نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى

ۋاقتى: 2016-02-22 ئاۋاتلىقى: 4707 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ يىللىق كىرىمى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



مەلۇمكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نامدا ئەڭ ئالىي خەلقئارالىق مەمۇرىي خادىم بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىمۋولى، ئەمما ئۇنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى ئانچە چوڭ ئەمەس.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1945-يىلى قۇرۇلغاندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشى، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، خەلقئارا سوت ۋە كاتىباتلار باشقارمىسىدىن ئىبارەت ئالتە ئاساسلىق ئورگان تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم تۈرلۈك ئىشلار باشقۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھاۋالە بىلەن باشقۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە زېمىن ___ پالائۇ 1994-يىلى مۇستەقىل بولغان، شۇ سەۋەبتىن 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كاتىباتلار باشقارمىسى ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا دائىرىسىدىكى بارلىق مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ئومۇمىي نامىدىن ئىبارەت.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىمىغا باشچىلىق قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغاندىن باشقا، يەنە خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئاساسلىق ئورگانلار ھاۋالە قىلغان مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەر يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىگە باھا بېرىدۇ، كېيىنكى خىزمەتلەرگە كۆرسەتمە بېرىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يەنە بىرلەشكەن د ۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىغا قاتناشقاندىن سىرت، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، سىياسىي رەھبەرلەر ۋە ئالاقىدار خادىملار بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا زىيارەتكە بېرىپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارالمىسى بويىچە ئىش قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئىگىلەيدۇ.

باش كاتىپ بەزىدە بىر سىياسىيون سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇ ھەر قېتىم دۇنيادا زور ۋەقەرلەر يۈز بەرگەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھەمىشە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نامىدىن ئىپادە بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: چاۋشيەن 2-ئايدا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمۇن شۇ كۈنى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان <<يادرو سىنىقى>>دىن قاتتىق ئەپسۇسلانغان، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۆپ قېتىم مۇشۇنداق تۈردىكى پائالىيەتلەرنى توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلغان، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى يەنە بىر قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۇرغۇن قارالمىلىرىغا خىلاپلىق قىلغان. بۇ ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىپادىسىدىن ئىبارەت.


ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى <<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى>>دىكى تەلەپلەر بويىچە تاماملىغان بولۇپ، ھەممىسى قائىدىگە ئۇيغۇن. ئەمما ئەمەلىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا كۆرۈلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك چوڭ؟ باش كاتىپ ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىمۋولى.
دۆلەت رەئىسى دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئورگىنى بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ سىمۋولى ھەمدە دۆلەت رەئىسىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى يوق. ئوخشاشلا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭمۇ ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى يوق.
<<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى>>دىكى تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىگە نەزەر سالساق، باش كاتىپنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكى يېزىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق تەكىتلەنگەن: <<باش كاتىپ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشلار بار، دەپ قارىسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەكلىپ سۇنىدۇ.>> مۇنداقچە ئېيتساق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىلدۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ناۋادا خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇ ئىشلار كارى بولامدۇ-بولمامدۇ؟ باش كاتىپ ئارىلاشمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، <<نىزامنامە>>دە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقى بار. ئەمما ئەمەلىيەتتە، مۇئاۋىن باش كاتىپىلىق ئورنىغا بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتتىن بىردىن كىشى تەيىنلىنىدۇ، باش كاتىپنىڭ ئۇلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشى پەقەت رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر تۈرلۈك قائىدىسى بولۇپ، ئامېرىكا، رۇسىيە، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ئورنىدا بىردىن ئورنى بار، يېقىنقى ئىككى نەپەر جۇڭگولۇق مۇئاۋىن باش كاتىپ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا مەسئۇل بولغان.


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ ئانچە كۆپ ھوقۇقى يوق، شۇڭا نۇرغۇن ھاللاردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئۆزىنىڭ ئوبرازى بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىشلار ياراشتۇرىدۇ. 1998-يىلى، باش كاتىپ ئاننان باغدادقا يېتىپ بېرىپ سادام بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەمدە سادامنى سىگار چېكىشكە تەكلىپ قىلغان. سادام سەل ئىككىلەنگەندىن كېيىن تاماكىنى قوبۇل قىلىپ: <<مەن ئەزەلدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئادىمى بىلەن بىرلىكتە تاماكا چەكمەيتتىم، بىراق سىز بۇنىڭ سىرتىدا>> دېگەن. ئاننانىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن ئىراقنىڭ يادرو قوراللىرى كىرزىسى ۋاقىتلىق پەسەيگەن. 2001-يىلى، ئاننان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە <<نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى>>غا ئېرىشكەن.
ئاننانغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ تەسىر بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتتى. سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇ كۆپ قېتىم سۈرىيە زۇڭتۇڭىغا تېلېفون بەرگەن بولسىمۇ، تېلېفونى رەت قىلىنغان. با كىمۇن 2012-يىلى يەنە سابىق باش كاتىپ ئانناننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىلىكىگە تەيىنلەپ سۈرىيە مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلماقچى بولغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىرىنىڭ مائاشى ۋە تەمىناتى قانداق بولىدۇ؟
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ خىزمىتى گەرچە خېلى مۈشكۈل بولسىمۇ، لېكىن تەمىناتلىرىمۇ خېلى يامان ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دۆلەت باشلىقى دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. كورېيە <<چاۋشيەن گېزىتى>>نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ يىللىق مائاشى تەخمىنەن 230 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. ناۋادا باش كاتىپنىڭ شەخسىي پائالىيەتلىرىدىكى ئىشخانا خىراجىتى ۋە قوغداش خىراجىتى قاتارلىقلارنى قوشقاندا، بىر يىللىق ئالىدىغان مائاشى 300 مىڭ دوللاردىن ئاشىدىكەن.
<<نيۇيورك ژۇرنىلى>>نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2006-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانناننىڭ ئەمەلىيەتتە ئالىدىغان يىللىق مائاشى 340 مىڭ دوللارغا يەتكەن. بۇ ئەينى ۋاقتىدىكى كورېيە زۇڭتۇڭىنىڭ يىللىق مائاشىدىنمۇ خېلى يۇقىرى ئىكەن، ئەمما شۇ چاغدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىلنتوننىڭ يىللىق مائاشى 400 مىڭ دوللاردىن سەل تۆۋەن ئىكەن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئاقسارايدا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تاڭنىڭ كوچىسى 1-نومۇردا تۇرغانغا ئوخشاش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسى بار. ئۇنىڭ تۇرالغۇسى مانخاتتان شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتاتبىغا ئىنتايىن يېقىن. بۇ تۇرالغۇ ئارقا گۈللۈكى بولغان تۆت قەۋەتلىك تۇتاش داچا بولۇپ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ئومۇمىي كۆلىمى 1300 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئۇ داچىنى ئەسلىدە نيۇيوركتىكى پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى مورگان قىزىغا ئاتاپ سالدۇرغان بولۇپ، 1972-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ھەدىيە قىلىنغان.



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى