NASA: ئايغا ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى
بەزى تورداشلار مەندىن يۇقىرىقى ئىشنى سوراپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتىكەن. بۈگۈن مەن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ ئىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى تاپتىم:
--2013-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، رىچارد برانسون (Richard Branson) نىڭ ئىنگلىزچە «Virgin Galactic» دەپ ئاتىلىدىغان شىركىتى خىرىدارلارنى ئالەم بوشلۇقىدا ساياھەت قىلدۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشلايدۇ. يەر شارى يۈزىدىن 100 كىلومېتىردىن چوڭراق ئىگىزلىكنىڭ ھەممىسى ئالەم بوشلىقى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت ساياھەتچىلەرنى 110 كىلومېتىر ئىگىزلىككە ئاپىرىپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ. پۈتۈن سەپەر ئىككى يېرىم سائەت داۋام قىلىدۇ. ساياھەتچىلەر 6 مىنۇت ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىنى يۇقىتىدۇ. بۇ سايەھەتنىڭ بىر كىشىلىك بېلىتى 200000 (ئىككى يۇز مىڭ) دوللار بولۇپ، ھازىرغىچە 529 نەپەر بېلەت سېتىلىپ بولدى. بۇ سەپەرنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدىكى كىنو چولپانلىرىدن Brad Pitt بىلەن Angelina Jolie لارمۇ بار. [1]
--ۋېنا (Vienna) دىكى ئىنگلىزچە ئىسمى «Space-Advantures» دەپ ئاتىلىدىغان شىركەت رۇسىيە ئالەم قاتناش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، 2015-يىلى ساياھەتچىلەرنى يەر يۈزىدىن 415 كىلومېتىر ئىگىزلىكتىكى يەر شارى ئوربىتىسىدا كۈنىگە يەر شارىنى 16 قېتىم ئايلىنىۋاتقان «خەلقارا ئالەم پونكىتى» غا ئېلىپ چىقىپ، ئۇ يەردە 10 كۈن تۇرغۇزۇپ، ئاخىرىدا ئاينى بىر قېتىم ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن يەر يۈزىگە ئېلىپ چۈشىدۇ. بۇ ساياھەتنىڭ بىر كىشىلىك بېلىتى 150 مىليون دوللار بولۇپ، 2011-يىلى 9-مايغىچە بۇ سەپەرگە پەقەت بىرلا خەرىدار تىزىملاتتى. [2]
--ناسا نىڭ بۇرۇنقى باشلىقلىرىدىن بىر قانچە كىشى بىر خۇسۇسىي شىركەت قۇرۇپ، خالىغان دولەتلەرنىڭ 2 ئادىمىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىلارنى ئايغا ئاپىرىپ كېلىشنى قارار قىلدى. بۇ قارار 2012-يىلى 6-دىكابىردا ئېلان قىلىندى. بۇ سەپەر تەتقىقات ئۈچۈن بولسىمۇ، ياكى مىللىي شۆھرەت ئۈچۈن بولسىمۇ بولىۋېرىدىغان بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ بىر قېتىملىق سەپىرىنىڭ چىقىمى بىر يەرىم مىليارد دوللار. يەنى، بىر ئادەمدىن 750 مىليون دوللار ئېلىنىدۇ. [3]
--گۇگۇل شىركىتى (Google) 2015-يىلى 31-دىكابىردىن بۇرۇن ئايغا چىقىپ، ئاي شارى يۈزىدە 500 مېتىر يول يۈرەلىگەن خۇسۇسىي گۇرۇپپا ئۈچۈن ئىنگلىزچە «The Google Lunar X Prize» دەپ ئاتىلىدىغان 20 مىليون دوللارلىق مۇكاپاتتىن بىرنى تەسىس قىلدى. مەزكۇر سەپەر ئۈچۈن ئىنگلىزچە «Astrobotic Technology» دەپ ئاتىلىدىغان شىركەت بىر بېلەت سېتىۋالدى. مۇشۇ شىركەت گۇگۇل مۇكاپىتىنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. [4]
مەن ھازىرغىچە تاپالىغان ئايغا ساياھەت قىلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار يۇقىرىقىدىن ئىبارەت. ئايغا ساياھەت قىلىشتىن باشقا، ھازىر خۇسۇسىي شىركەتلەر ئالەم بوشلۇقىغا مېھمانخانا ياساش قۇرۇلىشىنىمۇ باشلىۋەتتى. مەسىلەن، رۇسىيىنىڭ ئىنگلىزچە «Orbital Technologies» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركىتى يەر يۈزىدىن 350 كىلومېتىر ئىگىزلىككە 4 ياتاق ئۆيى بار 7 كىشىلىك مېھمانخانا ياساش ئىشىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ 2016-يىلىغىچە مۇلازىمەت باشلاشنى كۆزلەۋاتىدۇ. بۇ مېھمانخانىدا 5 ئاخشام قونۇش ئۈچۈن بىر ئادەمدىن 165000 دوللار ئېلىنىدۇ. ئۇ مەھمانخانىغا بېرىپ قايتىپ كېلىش يول كىراسى ئۈچۈن بىر ئادەمدىن 410000 دوللار پۇل ئېلىنىدۇ [5]. ئالەم بوشلۇقىدىكى مېھمانخانا ھەققىدە كېيىنچە بىر ئايرىم تېما يوللاشقا تىرىشىمەن.
پايدىلانغان ماتەرىياللار:
[1] ComingSoon: Your Vacation To The Moon
[2] Space travel: Moon vacations possible, for a price[3] Priceof a vacation on the moon? $1.5 billion.Vacation on Moon for $750 Million (NotIncluding Lodging)
[4] Lunar Vacation: Company Books Moon Ride inPrivate Space Race
[5] Russia's $165,000 per night space hotel
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-31 01:55 PM