دۇنيادىكى داڭلىق قورشاۋ تام شەھەرلىرىگە نەزەر
-
دۇنيادىكى داڭلىق قورشاۋ تام شەھەرلىرىگە نەزەر
ۋاقتى: 2016-01-12 ئاۋاتلىقى: 4309 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ قورشاۋ تام شەھەرلىرىگە نەزەر
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
كىرودىيەنىڭ دۇبروۋنىك يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا تېلېۋىزىيە تىياتىرى <<ھوقۇق ئويۇنى>>نىڭ سۈرەتكە ئېلىنغان مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بۇ شەھەرنىڭ تېخىمۇ داڭقى چىققان.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغان غايەت زور قورشاۋ تام قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ قالغان. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ شەھەرلەر زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما قورشاۋ تاملىرى تا ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ، شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى قوغداپ كەلمەكتە. سۈرەتتىكىسى كىرودىيەنىڭ دۇبروۋنىك قەدىمىي شەھىرىنىڭ قورشاۋ تېمى.
كىرودىيە دۇبروۋنىك قورشاۋ تېمى 16-ئەسىردە قوپۇرۇلغان بولۇپ، قەدىمىي شەھەرنى ئىككى كىلومېتىر دائىرىدە قورغاپ تۇرىدۇ، شۇ جايدىكى يوللاردا پەقەت پىيادىلا ماڭغىلى بولغاچقا، بۇ قورشاۋ تام مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان.
ناۋادا بۇ جاينىڭ مۇھىتىدىن ھۇزۇرلانماقچى بولسىڭىز، كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەيداننىڭ ئەتراپىغا كەلسىڭىز بولىدۇ، ئۇ يەردە، نۇرغۇن مېۋە-چىۋە دۇكانلىرى بار، كىشىلەر ئەنە شۇ يەرلەرگە جەم بولۇپ پاراڭلىشىدۇ.
شۇ جايدىكى ماجا مىلوۋسىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھوللىۋودنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى بۇ يەردە سۈرەتكە ئېلىنغان سەۋەبلىك نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگىلى كەلگەن.
ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە بۇ قەدىمىي شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان، دېڭىز قاراقچىلىرى ئەۋج ئالغان 18-ئەسىردە، ئىسپانىيە غايەت زور مەبلەغ چىقىرىپ بۇ يەرنىڭ مۇداپىئەسىنى كۆچەيتىشكە ياردەم قىلغان، ئەينى چاغدا قايتا قۇرۇلغان شەھەر تاملىرى ۋە قورغانلارمۇ تا ھازىرغىچە ساقلانماقتا.
كولومبىيەنىڭ كارتاگېنا شەھىرى: يېرىم شارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىسپانىيەلىكلەر نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەنە باشقا بىر شەھەر تېمىنى قوپۇرۇپ چىققان. كارپ دېڭىزىدىكى پورت شەھىرى ___ كاتاگېنا ئىسپانىيەنىڭ مۇھىم ئالدىنقى قاراۋۇلى بولۇپ قالغان.
بۇ ئارامبەخش شەھەر سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرگە تولىمۇ دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە خاتىرجەملىك ۋە ئارامبەخش كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن.
يېقىنقى 1000 يىلدىن كېيىن، بۇ شەھەر تاملىرى يەنىلا بۇ مۇكەممەل ساقلانغان كىچىك بازارنى قوغداپ كەلمەكتە، بازارنىڭ ھەممىلا يېرىدە رىم ئۇسلۇبى ۋە گوت ئۇسلۇبىدىكى چېركاۋلار بار. بۇ بازاردىكى كارولىنا ئارېس مۇنداق دەيدۇ: <<بىز ئۆزىمىزنى بەئەينى ئوتتۇرا ئەسىردە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز، بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك سىرلىق.>>
ئىسپانىيەنىڭ ئاۋىلا: ئاۋىلانىڭ شەھەر تېمى 12-ئەسىردە قوپۇرۇلغان بولۇپ، كاستىلې بىلەن لېئون پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ تالاپىتىدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان.
ئېرۇسالىملىق قىزچاق مۇخبىرغا <<ئېرۇسالىم، مېنىڭ سۆيگۈم>> دېگەن خەت يېزىلغان كارتىنى سۇندى.
كىشىلەر كىرودىيەنىڭ دۇبروۋنىك قەدىمىي شەھىرىدىكى كوچىلاردا ماڭماقتا.
ئېرۇسالىم قەدىمىي شەھىرى: كونا شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان شەھەر تېمى 16-ئەسىردە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىنجىل دەۋرىدىن باشلاپلا، بۇ تارىخى ئۇزۇن شەھەر تاش تاملار بىلەن قورشالغان.
مەيلى شەھەر تېمىنىڭ ئىچى-سىرتى بولسۇن، پۈتۈن ئېرۇسالىمدىكى ئاھالىلار ھەمىشە دۆلەت تەۋەلىكى ياكى دىن بويىچە ئايرىلىدۇ.
كىشىلەر ئېرۇسالىم <<يىغلاڭغۇ تام>>نىڭ تۈۋىدە تىلاۋەت قىلماقتا. <<يىغلاڭغۇ تام>> يەھۇدىي دىنى چېركاۋىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۆزگەرتىلىش، ئىككى قېتىملىق ۋەيران بولۇشتىن قېلىپ قالغان ئىزدىن ئىبارەت بولۇپ، يەھۇدىيلار 2000 يىلدىن بېرى خانىۋەيران بولۇپ يۈرگەن سىرلىق ھويلا.
لىز كوئېن مۇنداق دەيدۇ: <<شەھەر تېمىنىڭ سىرتىدا تۇرغاندىمۇ، ئۇنىڭ قەدىمىيلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، قۇرۇلۇشلارغا ئەڭ قەدىمىي تاشلار ئىشلىتىلگەن، كوچىلارنىڭ ناملىرى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى ئېرۇسالىملىقلارنىڭ بىر خىل خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.>>
مودا لايىھەلىگۈچى سلۋىيا تېراسسى مۇنداق دەيدۇ: <<بۇ قەدىمىي شەھەردە تۇرغان چاغدىكى تۇيغۇ بەئەينى كىنو دۇنياسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئوخشايدۇ.>>
تاش شەھەرگە ئاپىرىدىغان ئاسما ماشىنا.
فىرانسىيەنىڭ كاكاسوڭ: بۇ يەردە قورشاۋ تام بىلەن قورشالغان قورغانلار بار. بۇ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر تېمى ئىچىدە ياشاش كىشىگە كۈچلۈك تارىخ تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
2013-يىلى ئاۋسترالىيەدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن جاكۇي بولتېر مۇنداق دەيدۇ: <<بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن سىز نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىكى تۇرمۇشنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە خىيالغا چۆكىسىز، خىيالىڭىزدا بۇ قورغاننى، بۇ ئۆيلەرنى ۋە شەھەر تاملىرىنى بىنا قىلغان ئىشچىلارنىڭ ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايسىز.>>
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (5)
2015-03-01 12:02:263382تۈركىيە نېمىشقا تۈركىيە-سۇرىيە چېگرىسىنى كونترول
2016-05-30 17:23:421885خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بلات ئ
2015-06-03 10:24:593924دۇنيادىكى 16 چوڭ ھەقسىز مۇزېيغا نەزەر
2015-05-22 12:02:074189پاكىستان كىنوچىلىقىدىكى ئۆمۈرلۈك تۆھپىكار — ناد
2016-01-31 19:34:5516540ئىنتىلىش توغرىسىدا ھېكمەتلەر
2015-02-05 11:24:233895شاھرۇھخاننىڭ يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
2015-07-29 12:59:434711دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (1)
2015-02-05 17:30:434250
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-