كەچۆرۆڭ،تېما بىلەن بېۋاستە ئالاقىسى بولمىسىمۇ يوللاپ قۇيدۇم:
باياتىن يەنئەن يولىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ لېفىتىدا مەشغۇلات ئىشلەپ قايتىپ ئۆيگە كىرسەم 5.50ئۆتۆپتۇ(ئۆرۆمچى ۋاقتى).
مەشغۇلاتتا ئىشلەتكىنم: ئۆزىمىز ياسىۋالغان كارتۇن دىسكا.
مەشغۇلات جەريانىدىكى دىسكىنىڭ ھالىتى:دىسكىنىڭ ئوقى(چوكا)يەرنىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشىگە تىك.
مەشغۇلات جەريانى:دىسكىنىڭ مەركىزىدىن ئۆتكۆزىلگەن چوكىدىن پايدىلىنىپ ئوڭ ۋە سول تەرەپلەرگە پىقىرىتىش،ئايلاندۆرۆش.
1.دىسكىنى تۆۋەندىن يۇقۇرىغا -سائەت سىتىرلكىسىغا قارشى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق 9 قەۋەتلىك لىفىتتا ھەم يۇقۇرغا ھەم تۆۋەنگە بىرقانچە قېتىم چىقىپ-چۈشتۆم.چىقىپ-چۈشۆش جەريانىدا ئايلىنىۋاتقان دىسكا ئىزچىل ھالدا مىنىڭ ئوڭغا -سائەت سىتىرىلكىسى بۇيىچە ئايلىنىشىمنى "تەلەپ"قىلدى.ئايلىنىپ بەردىم.
2.سائەت سىترىلكىسى بويىچە تۆۋەنگە ئايلاندۆرغان ئەھۋالدا دىسكا مىنىڭدىن ئىزچىل ھالدا چىقىپ-چۈشۈش جەريانىدا سولغا ئايلىنىشنى "تەلەپ"قىلدى.ئايلىنىپ بەردىم.
قاسىم سىدىق
2013.7.19
خۇلاسەۋە ئىلتىماس
لېفىتتىكى كۆزۆتۆپ-سىناشتىن مەلۆم بولدىكى بۇنداق"دىسكا تەجىربىسى"دىكى ئېغىشنىڭ ھاۋا بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق.بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى؛29-تىئورمىچە ئېغىش ئىنىرتسىيىلىك ئېغىش بولۇپ،ھەقىقى بوشلۇقتا مەن ئالدىن پەرەز قىلغاندەك ئېغىش تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ.ھاۋا بار شارائىتتا باشقا تاشقى كۈچلەر پەقەت ئېغىشقا قارشىلىق قىلغۇچى كۈچ رولىنىلا ئوينايدۇ.
مەن ، ئىمكانىيىتى ياربەرگەنلەرنىڭ بۇ تەجىربىنى مۇنتىزىم ئىشلەپ ،ئالاقىدار بارلىق پارامىتىرلارنى خاتىرلەپ دوكىلات ئېلان قىلىشىنى سەمىمى ئۆمىت قىلىمەن.ماڭا نىسبەتەن ئىتقاندا پىرىنسىپال مەسىلە ھەل بولۇپ بولدى.ئەلۋەتتە بۇ تەجىربىنى مۇنتىزىم ئىشلىگەنلەرتەجىربە نەتىجىسىنىڭ بارلىق ھوقۇق-مەجبۆرىيىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ.مۇبادا ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرى بۇنداق تەجىربە ئىشلەشكە قىزىقمىسا، مەن بۇ ئىلتىماسنى خەنزۆچە ۋە ئىنگىلىزچە رەسمى نۇسقىدا تەييارلاپ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىشلەپ كۆرىشىنى قولغا كەلتۆرۆشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن.ھەرقانداق ئەھۋالدا ھوقۇق -مەجبۇرىيەت مۇنتىزىم ئىشلەپ دوكىلات ئېلان قىلغانلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:قاسىم سىدىق
2013.7.19.ئۆرۆمچى.
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=26729
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-19 09:04 AM