سىز كىتاب ئاسراشنى بىلەمسىز؟
-
سىز كىتاب ئاسراشنى بىلەمسىز؟
ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 4547 قېتىمسىز كىتاب ئاسراشنى بىلەمسىز؟يانفوندا كۆرۈش
*
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
*
كىتاب ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. شۇنداق بولغانىكەن، بىز بۇ جەۋھەرنى چوقۇم ئاسرىشىمىز كېرەك. بەزىلەر كىتاب ئوقۇغاندا ھەمىشە ئوقۇپ نەگە كەلگەن بولسا، شۇ بەتنى بولۇشىغا قاتلاپ قويىدۇ ياكى قەلەم بىلەن بەلگە ئۇرۇپ قويىدۇ، بەزىلەر قېلىن، قاتتىق تاشلىق كىتابلارنى ئوقۇغاندا ئاسانلا نەچچە پارچە قىلىۋېتىدۇ.
بەزى كىشىلەر باركى، ئۆمرىدە كىتاب - ژۇرنال ئوقۇشقا قىزىقمىسىمۇ ۋە سېتىۋالمىسىمۇ، لېكىن بىرەر كىتاب - ژۇرنال كۆپرەك ئۆيگە مېھماندارچىلىققا بېرىپ قالغۇدەك بولسا، شۇ ھامان كىتاب ئوقۇش ھېسسىياتى قوزغىلىپ كېتىدۇ-دە، قىممەت كىتابلاردىن بىر نەچچىنى «ئوقۇغىلى» ئارىيەتكە ئېلىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇ كىتابلار شۇ پېتى قايتىپ كېلەلمەيدۇ ياكى كەلگەن تەقدىردىمۇ تاشلىرى ئاجرىغان، ۋاراقلىرى قاتلانغان، بەلگە ئۇرۇلغان ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ، كىتاب ئىگىسىمۇ يۈز قاراپ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ.
بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، «كىتاب ئوغرىسى ئوغرى ئەمەس»مىش، ئۇلار باشقىلارنىڭ يېمەي - ئىچمەي يىغقان كىتابلىرىنى ئوغرىلاپ كەتسە، يەنە ئوغرى ھېسابلانمىسا، قانداق گەپ بولغىنى بۇ؟ مېنىڭچە بۇلارمۇ ئوغرى سانىلىدۇ.
مېنىڭمۇ بەزى دوستلىرىم «سەپەرگە چىقماقچىتۇق، يولدا ئوقۇغىلى رومان بەرسەڭ» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇلارنىڭ يولدا ئۇ كىتابتىن بىر نەچچە بەتمۇ ئوقۇمايلا ئۇيقۇغا ياكى قۇرۇق گەپكە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى كىتابلارنىڭ بارغان جايىدىن قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ بېرىپ تۇراتتىم. نەتىجىدە كىتابلار بارغان جايىدا «يەرلىكلىشىپ» قالاتتى. بۇ چاغدا مەن ئاشۇ «يۈزسىز» كىتاب - ژۇرناللارنى قايتىدىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتىم.
دوستۇم، سىزدىمۇ مۇشۇنداق ئىللەت بارمۇ؟ بولسا دەرھال تۈزىتىۋېلىڭ، تۈزىتىۋېلىش ھەرگىز تەس ئەمەس.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يۇمۇر: مۇئەللىمنىڭ دوختۇرنى داۋالىشى
2015-03-26 18:59:064083ئوباما بۇلتۇر 477 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى
2015-04-16 11:02:113856دىيارىمىزدىكى قىزىقارلىق يەر ناملىرى
2015-05-03 22:16:274656قايسى دۆلەت كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
2015-11-27 02:13:214602داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (25)
2015-03-01 22:58:533731ئۇيغۇرلارنىڭ ياغاچ سوغا ياساش سەنئىتى
2015-02-11 17:51:124028كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
2015-03-16 00:31:433848ئامېرىكىدىكى پاراخوت قەبرىستانلىقىغا نەزەر
2015-11-10 16:59:274612
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-