نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دىيارىمىزدىكى قىزىقارلىق يەر ناملىرى

دىيارىمىزدىكى قىزىقارلىق يەر ناملىرى

ۋاقتى: 2015-05-03 ئاۋاتلىقى: 4668 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۇرتىمىزدىكى قىزىقارلىق يەر ناملىرى
   قاپاق ئاستى: بۇيەر مەكىت ناھىيە شېھىددۆڭ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 11 كىلومېتىر غەربىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇزاق يىللار ئىلگىرى بۇ جاي پايانسىز توغراقلىق ئىكەن، ئايىمخان ئىسىملىك بىر ئايال يوپۇرغىدىن بىر قاپاق سۇنى كۆتۈرۈپ پىيادە مېڭىپ دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، كۈن ئولتۇرۇپ ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. ئۇ بۆرىدىن قورقۇپ قاپاقنى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ، ئۆزى دەرەخكە چىقىۋاپتۇ، كەچتە بۆرىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ ھۇۋلاپتۇ، ئايال قورقۇپ كەتكىنىدىن دەرەختىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بۆرىلەرگە يەم بوپتۇ. ئەتىسى يولدىن ئۆتكەن يولۇچىلار دەرەخ شېخىغا ئېسىقلىق قاپاقنى كۆرۈپ، بۇ جاينى ‹‹قاپاق ئاستى››دەپ ئاتاپتۇ.
   قانجۇغان: قانجۇغان ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى بىر قەدىمىي قورغاننىڭ نامى بولۇپ، بۇ جاي دېڭىز يۈزىدىن 2105 مېتىر ئېگىز، قانجوغان سۆزى قەدىمكى تۈركچىدە ‹‹قانغا بويالغان››دېگەن مەنىدە. قەدىمكى زاماندا بۇ جايدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، كۆپ قان تۆكۈلگەن ئىكەن.
   ئاغىچام قىڭغاندى: بۇ قەدىمكى لۈكچۈن — دۈنخۇاڭ يولىدىكى بىر جاينىڭ نامى بولۇپ، لۈكچۈندىن 60 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا يول ناھايىتىمۇ خەتەرلىك بولغاچقا، تىك يار ياقىلاپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن، لۈكچۈنلۈك پېشقەدەم زات ئىسمائىل ھادىنىڭ ئېيتىشىچە، تارىختىكى يېغىلىقلارنىڭ بىرىدە، لۈكچۈن ۋاڭى مۇشۇ يول بىلەن قاچقاندا، ئاغىچىسى مۇشۇ جايدىن ئۆتكىچە ئۇلاغنىڭ ئۈستىدە قورقۇپ، بىر ياققا قىڭغىيىپ ئولتۇرۇپ كۆز يېشى قىلغانىكەن. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ جاي‹‹ئاغىچام قىڭغايدى››دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.
   نىياز ئۇچقان چوققا: تۇرپاندىن ئىدىقۇت تېغى ئارقىلىق گۇچۇڭغا ئۆتىدىغان ئۇلاغ يولىنىڭ قۇتاز داۋىنى (سازلىقنىڭ داۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى بىر چوققىنىڭ نامى. پېشقەدەملەر بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ؛ ئىلگىرى چالغانتاغدىكى قوشنا ئىككى سايدا ئىككى باينىڭ ئاتلىرى ئوتلايدىكەن، بىرىنىڭ ئىسمى بارات باي بولۇپ، ئەل ئىچىدە يۈز – ئابرويلۇق كىشى ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ھاجى بولۇپ، چالغانتاغنىڭ دىنىي مۆتىۋىرى ئىكەن. بۇ ئىككى زات ھەمىشە بىر – بىرى بىلەن مەنمەنلىك تالىشىدىكەن. بارات باينىڭ ئايغىرى يامان ئىكەن، ئۇ دائىم ئۆز ئۇيۇرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھاجىنىڭ ئاتلىرىغا ئارام بەرمەيدىكەن، ھاجىنىڭ نىياز دىگەن بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى بارات باينىڭ ھېلىقى يامان ئايغىرىنى ئوغرىلاپ، گۇچۇڭغا ئاپىرىپ سېتىشقا تەمشەلگەندە، بارات باينىڭ مالايلىرى ئاتنى ئىزدەپ كېلىپ نىيازنى تۇتۇپ تاغقا ئېلىپ ماڭغانىكەن. نىياز ئۆيگە قايتىپ بارسا ‹‹ئوغرى››دېگەن ئاتاققا قېلىپ خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، تاغنىڭ تىك چوققىسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ چوققا ‹‹نىياز ئۇچقان چوققا››دەپ ئاتالغانىكەن.
   يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە ياۋا تۇڭگۇز لەڭگەر، ئەندىر لەڭگەر، ياۋا ئات قۇدۇقى، چىڭگىزلىك، ئوسمانباي ئۆتىڭى، تايلاق تۇتقان(تايلاق سوۋغا قىلىنغان دېگەن مەنىدە)، كالا ئاستى، يىلان كۆيدى، ئاق تاز دۆڭ، پاسلادوقا ماڭلاي، ئارغامچىنى بوش ئۆرىگەن، كالا ئۆلگەن دېگەندەك قىزىقارلىق يەر ناملىرى بار.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى