NASA كائىنات ئۇچار تاشلىرىنىڭ 10000ئىنچىسىنى بايقىدى
بىلىمخۇمار
2013-يىلى ئىيۇننىڭ ئاخىرى ناسا «يەر شارىغا يېقىن جىسىملار» (Near Earth Objects, NEOs) دەپ ئاتىلىدىغان كائىنات ئۇچار تاشلىرىنىڭ ئىچىدىكى «2013 مز5» دەپ نام بېرىلگەن10000 - ئىنچى تاشنى بايقىدى.
«يەر شارىغا يەقىن جىسىملار» قۇياشنى مەركەز قىلغان ئوربىتىسىدا يەر شارىغا 45 مىليون كىلومېتىر قالغىچە يېقىنلاشقان ئاسترويد بىلەن كومېتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىنتايىن ئېنىق ۋە مۇقىم بولغان ئوربىتىدا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار يەر شارىغا ھېچ قانداق تەھدىت كۆرسەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرى پەقەت بىر قانچە مېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ دىيامېتىرى بولسا 40 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.
يەر شارىغا يېقىن جىسىملارنىڭ بىرىنچىسى 1898-يىلى بايقالغان بولۇپ، ناسا نىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنداق جىسىملارنىڭ تېخىچە بايقالمىغانلىرىنىڭ سانى 100،000 دىن ئاشىدىكەن.
2005-يىلى ئامېرىكا پارلىمەنتى ناسا غا دىيامېتىرى 140 مېتىردىن چوڭ بولغان يەر شارىغا يېقىن جىسىملارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن ئارتۇغىنى تېپىپ چىقىشنى ۋەزىپە قىلىپ بەردى. مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى بىر يازمىسىدا تەسۋىرلىگىنىمدەك، يېقىندا ناسا كائىناتتىكى ئۇچار تاشتىن بىرنى تۇتۇش قۇرۇلىشىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش 2020-يىلى ئەتىراپىدا تاماملىنىش پىلانلاندى.
پايدىلىنىش ماتەرىيالى:
http://news.discovery.com/space/asteroids-meteors-meteorites/meet-asteroid-2013-mz5-10000th-near-earth-object-130625.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-4 02:06 PM