NASA: تاشقىي پلانېتىلارنى تاپىدىغان «كەپلەر ئالەم تېلېسكوپى» دىن چاتاق چىقتى
2013-5-17
ناسا نىڭ كائىناتتىكى تاشقىي پلانېتىلارنى تەكشۈرۈۋاتقان «كەپلەر» ئىسىملىك ئالەم تېلېسكوپىدىن بىر ئاز چاتاق چىقتى. يەنى بۇ تېلېسكوپنى كائىناتتىكى بىر نۇقتىغا توغرىلاپ، شۇ توغرىلانغان ھالىتىدە ساقلاپ بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغان 4 دانە رېئاكسىيە چاقى (reaction wheels) بار بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى ئۆتكەن يىلى ئىشلىمەس بولۇپ قالغان ئىدى. 2013-يىلى 14-ماي كۈنى ئۇ چاقنىڭ يەنە بىرسىمۇ نورمال ئىشلىمەس بولۇپ قېلىپ، كەپلەر ھازىرچە ئىشلەشتىن توختىتىپ قويۇلدى. كەپلەرنى ھازىرغىچە ناسا ئۈچۈن كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology, Caltech) بىلەن ئۇنىڭ بىر تارمىغى بولغان، ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ «JPL» دەپ ئاتىلىدىغان ناسا مەركىزى (Jet Propulsion Laboratory) باشقۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ.
ناسا 2009-يىلى 3-ئايدا «كەپلەر ئالەم تېلېسكوپى» (Kepler Space Telescope) دەپ ئاتىلىدىغان بىر تېلېسكوپنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى. بۇ تېلېسكوپنىڭ ۋەزىپىسى بىزنىڭ قوياشقا يېقىن بولغان باشقا يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدە بىز ياشاۋاتقان يەر شارىغا ئوخشاش پلانېتىلىرى بار يۇلتۇزلارنى ئېنىقلاپ چىقىش. كەپلەر تېلېسكوپى تاشقىي پلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلمەيدۇ. ئۇ ئانا يۇلتۇزلارنىڭ نۇرىدىكى ئۆزگىرىشنى ئۆلچەپ، شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر يۇلتۇزنى ئايلىنىۋاتقان قانچە پلانېتا بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ يەر شارى بىلەن چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئانا يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى جەھەتتە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىرى بارمۇ-يوق، دېگەنلەرنى ئېنىقلايدۇ. يەنى، بىر پلانېتا ئانا يۇلتۇزنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇ يۇلتۇزنىڭ سىز كەپلەر بىلەن ئۆلچەۋاتقان نۇرى 0.1 پىرسەنت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن ئاشۇ پلانېتانىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئوربىتىسى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. بۇرۇن كىشىلەر باشقا يۇلتۇزلارنى ئايلىنىدىغان پلانېتىلارنىڭ بار-يوقلىقىنى بىلمەيتتى. ھازىر بولسا ئاساسەن ھەممە يۇلتۇزلارنىڭ كەم دېگەندە بىردىن پلانېتىلىرى بارلىقى بايقالدى.
بىزنىڭ يەر شارىمىزغا ئوخشاش تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئۆز ئانا يۇلتۇزىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن بىر يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭلاشقا كەپلەر ھەر بىر يۇلتۇزنى خېلە ئۇزۇن كۆزەتمىسە، ئۇنى ئايلىنىۋاتقان پلانېتىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقالمايدۇ. كەپلەر ئەسلىدە 4 يىل ئىشلەشكە لاھىيىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى بۇ يىل توشاتتى. لېكىن، ئۆتكەن يىل ناسا ئۇنىڭ ئىشلەش ۋاقتىنى 2016-يىلغىچە ئۇزارتقان ئىدى.
كەپلەر ھازىرغىچە 130 دانە تاشقىي پلانېتىلارنى تېپىپ چىقتى، ھەمدە 2740 دانە تاشقىي پلانېتا كاندىداتلىرىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 230 پلانېتىلار بىزنىڭ يەر شارىمىزغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، 820 پلانېتا بىزنىڭكىدىن بىر ھەسسە چوڭ ئىكەن. تېخى ئۆتكەن ئايدا كەپلەر بىزدىن 1200 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى ئىنگلىزچە «Goldilocks zone» دەپ ئاتىلىدىغان رايوندىكى بىر يۇلتۇزنى ئايلىنىۋاتقان، چوڭلىقى بىزنىڭ يەر شارىمىزغا ئوخشاپ كېتىدىغان پلانېتىلاردىن ئىككىنى بايقىغان ئىدى.
بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىزغا ئەڭ يېقىن بولغان يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى كېلىدۇ. بىز ئاخشىمى كۆرۈدىغان باشقا يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى بىزگە بۇنىڭدىنمۇ يىراق. كىشىلەر كەپلەر ئارقىلىق بىزگە 10 نۇر يىلى كېلىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئەتىراپىدىن يەر شارى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان پلانېتىلاردىن بىرەرنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاۋاتىدۇ.
ناسا كەپلەر ئۈچۈن ھازىرغىچە 600 مىليون دوللار پۇل چىقىم قىلدى.
ناسا 1990-يىللىرىدىن باشلاپلا تاشقىي پلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلەيدىغان ئالەم تېلېسكوپنىڭ تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ تەتقىقات ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھازىرقى پىلاندا، ناسا بۇ يېڭى تېلېسكوپنى 2018-يىللىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ، كەپلەر بايقىغان «ئەڭ مۇۋاپىق» يۇلتۇزلارنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرىدۇ. ئادەتتە يۇلتۇزنىڭ تېلېسكوپقا كېلىدىغان نۇرى ئۇنى ئايلىنىۋاتقان پلانېتىنىڭكىدىن 10 مىليارد ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پلانېتىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولمايدۇ (ئويلاپ بېقىڭ: ئەگەر سىز كۈنگە قاراۋاتقاندا، بىزنىڭ ئاي شارىمىز كۈننىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىپ قالىدىكەن، سىز ئاينى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيسىز). ھازىر ياسىلىۋاتقان يېڭى تېلېسكوپ يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىپ، بىر «قاراڭغۇ رايون» (dark hole) نى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ يەردىكى «قاراڭغۇ» دېگەن سۆز «ھېچ قانداق نۇر يوق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ قاراڭغۇ رايونغا كىرگەن پلانېتا بىزگە بىۋاستە كۆرۈنىدۇ. ناسا دىكى ئۇيغۇر ئەركىن سىدىق قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى مۇشۇ يېڭى تېلېسكوپنىڭ تەتقىقاتى بولۇپ، ئۇ ناسا دىكى تېلېسكوپتا ئاشۇنداق «قاراڭغۇ رايون» نى ھاسىل قىلىشقا ئىشلىتىدىغان كونترول ئالگورىسىمى (ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلى) ۋە كونترول تېخنولوگىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ھازىرغىچە مۇشۇ تېلېسكوپ ھەققىدە خەلقئارادا 10 پارچىدەك ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ بولدى. ئەركىن سىدىق كومپيۇتېردىكى تېلېسكوپ لاھىيىسى ئارقىلىق كومپيۇتېردا بەرپا قىلغان «قاراڭغۇ رايون» لارنىڭ رەسىملىرىدىن بىرى ئامېرىكىدا چىقىدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي جورنال «قوللانما ئوپتىكا» (Applied Optics, by American Optical Society) نىڭ 2007-يىلى 10-ئايلىق سانىنىڭ مۇقاۋىغا بېسىلدى (ئەگەر قىزىقسىڭىز، سىز ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن مۇشۇ جورنالنى تېپىپ كۆرۈپ بېقىڭ).
ناسا دىكىلەر مۇنداق 2 نەرسىگە ئىشىنىدۇ: (1) كائىناتتا بىزگە ئوخشاش جانلىقلار بار پلانېتىلاردىن چوقۇم باشقىلىرىمۇ بار. (2) تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئادەملىرى بىزدىن بەكراق ئەقىللىق ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بىزدىن بەكراق ئەقىللىق بولغان بولسا، بۇ چاققا ئۇلار بىزنى ئىزدەپ كېلىپ بولغان بولاتتى. ئۇلار كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر بىز ئۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز. كائىناتتا 200 مىليارد تىن ئارتۇق گالاكسى بار. بىزنىڭ سامان يولى گالاكسىدا 200 مىليارد تىن ئارتۇق يۇلتۇز بار. شۇڭا جانلىقلار ياشايدىغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ يوق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.
ناسا دىكى مۇتەخەسسىسلەر ھازىر كەپلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ ئوڭشىلامدۇ-يوق، ئۇنىسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئەگەر ئۇ ئوڭشالماي قالسا، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئاسترونومىيىچىلەر ئۈچۈن بىر چوڭ يوقىتىش بولىدۇ.
پايدىلىنىش ماتەرىيالى:
http://www.nytimes.com/2013/05/1 ... ion-short.html?_r=0
(بۇ ئۇچۇرنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت ئالماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلىرىگە يوللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-18 01:58 AM