى قېتىم تەستىقلىشىغا سۇنماقچى بولىدۇ. بۇ چاغقىچە، سىرتتىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى ئارقا-ئارقىدىن بېيجىڭدىن كېتىدۇ. 1958-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، جوۋ ئېنلەي مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تاپشۇرغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش يۇرتى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان ئىدارىسىنىڭ ئۈچ يۈرۈش لايىھەسىنى كۆرۈپ چىقىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئۈچ يۈرۈش لايىھەنىڭ تەكشىلىك خەرىتىسى ۋە ئىستىرېئولۇق سۈرەتلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، پىلان ئىدارىسىنىڭ لايىھەسىنى قايتا كۆرۈپ چىقىدۇ ھەمدە نەق مەيداندىكى يولداشلارنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ شەھەرلىك پىلان ئىدارىسى تۈزگەن لايىھەنى ئىشلىتىشنى قارار قىلىدۇ.

‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ ئىچكى لايىھەلىنىشى
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ مەركىزىي زالى
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ مەركىزىي زالى ـــ شەرقىي قۇۋۇق ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ ئالدى ئىشىكى، شۇنداقلا 10 مىڭ كىشىلىك زالغا كىرىش ئىشىكى. بەش ئالتۇنرەڭ تۈۋرۈكلۈك مىس ئىشىكنىڭ ئۈستىگە چوڭ دۆلەت گېربى ئورنىتىلغان. ئىشىك ئالدىدا كەڭ كەتكەن مەيدان بار، بۇ مەيدان دۆلەت مېھمانلىرىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئۈچ ئارمىيەنىڭ چاسا ئەترىتى پاراتتىن ئۆتىدىغان جاي. شەرقىي قوۋۇق ئارقىلىق ‹‹خەلق›› چوڭ سارىيىغا كىرگىلى بولىدۇ، فېڭمېن زالى، كارېدور ئارقىلىق مەركىزىي زالغا بارغىلى بولىدۇ. مەركىزىي زال كۆلىمى 3600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مۇھاپىزەت تېمى ۋە يەر يۈزىگە رەڭلىك مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلغان، ئەتراپىدا 20 ئاق مەرمەر تۈۋرۈك بار، ئوتتۇرىدا 12 مېتىر كەڭلىكتە ئايلانما كارېدور، ئالتە تەگلىكلىك ئالدى ئىشىك ئارقىلىق 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالغا كىرگىلى بولىدۇ.
10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زال

10 مىڭ كىشىلىك زالنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 76 مېتىر، شەرقتىن غەربكە چوڭقۇرلۇقى 60 مېتىر، ئېگىزلىكى 33 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ساراينىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان. قۇببىسىمان چوققا، ئارتىلىش دەرىجىسى، تۈۋرۈكسىز قۇرۇلمىلار كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. ئۈچ قەۋەت ئورۇندۇق بار بولۇپ، قەۋەتمۇ-قەۋەت ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ. زالنىڭ تەكشى يۈزى يەلپۈگۈچ شەكلىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، قانداقلا ئورۇندا ئولتۇرۇشتىن قەتئىينەزەر رەئىس سەھنىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. 1-قەۋەتكە جەمئىي 3693 كىشى سىغىدۇ، 2-قەۋەتكە جەمئىي 3515 كىشى سىغىدۇ، 3-قەۋەتكە جەمئىي 2518 كىشى سىغىدۇ، رەئىس سەھنىسىگە 300 دىن 500 گىچە كىشى سىغىدۇ، ھەممىسىنى قوشقاندا ئومۇمىي ئادەم سانى 10 مىڭ كىشىگە يېقىنلىشىدۇ. