NASA: پلۇتوننىڭ ئىككى ھەمراھىغا ئىسىم قويۇلدى
بىلىمخۇمار
خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى (International Astronomical Union) يېقىندا يىغىن ئېچىپ، پلۇتوننىڭ بۇرۇن «P4» ۋە «P5» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى ھەمراھىغا «كېربېروس» (Kerberos, Cerberus) ۋە «ستىكس» (Styx) دەپ ئىسىم قويدى. بۇ يەردىكى «كېربېروس» رىملىقلار رىۋايەتلىرىدىكى بىر ئۈچ-باشلىق ئىت بولۇپ، «ستىكس» بولسا قەدىمقى رىۋايەتلەردىكى ھايات كىشىلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر دەريانىڭ ئىسمى ئىكەن. بۇ ئىسىم كاندىداتلىرى «تاشقىي پلانېتا ئادەملىرىنى ئىزدەش» تەشكىلاتى ( The Search for Extraterrestrial Intelligence, SETI) تەرىپىدىن ئىنتېرنېتتە ئېلىپ بارغان بىر رايە-سىناش پائالىيىتىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ، خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن يۇقىرىقى ئىككى ئىسىمنى تاللىغان.
ھازىرغىچە پلۇتون ھەمراھلىرىدىن جەمى بەشى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېربېروس 2011-يىلى، ستىكس بولسا 2012-يىلى بايقالغان.
2006-يىلى 24-ئاۋغۇست كۈنى خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى بېلەت تاشلاپ، پلۇتوننىڭ بىر پلانېتا بولۇش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 21-ئەسىرنىڭ باشلىرى قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتقى قىرغاقلىرىدىن ماسسىسى پلۇتوننىڭكىدىنمۇ چوڭ بولغان بىر قىسىم تارقالما شارسىمان جىسىملار (scattered disc object) بايقالغان بولۇپ، ئۇلار «پلانېتا دەپ ئايرىشقا شەرتى توشمايدۇ» دەپ قارىلىپ، شۇ قاتاردا پلۇتونمۇ بۇرۇنقى سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلدى.
مۇشۇ ئىش يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئاي ۋاقىت ئۆتكىچە، بىزنىڭ ئىدارە جايلاشقان شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى «ناسا پلۇتوننى ئۆلتۈرۈپ قويدى»، دەپ نامايىش قىلىپ يۈردى.
ئاسترونومىيىدە قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقى «بىر ئاسترونومىيە بىرلىكى» (Astronomical Unit, AU) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى تۆۋەندىكىگە تەڭ:
1 ئائۇ =149،597،870.691 كىلومېتىر (تەخمىنەن 149.6 مىليون كىلومېتىر)
ئاشۇ بىرلىك بويىچە ئۆلچىگەندە، قۇياش بىلەن باشقا بارلىق پلانېتىلارنىڭ ئارىلىقى مۇنداق بولىدۇ:
قۇياش: 0
1) مېركۇرى : 0.39
2) ۋېنېرا : 0.72
3) يەر شارى : 1
4) مارس : 1.5
5) يۇپىتېر : 5.2
6) ساتۇرن : 9.5
7) ئۇران : 19.2
8) نەپتۇن : 30.1
پلۇتون : 39.4 («ناسا ئۆلتۆرۈپ قويغان پلانېتا» مۇشۇ شۇ. ئۇ ھازىر قۇياش سىستېمىسىدىكى 9-پلانېتا بولۇپ ھېسابلانمايدۇ)
ئەسكەرتىش: بەزى تورداشلار كائىناتتا بايقالغان جىسىملارنىڭ ئىسمىنى كىم قويىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئىنكاس يوللىدى. يۇقىرىقى ئۇچۇردىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى « خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى» قويىدۇ. بۇرۇن، بىر نەرسىنى كىم بايقىغان بولسا شۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىدىغان ئىشلار بار ئىدى. لېكىن، ھازىر ئۇنداق ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەندەك قىلىدۇ.
http://www.space.com/21814-pluto-moons-named-kerberos-styx.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-9 12:34 PM