2016-يىلى NASA «ئاستەروئىد» نى تەكشۈرىدىغان بىر يېڭى ئالەم ئۇشقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ
بۇ ئالەم ئۇشقۇرىنىڭ ئىنگلىزچە تولۇق ئىسمى «Origins-Spectral Interpretation-Resource Identification-Security-Regolith Explorer» بولۇپ، ئۇ قىسقارتىلىپ «OSIRIS-Rex» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئالەم ئۇشقۇرى 2016-يىلى سەپەرگە چىقىپ، 3 يىلدىن كېيىن، يەنى 2019-يىلى «1999 رق36» دەپ ئاتىلىدىغان، دىيامەتىرى 580 مېتىر كېلىدىغان كائىنات ئۇچار تېشى (asteroid) غا يېتىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە 6 ئاي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ھېلىقى ئاستەروئىد غا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭدىن 57 گرام (2 ounce) ماتېرىيال ئېلىپ، يەر شارىغا 2023-يىلى قايتىپ كېلىدۇ. بۇ ناسا نىڭ تۇنجى قېتىپ بىر ئاستەروئىد ماتېرىيالىنى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىشى بولۇپ، ئالىملار بۇ ماتېرىياللار ئارقىلىق بىرزنىڭ قوياش سىستېمىمىزنىڭ قانداق ۋۇجۇتقا كەلگەنلىكى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى كۆزلەۋاتىدۇ.
ماقالە مەنبەسى:
http://science.nasa.gov/missions/osiris-rex/
رەسىم مەنبەسى:
http://osiris-rex.lpl.arizona.edu/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-12 09:53 AM