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنىڭ كەڭلىكى 32 مېتىر، ئېگىزلىكى 18 مېتىر كېلىدۇ، زالدىكى ھەر بىر قەۋەتتىكى ھەربىر ئورۇننىڭ ئالدىغا يىغىن ۋەكىللىرىگە ئېلېكتىرونلۇق مۇلازىمەت قىلىش ئورنى سەپلەنگەن بولۇپ، 12 خىل تىلدا ئەگەشمە تەرجىمە قىلالايدۇ ۋە تەكلىپ، ئاۋاز بېرىش قاتارلىقلارنى دەل ۋاقتىدا ئىستاتىستىكا قىلىپ بېرەلەيدۇ. 2-، 3-قەۋەتتىكى ھەربىر ئورۇننىڭ ئوتتۇرىسىغا كاناي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، رەئىس سەھنىسىدىكى ئاۋازنى ئېنىق ئاڭلاش ئىمكانىيىتى ھازىرلانغان. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىن ئۇچۇرلىرىنى چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىش سىستېمىسى سەپلەنگەن. زالنىڭ تورۇسى گۈمبەز شەكلىدە تام بىلەن يەككە ئەگرى سىزىق بويىچە توتىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇپۇق بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن سۇنىڭ جۇلاسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. تورۇسنىڭ مەركىزىي قىسمىغا قىزىل ياقۇتتىن غايەت زور قىزىل رەڭلىك يۇلتۇز چىراغلار سەپلەنگەن، ئەتراپىدا ئالتۇن بىلەن ھەل بېرىلگەن 70 يۇرۇقلۇق يولى ۋە 40 ئاپتاپپەرەس گۈلى بەرگى، ئۈچ يەردە سۇ دولقۇنى شەكىللىك غۇۋا چىراغ باكى بار بولۇپ، تورۇستىكى 500 دانە يۇلتۇزسىمان چىراغ بىلەن بىرىكىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ.

مېھمان كۈتۈش زالى ۋە زىياپەت زالى
شىمالى ئىشىكتىن كىرىپ، فېڭمېن زالى، كارېدور ئارقىلىق دوستلۇق زالىغا بارغىلى بولىدۇ. دوستلۇق زالىنىڭ كۆلىمى 4500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەرمەر تاش ياتقۇزۇلغان، تۆت ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەر ۋە تام تۈۋرۈكلىرىگە شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدە مەرمەر تاش قاپلانغان. شەرق تەرىپىدە دۆلەت مېھمانلىرى سۆھبەت زالى، غەرب تەرىپىدە دۆلەت مېھمانلىرى زىياپەت زالى بار، زىياپەت زالى ساراينىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا دۆلەتنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى زىيارەتكە كەلگەن دۆلەت مېھمانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان ۋە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدىغان جاي. جەنۇبىدىكى سەككىز مېتىر كەڭلىكتە، 62 باسقۇچلۇق ئاق مەرمەر چوڭ پەلەمپەي ئارقىلىق 2-قەۋەتتىكى زىياپەت زالىغا چىققىلى بولىدۇ. بۇ پەلەمپەينىڭ ئەڭ ئۈستىدە مېھمان كۈتۈش زالى بار بولۇپ، پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى زىياپەتتىن بۇرۇن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغان ۋە ئاساسلىق مېھمانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدىغان ئورۇن. مېھمان كۈتۈش زالىغا ‹‹گۈزەل تاغ-دەريالار›› ناملىق چوڭ ھەجىملىك جۇڭگوچە رەسىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان، رەسىمنىڭ ئېگىزلىكى 5.65 مېتىر، كەڭلىكى توققۇز مېتىر كېلىدۇ. بۇ رەسىمنى داڭلىق رەسساملاردىن بو باۋشى بىلەن گۇەن شەنيۆ رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ‹‹چىنيۈەنچۈن ــ قار›› ناملىق شېئىرىغا ئاساسەن سىزىپ چىققان. رەسىمنىڭ نامىنى ماۋ زېدۇڭ يېزىپ بەرگەن. بۇ يەرگە كەڭلىكى 16 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 23 مېتىر، ئېغىرلىقى ئۈچ توننا كېلىدىغان چوڭ گىلەم سېلىنغان.
زىياپەت زالى ساراينىڭ 2-قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 102 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 76 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر، كۆلىمى 7000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ زالدا 5000 كىشىلىك زىياپەت ياكى 10 مىڭ كىشىلىك شاراب زىياپىتى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. زالنىڭ چۆرىدەپ 28 دەھلىز تۈۋرۈكى بار، تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 11 مېتىر، دىيامېتىرى بىر مېتىر كېلىدۇ. زالدا يەنە شەرق، غەرب، شىمال تەرەپلەردە كەڭ-كۇشادە ئارامخانا بار. جەنۇبىدا مېھمان ۋە ساھىبخانلار، شۇنداقلا ئويۇن قويىدىغان رەئىس سەھنىسى بار.
دۆلەتلىك كۈتۈۋېلىش زالى
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ جەنۇبىي ئاساسلىقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت بىناسى. بىرىنچى قەۋەتنىڭ مەركىزىگە دۆلەتلىك كۈتۈۋېلىش زالى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەت رەھبەرلىرى ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان ۋە دۆلەت رەئىسىنىڭ چەت ئەللەرنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت خىتىنى تاپشۇرۇۋالىدىغان جاي، بۇ جاينىڭ كۆلىمى 550 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، قويۇق مىللىي ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن.
ئالتۇن رەڭلىك زال
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ 3-قەۋىتىنىڭ مەركىزىي زالى يەنە ‹‹ئالتۇن رەڭلىك زال›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ زال ئادەتتە ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئېچىۋېتىلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن كۆپچىلىك بۇ زالنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ يەردە پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي ئۆلچەمدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئاچىدىغان زال بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ زور سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئاشكارىلايدىغان كۆزنەكتۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ‹‹كۆزنەك››نىڭ كۆلىمى پەقەت 1000 كىۋادرات مېتىرلا كەلسىمۇ، ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ شاھىدىدۇر. ھەر يىلى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› چاقىرىلغاندا. زۇڭلى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى ھەمىشە مۇشۇ ‹‹ئالتۇن رەڭلىك زال››دا ئېلىپ بارغاچقا، جۇڭگو-چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ دىققەت نەزىرىدىكى جايغا ئايلانغان.

‹‹ئالتۇن رەڭلىك زال››نىڭ ئەتراپىغا خېنەن زالى، چۇڭچىڭ زالى، ئاۋمېن زالى، 10 مىڭ كىشىلىك زال، كىچىك زال قاتارلىق جايلاشقان. ‹‹ئالتۇن رەڭلىك زال››نىڭ ئېگىزلىكى 14.5 مېتىر كېلىدۇ، بۇ زال ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ 3-قەۋىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 3300 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، 1-قەۋىتى 1100 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق، 10 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى 20 دانە تۈۋرۈك ئورنىتىلغان، بۇ زالغا 2000 دەك كىشى سىغىدۇ. بۇ زالدا ئاساسلىقى ئالتۇن رەڭ ئاساس قىلىنغانلىقى، ئۈستىگە بەش دانە چوڭ تىپتىكى ئالتۇن رەڭ چىراغ ئورنىتىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان.
2009-يىلى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ‹‹ئالتۇن رەڭلىك زال›› يېڭىدىن لايىھەلەنگەن. بۇ قېتىمقى لايىھەلىگۈچى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ 80 ياشتىن ئاشقان پىروفېسسورى ۋاڭ ۋېييۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ‹‹ئالتۇن رەڭلىك زال››نى باشقىچە بېزەلگەن بولۇپ، ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىكەن، جۇڭگوچە ئامىللار كۆپرەك بولۇپ، زالغا كىرگەن ئادەم بىر قاراپلا جۇڭگونىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىكەن. چىراغ نۇرى، ئاۋاز قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ زامانىۋىلاشقان، بۇ زالنىڭ قايتىدىن بېزەش قۇرۇلۇشى 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاياغلاشقان.
‹‹خەلق›› سارىيىدا يەنە مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە زاللار تەسىس قىلىنغان. تۆۋەندە ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن:
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالى
شىنجاڭ زالى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكىنىڭ غەربىگە، فۇجيەن زالىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان. بۇ زال مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ چەت ئەللەردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان يىغىن زالى، چۈنكى ئۇ غەربىي زالغا يېقىن، يەنە كېلىپ غەربىي زالدا دۆلەت ئىشلىرى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەندە مەركەز رەھبەرلىرى شىنجاڭ زالىدا دەم ئالىدۇ. شىنجاڭ زالى قويۇق مىللىي خاسلىققا ئىگە يىغىن زالى بولۇپ، ئىسلام ئۇسلۇبى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. شىنجاڭ زالىدا 2002-يىلى رېمۇنتلاش قۇرۇلۇشى بېرىلىپ، 2003-يىلى چاغان ھارپىسىدا ئاياغاشقان. بۇ قېتىمقى بېزەشتە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، زالدا شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدىغان ‹‹تەڭرىتاغ مەنزىرىسى›› ناملىق زور ھەجىملىك گىلەم، تارىم دەريا ئېقىنىدىكى توغراقلىق ۋە پامىر ئېگىزلىكىنىڭ مەنزىرىسى ئەكس ئەتكەن زور ھەجىملىك رەسىم، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ نېفىت سانائىتى، يايلاق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مەنزىرىسىنىڭ مىس ئويمىسى قاتارلىقلار بار.

1992-يىلى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىنى بېزەشكە مەسئۇل باش لايىھەلىگۈچى، ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەد شۇ يىلى ئۇيغۇرلاردىكى بىرىنچى ئەۋلاد پېرسۇناژ رەسسامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماي بوياقنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى مۇنەۋۋەر ئەنئەنىلەرنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئىپادىلەش ۋاسىتىسىدە، تەكشى نۇر رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، بولۇپمۇ پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەشكە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ روسىي ھالىتىنى قېزىشنى تەكىتلىگەن. شۇ ۋەجىدىن ئۇ لايىھەلىگەن ۋە ئىجاد قىلغان ‹‹تەڭرىتاغقا مەدھىيە›› ناملىق زور ھەجىملىك تام رەسىمى شىنجاڭ زالىدا كىشىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ تاۋارلىشىش يولى
1979-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، 15 يىل ئۈزۈلۈپ قالغان پايتەختتىكىلەرنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى يەنە ئۆتكۈزۈلدى، ئاقلىنىپ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دېڭ يىڭچاۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ قايتىدىن ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ تاۋارلىشىشى مانا مۇشۇنىڭدىن باشلىنىدۇ، كىشىلەر ئىككى موچەنگە بېلەت ئېلىپ كىرىپ ساراينى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا باشلايدۇ. 1980-يىللاردا، ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ يىللىق مالىيە چىقىمى نەچچە ئون مىڭ يۈەن بولۇپ، كىرىم مەنبەسى يوق دېيەرلىك ئىدى. 1984-يىلى، ‹‹خەلق›› سارىيى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشخانىسىغا قاراشلىق بولۇپ، كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتىكى ئىسلاھات سىناق نۇقتىسى بولغان. 1991-يىلى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ تىجارەت يىللىق كىرىمى 20 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
1992-يىلى، ‹‹خۇاتاڭ›› خەلقئارا ئېلان شىركىتى قۇرۇلىدۇ، تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 20 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانا بولىدۇ. 1994-يىلى ‹‹خەلق›› سارىيى بەش دانە خەنزۇچە خەتتىن تەركىب تاپقان تاۋار ماركىسىنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ ھەمدە قارىمىقىدىكى ‹‹خۇاتاڭ›› خەلقئارا ئېلان شىركىتىنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرىدۇ.
‹‹خەلق›› سارىيى 1979-يىلى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن باشلاپ 2004-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 25 يىلدا، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەردىن جەمئىي 50 مىليون 400 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇقنى كۈتۈۋالغان. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى تۈرلۈك يىغىن، پائالىيەتلەردىن 3000 قېتمدىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلگەن، 2003-يىلىدىكى ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى 1979-يىلىدىكىدىن 100 ھەسسە ئاشقان.




بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى