نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈننىڭ ئامېرىكا سېئاتلدىكى نۇتۇقى

ما يۈننىڭ ئامېرىكا سېئاتلدىكى نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-09-25 ئاۋاتلىقى: 6425 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈننىڭ ئامېرىكا سېئاتلدا سۆزلىگەن نۇتۇقى


‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈننىڭ شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 22-سېنتەبىر ئامېرىكىنىڭ سېئاتل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ يۇمىلاق شىرە يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر، مۇخبىر)




     تەرجىماندىن: 22-سېنتەبىر، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سېئاتل شەھىرىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر جۇڭگولۇق كارخانىچى زىيارەتكە بىللە چىقتى.

    23-سېنتەبىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سېئاتلدا جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ يۇمىلاق شىرە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ئۆزى تەييارلىغان نۇتۇقىنى سۆزلىدى.


    نۇتۇق تولۇق تېكىستى:
    ھۆرمەتلىك رەئىس شى جىنپىڭ، جەمئىيەت باشلىقى جياڭ يۇڭتاۋ، كارخانا ساھەسىدىكى كەسىپداشلار.
    بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن.
    تۈنۈگۈن كەچتە مەن سېئاتلدىكى ئۇيقۇسىز بىر كېچىنى ئۆتكۈزدۈم. توپتوغرا 20 يىل بوپتۇ، 20 يىل ئىلگىرى مەن بىر ئوقۇتقۇچى ئىدىم، تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باسقىنىمدىلا سېئاتلغا كەلگەنىدىم. شەھەر مەركىزىدىكى بىر خىزمەت بىناسىدا مەن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم كومپيۇتېر ئىشلىتىپ باققانىدىم، يەنە تۇنجى قېتىم تورغا چىقىپ باققانىدىم، شۇ چاغدا مەن ئىنتېرنېتتا جۇڭگوغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغانىدىم. ئىنتېرنېتنىڭ غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن بازار پۇرسىتىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى بايقىغانىدىم. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، مەن 20 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىغانىدىم، بۇنى تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن.
    43 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا يۇرتۇم خاڭجوۋغا كەلگەنىدى. شۇ چاغدا خاڭجوۋغا نۇرغۇن چەت ئەللىك مېھمانلار كەلگەنىدى، مەن ئۇ چاغدا دەل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانىدىم، ئەمما ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىمىز بىزنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز شۇ ئىدى. مېھمانخانىلارنىڭ ئىشىكىدە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە ھەقسىز يېتەكچى بولۇپ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىپ توققۇز يىلدىن كېيىن، مەندە ئازدۇر-كۆپتۇر ئىنگلىزچە تىل ئىقتىدارى شەكىللىنىپلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكا مەدەنىيىتىمۇ چۈشەنگەنىدىم. بۈگۈن ئويلىسام، ئەينى چاغدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشمىغان، سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلمىگەن بولسا، بۈگۈنكى ‹‹ئەلى بابا››مۇ بولمىغان بولاركەن.
بۇ ئىككى خىل ئۆزگىرىشنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتەلىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.
    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سېئاتل مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيۇم باشلانغان جاي، ئىنتېرنېت مېن ھاياجانغا سالغاندىن باشلاپ، مەن جۇڭگودا 20 يىللاپ بوشاشماي چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئارزۇيۇمى رېئالىققا ئايلاندۇرالىدىم. جۇڭگولۇقلار جۇڭگو ئارزۇسى دەيدۇ، ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكا ئارزۇسى دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، ماھىيەتتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ئامېرىكا ئارزۇسىنىڭ ئىككىلىسى گۈزەل تۇرمۇشنى، تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ خۇشال، تېخىمۇ بەختلىك بولۇشنى قوغلىشىدۇ.
شۇڭا، مەن پەقەت جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت سەمىمىي ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرسىلا، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىدە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ گۈزەل ئامېرىكا ئارزۇسى، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە دۇنيا ئارزۇسى تۇغۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
    باياتىن، ئولتۇرغان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلارنىڭ ھەممىسى تىلغا ئالدى، ھەممىمىز جۇڭگو-ئامېرىكا دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ مەنپەئەتدارلىرى. شۇ سەۋەبلىك كۆپچىلىك تولوپ-تاشقان ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بىلەن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش چوڭ بازىرىغا قاتناشقاچىلا بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بولغان. ئەلۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرىمۇ جۇڭگو-ئامېرىكا دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئاكتىپ قۇرغۇچىلىرى ۋە تۈرتكە بولغۇچىلىرى، كارخانىچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىدا مۇشۇنداق غايەت زور نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىغان بولاتتۇق. 

    ئەلۋەتتە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا نۇرغۇن جەھەتلەردە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئوخشىماسلىقلار بولغىنىدەك، ئوخشاشلىقلارمۇ ھەم بار، شۇڭا رىقابەت بولغانىكەن، ھەمكارلىقمۇ بولىدۇ. ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىلدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يەر شارىلاشقان كارخانىلار ھەمىشە ئۆزئارا ئورتاق تەرەپلەرنى ئىزدەيدۇ، ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بولغاچقا، بىزنىڭ كارخانىلىرىمىز ھەمكارلىشىپ تەڭ گۈللىنەلەيدۇ، ئورتاق كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيدۇ. باياتىن سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ كارخانىچىلىرى يۈكسەك بردەكلىك ھاسىل قىلدى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتتە ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدۇ، كارخانىچىلار چۈشىنىشتىكى مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلىنىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان بازار ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلغاندىلا، بىزنىڭ ئورتاق كەلگۈسىمىز بولىدۇ.


    بۈگۈنكى ئۇقۇشماسلىق بارمۇ-يوق دېگەندە، ئەلۋەتتە بار. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئوخشىمىغان دۆلەت ئەھۋالى، ھەتتا ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادلار سەۋەبىدىن ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ كۆرۈلۈشى ناھايىتى نورمال ئىش. مۇنەۋۋەر كارخانىلارنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى بىلىشى، چۈشىنىشى ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئاچقۇچى. مەڭگۈ ئاكتىپ ئالاقە باغلاپ، قىيىنچىلىقلارغا ئوتاق جىددىي قارىغاندىلا، ئېنىقلانمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق.
بۈگۈن مەسىلە بارمۇ-يوق دېگەندە، ئەلۋەتتە بار. ئەمما قايسى دەۋردە مەسىلە يوق؟ ئىنسانلارنىڭ قايسى بىر كۈنى ئاسان ئۆتكەن؟ جۇڭگودا سودا قىلماق بەك تەس، ئامېرىكىدىمۇ سودا قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس. ئەمما بۈگۈن كۆرۈلگەن مەسىلىلەر بىزگە بېرىلگەن پۇرسەت بولۇپ، بىزنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشتىكى دىتىمىزغا باغلىق. مېنىڭچە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە بولغان يىراقنى كۆرەر ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى بولغاچقىلا، بۈگۈنكى نەتىجىلەر بولغان. مەن پەقەت ئەتىگە نەزەر سالغاندىلا، بۈگۈنكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا مەڭگۈ ئىشىنىمەن.
    ئوخشاشلا جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان تونۇشتا، بىر قىسىم خاتا تونۇشلاردىن باشقا، يەنە جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى قىسمەن مەدەنىيەت پەرقى مەۋجۇت. ئامېرىكا جۇڭگو ئىقتىسادىدا تۆۋەنگە چۈشۈش بېسىمى بار، جۇڭگولۇقلار ئىستېمال قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. ‹‹ئەلى بابا›› سۇپىسىدىكى ئىستېمالچىلار سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئىستېمالىنىڭ يەنىلا جانلىنىپ، ئۆسۈش خاھىشى كۆرۈلۈشىدىن ئۈمىد بار، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورتنى قويۇۋېتىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، ئىچكى ئېھتىياج تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە ئۆرلىمەكتە. بۇنى ئامېرىكىلىقلار چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى ئامېركىلىقلار ئەتىدىكى پۇلنى، باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەشكە ماھىر، ئەمما جۇڭگولۇقلارنىڭ كىرزىس ئېڭىنى تارىخىي مەدەنىيەت ئامىللىرى شەكىللەندۈرگەن، بىز ھەمىشە تۈنۈگۈنكى پۇلنى، ئۆزىمىزنىڭ ساقلاپ قويغان پۇللىرىمىزنى خەجلەيمىز. جۇڭگولۇقلار پۇل ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، جۇڭگو ئاھالىلارنىڭ پۇل ئامانەت قويۇشى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو پۇقرالىرى قىيىنچلىقتا قالغان ئىشلىتىش ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويىدۇ. بۇنىڭدىن سىز شۇنى بايقايسىزكى، ئىقتىساد قىيىنچىلىقتا قالسىمۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ يەنىلا خەجلىگۈدەك پۇلى بار.
    تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ نۆۋەتتە جۇڭگودا 300 مىليون ئەتراپىدا ئوتتۇرا كىرىملىك ئاھالە بارلىقىنى، كەلگۈسى 10 يىلدىن 15 يىلغىچە بۇ ساننىڭ 500 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ قىسمەن ئادەملەرنىڭ كىرىمى يەنىلا ئوتتۇرھال دەرىجىدە، ئەمما ئىستېمال سەۋىيەسى يەنىلا دەسلەپكى دەرىجىدە دېگەنلىكتۇر. بۇ يەردە غايەت زور ئىستېمال يۇشۇرۇن كۈچى مەۋجۇت، پەقەت جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇلۇش تىپىغا نىسبەتەن غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيا ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇشتىمۇ غايەت زور ئوينايدۇ.
    ئوخشاشلا، بۈگۈن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كارخانا تىجارىتىگە بېسىم چوڭ بولۇۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى، بىز يېڭى ئىقتىساد ئېشىشىنى كۆرگەندەك بولدۇق، بۇ جەھەتتە جۇڭگو ئامېرىكىدىن قېلىشمايدۇ. قىسقىغىنە 12 يىلدا، ‹‹ئەلى بابا›› تورىنىڭ ئىستېمال كۆلىمىنى ۋالمارت شىركىتىنىڭ يەرشارى كۆلىمىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن، بۇ بىزنىڭ ئۇنچىۋالا قالتىسلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى جۇڭگودا غايەت زور بازار يۇشۇرۇن كۈچى بارلىقىدىن بولغان.
    مەن جۇڭگودا غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج بازىرىدىكى ئېچىش، جۇڭگو يۇقىرى تېخنىكا ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىر دەل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىدە بۇرۇلۇش بولۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادى جۇڭگو ئىقتىسادىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. بولۇپمۇ چىرىكىلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەرتىپىنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىشى، مۇكەممەللىشىشكە قاراپ مېڭىشىغا ئاشكارا ئۇل سېلىپ بەردى.
    ھۆرمەتلىك رەئىس شى جىنپىڭ، كارخانىچىلار، ئوقۇتقۇچىلىقتىن كارخانىچى بولۇشقىچە بولغان 20 يىللىق ئىگىلىك تىكلەش سەرگۈزەشتىسى ماڭا شۇنى ھېس قىلدۇردىكى، كارخانىچى روھىغا ئىگە كارخانىچىلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كەل بولسا بولمايدىغان مەنبەسى ئىكەن، بۇ ھەممە دۆلەتتە ئوخشاش. كارخانىچى روھى بازارنى ھۆرمەتلەشكە، مۇستەقىل قىممەت يارىتىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا، دادىل، جۈرئەتلىك بولۇشقا مۇھتاج ئىكەن. ئادەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى ئامىل. كارخانىچى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدىكەن. بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىسادى كارخانىچلاردا ئېچىش روھى بولۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا.
    بۈگۈن جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتىنىڭ بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىغا ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. بىز بۇنداق ئاكتىپ ئالماشتۇرۇش ۋە سەمىمىي چۈشىنىشنى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە مۇھىم دەپ قارايمىز. بىز بۇ خىل جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىچىلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ دائىملىشىشى، مۇقىملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىر قېتىم جۇڭگودا، بىر قېتىم ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلسىكەن دەيمىز. بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇشۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىنى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سودا ھەمكارلىق مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    ئاخىرىدا، مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، تۈنۈگۈن كەچتە مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. نۇتۇقتىكى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا 50 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەيدىغانلىقى جۇڭگو-ئامېرىكا تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش بوپتۇ. تۈنۈگۈن دوكتۇر كىسسېڭگېر ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان گەپلەرنى قىلدى، ئۇ ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ دوستلۇق ئەلچىلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ھەممىگە ئايان. مەن كەلگۈسىدە 100 مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ دوكتۇر كىسسڭگېردەك ئادەملەردىن بولۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ‹‹ئەلى بابا››نىڭمۇ ئازراق تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز كەلگۈسى بەش يىلدا 500 نەپەر ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىغا ‹‹ئەلى بابا››نىڭ جۇڭگودىكى شىركەتلىرىدە پىراكتىكا قىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلىرىنى ‹‹ئەلى بابا››دا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹ئەلى بابا››نىڭ يەرشارىلاشقان ئىستراتېگىيەسىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا دوستلۇقىنىڭ كۆۋرۈكىگە ئايلىنىشنى پىلانلىدۇق. 

    رەئىسكە رەھمەت، كۆپچىلىككە رەھمەت!

    ئەسكەرتىش: بۇ نۇتۇقنى تەرجىماننىڭ ئىجازىتىنى ئالماي، تەرجىماننىڭ نامىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ھەرقانداق تور بېكەت، مۇنبەر، ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. ناۋادا بۇ ئەسكەرتىشكە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا، قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ھەمدە مۇناسىپ تەدبىرلەر بىلەن چارە كۆرۈلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا چىقىرىپ قويغان ئەسكەرتىش ئەمەس. دىققەت قىلغايسىلەر.


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى