نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ سىرلىق 20 مىللەت

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ سىرلىق 20 مىللەت

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 2954 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ سىرلىق 20 مىللەت


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


تارىخشۇناسلار ۋە ئىرقشۇناسلار پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، بەزى مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا يەنىلا نۇرغۇن غەلىتە سىر پېتى تۇرماقتا. بىز بۇ ماقالىدە دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق 20 مىللەتنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.


1. 1. رۇسلار

رۇسلار تارىختىن بۇيان نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا شاھىت بولغاچقا، تولىمۇ سىرلىق. ئالىملار تېخىمۇ ئۇلارنىڭ مەنبەسى ھەققىدە بىرلىككە كەلگىنى يوق، زادى كىمنىڭ قاچان رۇسلارنى شۇنداق مىللەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئۇلار ھەتتا <<رۇس>> دېگەن بۇ سۆزنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. رۇسلارنىڭ ئەجدادلىرى بەلكىم نورمانلار، سېسىيالار، سارماتىيالار، ۋېندلاردىن بىرى بولۇشى ياكى جەنۇبىي سىبىرىيەدىكى ئۇيسۇنلار بولۇشى مۇمكىن.

2. 2. مايالار

بىز مايالارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، يەنە قانداق يوقاپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز. بەزى ئالىملار ئۇلارنى رىۋايەتلەردىكى ئاتلانتىس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش مۇمكىن، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مىسىرلىقلار بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. مايالار يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېھقانچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلغان، مول ئاسترونومىيەلىك بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۇلارنىڭ يىلنامىسى ھازىر يەنىلا دۇنيادىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئىشلىتىلمەكتە. مايالار تەسۋىرىي يېزىق ئىشلەتكەن بولۇپ، قىسمەنلىرى شەرھىيەلەنگەن. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تاجاۋۇزچىلار يېتىپ كەلگەندە بىراقلا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مايالارنىڭ قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

3. راپلاندېرلار

بۇ مىللەت يەنە راپلار دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە قارىتا، ئالىملارنىڭ تالاش-تارتىشى توختتاپ قالغىنى يوق، بەزىلەر ئۇلار موڭغۇل ئىرقىدىن دېسە، بەزىلەر ئۇلارنى قەدىمكى ياۋروپا ئىرقىدىن دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى فىنلاندىيە-ئۇگر تىللىرىغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمما 10 خىل دىيالېكتى بار بولۇپ، ئۆزئارا ئوخشىمىسىمۇ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تىل بولالمىغان. بەزىدە ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.


4. پرۇشالار

پرۇشالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا. دەسلەپتە ئۇلار 9-ئەسردىكى بىر نامسىز سودىگەرنىڭ خاتىرىسىدە تىلغا ئېلىنغان، كېيىن پولشا ۋە گېرمانىيەنىڭ يىلنامىسىدە تىلغا ئېلىنغان. تىلشۇناسلار بۇ سۆزنى باشقا ھىندى-ياۋروپا تىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا، سانسكرىت تىلىدىكى پرۇشاغا سۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. پرۇشا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <<ئەر>>دىن ئىبارەت.

ئۇلارنىڭ تىلى ھەققىدە بىلىدىغانلار بەك ئاز. 1677-يىلى، ئەڭ ئاخىرقى بىر يەرلىك يازغۇچى ۋاپات بولىدۇ، 1709-يىلىرىدىن 1711-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارقالغان ۋابادا، ئاخىرقى پرۇشارمۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى پرۇشائىزم ۋە پرۇشا پادىشاھلىقىدىكى كىشىلەر بىلەن ئەسلىدىكى بالتىق دېڭىزىدىكى پرۇشالارنىڭ ھېچقانداق ئورتاقلىقى يوق.

5. كازاكلار

كازاكلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئۇلارنى يۇرتى شىمالىي كاۋكاز رايونى ياكى ئازوۋ دەرياسى بولۇشى، ۋە ياكى غەربتىكى تۈركىستان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ شەجەرىسىنى سېسىيالار، ئالانلار، سىركاسسىئانلار، كازالار، گوتلار، ھەتتا بروندنىچىلار (بىر خىل سىرلىق مىللەت)غا سۈرۈشكە بولىدۇ. ھەربىر كۆزقاراشتىكىلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى بار. بۈگۈنكى كازاكلار كۆپ مىللەتلىك جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار مۇستەقىل مىللەت بولۇشنى تەكىتلەيدۇ.

6. پاسىلار

سۈرەتتىكىسى ئىراننىڭ ئېتنىك مەنبەسىدىكى جەنۇبىي ئاسىيا زوروئاستر دىنىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى نوپۇسى 130 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ. پاسىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوچۇقچىلىققا دەپنە قىلىش مۇنارى بار. ئۇلار دائىم يەھۇدىيلار بىلەن بىر تاياقتا ھەيدەلگەچكە، ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغان. ھىندىستاننىڭ دەسلىپىدىكى 20-ئەسىردىكى <<ئىرانىيلار ئىتتىپاقى>> ۋەتەنگە قايتىشنى يەھۇدىيلارنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى تەرغىپ قىلغان.


7. خاتسالسلار

ھازىرغىچە <<خاتسالس>> دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى يېشىلمىدى. بەزى ئالىملارنىڭم قارىشىچە، بۇ سۆزنىڭ مەنبەسى مولداۋىيە تىلىدىكى <<گوتز>> ياكى <<گۇتز>> بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. خاتسالسلار يەنە ئۇكرائىنا تاغلىق رايونىدىكى ئاھالە دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مول نەيرەڭۋازلىق ئەنئەنىسى ۋە يۈكسەك ھۆرمەتلىك ئايال پېرىخونلىرى بار.

8. خىتتىتلار

خىتتىتلار قەدىمكى دۇنيا خەرىتىسىدە كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئۇلار تۇنجى بولۇپ ئاساسىي قانۇننى بارلىققا كەلتۈرگەن، جەڭ ھارۋىسى ئىشلەتكەن، قوش باشلىق بۈركۈتنى چوڭ بىلگەن. ئەمما بىز ئۇلارنى چۈشەنمەيمىز. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى پادىشاھلىقى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئېنىق قاچان قۇرۇلغانلىقى نامەلۇم. خىتتىتلارنىڭ يىلنامىسى ئۇلارغا قوشنا ئەللەردىن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يوقىلىپ كېتىش مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز. گېرمانىيەلىك ئالىم جوھان لېخمان ئۆز كىتابىدا ئۇلارنىڭ شىمالغا كېتىپ، گېرمانىيەدىكى قەبىلىلەر بىلەن بىرىكىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. باشقىلار خەۋەلەر ھازىرچە يوق دېيەرلىك.

9. سۇمېرلار

سۇمېرلار قەدىمكى دەۋردىكى ئەڭ سىرلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. بىز ئۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز، ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىمۇ بىلمەيمىز. بۇنىڭ ئىچىدە زور مىقدارىدىكى گومونىم (باشقا مەنىدىكى ئاھاڭداش سۆزلەر)لار بىزنى بىر خىل كۆپ مەنبەلىك تىل دېگەن چۈشەنچىگە كەلتۈرىدۇ، بۇ تىللارنىڭ مەنىسى ئىنتۇناتسىيەسىگە باغلىق.

سۇمېرلار خېلىلا ئىلغار مىللەت بولۇپ، ئۇلار شەرقتە ئەڭ بالدۇر چاق ئىشلەتكەن، سۇغىرىش سىستېمىسى ۋە مۇستەقىل يېزىق ئىجاد قىلغان، بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيەگىمۇ ئىنتايىن ماھىر.


10 ئېترۇرىيالار

ئېترۇرىيالار تارىختا بىر مەھەللا جانلىنىپ يوقاپ كەتكەن. ئارخېئولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئاپېنىن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىدا ياشىغان بولۇپ، مەدەنىيىتى خېلىلا تەرەققىي قىلغان. ئۇلار تۇنجى بولۇپ ئىتالىيە شەھىرىنى بىنا قىلغان، رىم رەقىمىدىمۇ ئۇلارنىڭ تۆھپىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلار ئېھتىمال كېيىن شەرققە كۆچۈپ، سلاۋيان مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ سلاۋيان تىلى بىلەن ئورتاقلىقى بار. بىراق بۇ دېگەنلەر تۈرلۈك قاراشلار ئىچىدىكى بىرى، خالاس.

11. ئەرمەنلەر

ئەرمەنلەر توغرىسىدىمۇ تالاش-تارتىشلار ئۈزۈلگىنى يوق. بىر قىسىم ئالىملار ئەرمەنلەرنى قەدىمكى ئۇراتۇلار بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئالىدۇ، ئەمما ئۇراتۇلارنىڭ گېن تەركىبىدە ئەرمەن گېنى بولۇش ئېھتىماللىقى بەئەينى خۇرىيانلار (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2000-يىللاردىن 1000-يىللار ئارىلىقىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئولتۇراقلاشقان غەيرىي سېمىتىكلار) ۋە لىبىيانلار (لىبىيانلارنى نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسلىقى شىمالدىكى لىپورىتانىيا ۋە سىرېنايكا دېڭىز بويى بەلبېغىغا تارقالغان) ئىرسىي تەركىبىي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئەرمەنلەر ھەققىدە سۆزلەش ھاجەتسىز. گرېتسىيە نۇسخىسىدىكى ئېتنىك مەنبەسى ‹‹خاياسا›› ئەرمەنلەرنىڭ ماكانى دېيىلىدۇ.

12. گىتانېسلار

تىل ۋە ئىرسىيەت تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستان زېمىنىدىكى گىتانېسلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ سانى 1000 غىمۇ يەتمەيدۇ. ھازىرقى دۇنيادا تەخمىنەن 10 مىليوندىن ئارتۇق گىتانېس بار. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپالىقلارنىڭ قارىشىچە، گىتانېسلار دەپ مىسىرلىقلار ئىكەن. ‹‹گىتانېس›› دېگەن بۇ سۆز ئەسلىدە ‹‹مىسىر›› دېگەن سۆزنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. گىتانېسلار تاروتنى ياۋروپاغا ئېلىپ كىرگەن، تاروت مىسىر ئىلاھى زوۋس (مىسىر ئەپسانىلىرىدىكى ئاي ئىلاھى)نىڭ كىتابىدىن ئىبارەت. ئۇلارنى ‹‹فرئەۋننىڭ قەبىلىسى›› دېيىشنىڭ سەۋەبى بار.


13. يەھۇدىيلار

يەھۇدىيلار ئەڭ سىرلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. يەھۇدىي ئۇقۇقى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن مىللەتنى كۆرسەتمەيدۇ. يەھۇدىيلار يەھۇدىي دىنىنى ئىجاد قىلغان. نۇرغۇن سىرلىق ئىشلار يەھۇدىيلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار يوقاپ كەتكەن. ئۇلار نەگە كەتكەندۇ؟ بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە.

14. گوئانچېسلار

گوئانچېسلار كانارى تاقىم ئاراللىرىدىكى يەرلىك ئاھالە. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ تېنالىف ئارىلىغا كېلىپ قالغاندۇ؟ يا پاراخوت بولمىسا، يا دېڭىز سەپىرىنى بىلمىسە.

ئۇلارنىڭ ئىنسانشۇناسلىق تىپى بىلەن ياشىغان پاراللېل تەۋەلىك تازا ئۇدۇل كەلمەيدۇ. تېنالىف ئارىلىدىكى تىك تۆت تەرەپلىك ئەلئېھرام بىر مەھەل تالاش-تارتىش قوزغىغان بولۇپ، مېكسىكا ۋە مايادىكى ئەلئېھرامغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ قاچان، نېمىشقا قۇرۇلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

15. كازارلار

كازالار ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قوشنىسىدىن كەلگەن. ئۇلاردىن ھېچقانداق بىر نەرسە قالمىغان، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن يوقىلىپ كېتىشىمۇ بەكلا تاساددىپىي. كازار تېك رايونى ۋە كازار تىلىغا نىسبەتەن، تارىخشۇناسلاردا يەنىلا يېتەرلىك مەلۇمات يوق.

16. باسكلار

باسكلارمۇ تارىخنىڭ سىرلىق بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. باسك تىلى (سكارا تىلى) ئىلگىرىكى ھىندى-ياۋروپا مىللەتلىرى تىلىدىكى بىردىنبىر يادىكارلىق بولۇپ، بۈگۈن ساقلىنىپ قالغان ھەرقانداق تىل تۈركۈمىگە تەۋە ئەمەس، دەپ قارىلىدۇ. 2012-يىلى دۆلەت جۇغراپىيەسىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن، باسكلاردا بىر گۇرۇپپا گېنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى باشىقلارغا پەقەت ئوخشىمايدۇ.

17. خالدېيلار

خالدېيلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارنىڭ دەسلىپىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشىغان بولۇپ، مىسسپۇتامىيەنىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى زېمىنغا جايلاشقان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 626-يىللاردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 538-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، خالدېي خانىدانلىقى بابىلوندىن كېيىن يېڭى بابىلون ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان. خالدېيلارنىڭ يەنە سېھرىگەرلىك، ئىلمىي نۇجۇم جەھەتتىكى ئىشلىرى گەۋدىلىك. قەدىمكىي گرېتسىيە ۋە رىمدىكى غەيرىي دىندىكى باستېرلار بىلەن بابىلون ئىلمىي نۇجۇمچىلىرى خالدېيلار دەپ ئاتالغان. ئۇلار كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغ ئالېكساندىر ئىمپېرىيەسى ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىدىن بېشارەت بەرگەن.

18. سارماتىيالار

گرېتسىيەلىك تارىخچى ھېرودوت سارماتىيالارنى ‹‹پانگولىن-خېئادېد›› دەپ ئاتىغان، رومونوسوفنىڭ قارىشىچە، ئۇلار سلاۋيانلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىكەن، پولشا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە قانداش پۇشتى، دەپ قارايدۇ. سارماتىيالار نۇرغۇن سىرلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بەلكىم ئۇلار ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە ياشىغاندۇ. بىر قىسىم ئالىملار رۇسىيەدىكى كوكوشنىك (بىر خىل تاج)نى سارماتىيالار كەشىپ قىلغان، دەپ قارايدۇ.


19. كالاشلار

كالاشلار پاكىستاننىڭ شىمالىدا ياشايدىغان بولۇپ، ھىندىقۇش تاغ تىزمىلىرىدىكى كىچىك قەبىلە بولۇپ، بەلكىم ‹‹ئەڭ ئاق›› ئاسىيالىقلار بولۇشى بولۇش مۇمكىن. كالاش توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار توختىغىنى يوق. كالاشلار ئۆزلىرىنى ئالېكساندىر ئىمپېرىيەسى بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ قارىشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى فونېتىك سىستېما ئىلمىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ، سانسكرىت يېزىقىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى بار. ئۇلار ئىسلام دىنىغا كىرمەكچى بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كالاشلار يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ كۆپ ئىلاھلىق دىنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.

20. فېلىشلار

ھازىر دېيىلىۋاتقان ‹‹پاكىستان›› دېگەن سۆزنىڭ مەنبەسى دەل ‹‹فېلىش›› تۇر. فېلىشلار ‹‹ئىنجىل››دا تىلغا ئېلىنغان ئەڭ سىرلىق كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ختتىتلاردىن پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىشى تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

‹‹ئىنجىل››دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، فېلىشلار جافىتو ئارىلى (كرىتو ئارىلى)دىن كەلگەن. بىر قىسىم تارىخشۇناسلار فېلىشلارنى پېلاسگېلار بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىدۇ. كرىتو ئارىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرى فېلىشلار مىسىردىكى قوليازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشتا دەلىللەنگەن. فېلىشلارنىڭ قانداق يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بەلكىم ئۇلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى كىشىلەر بىلەن ئاسىمىلاتسىيەلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى