NASA: يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى
ئىنگلىزچە «Asteroid LR6» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇزۇنلىقى 10 مېتىر كېلىدىغان بىر ئالەم ئۇچار تېشى (ياكى ئاسترويد) 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى (جۈمە) ئامېرىكىنىڭ كەلىفورنىيە ۋاقتى كەچ سائەت 9:42 دە يەر شارىغا 100 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان بوشلۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتتى. بۇ ئاسترويدنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بۇ يىل 2-ئايدا رۇسىيە ئاسمىنىدا پارتىلاپ، يەر يۈزىگە ئۇششاق تاش بولۇپ چۈشكەن ئالەم ئۇچار تېشىنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىكەن. بۇ ئاسترويد ئانتراكتىكا بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جەنۇبىي دېڭىز ئۈستىدىكى بوشلۇقتىن ئۇچۇپ ئۆتتى.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
«Stealthy,truck-sized asteroid zipped past Earth on Friday night»:
http://www.latimes.com/news/science/sciencenow/la-sci-sn-asteroid-2013-lr6-20130607,0,3965267.story