مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10250|ئىنكاس: 55

NASA: بىر ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسى چېگرىسىغا يېتىپ باردى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

730

يازما

947

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
730
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41826
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2613 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-3-13
«سەپەرچى-1» ناملىق ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كېتىشكە ئاز قالدى

1977-يىلى، ناسا ئالەم بوشلىغىنى تەكشۈرىدىغان، ئىنگلىزچە «Voyager» («سەپەرچى» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدىغان 2 سەپەرچىنى قويۇپ بەردى. بۇ سەپەرچىلەرنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى «يۇپىتېر» بىلەن «ساتۇرن» دىن ئىبارەت ئىككى پىلانېتىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى 1981-يىلى غەلىبىلىك ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ۋەئىزىپىسى ئۇزارتىلىپ، داۋاملىق تۈردە قۇياش سېستىمىسىنىڭ ئەڭ چېتىگە قاراپ ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇردى.

بۇ 2 سەپەرچى قۇياش سىستېمىسىدىكى چوڭ پىلانېتالارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ بولدى. سەپەرچى-2 سەككىز پلانېتا ئىچىدىكى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغان نېپتۇننىڭ قېشىدىن 1989-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتتى.  ھازىرغىچە ناسا قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرتىغىچە بارغان ئالەم تەكشۈرگۈچىلىرىدىن جەمى تۆتنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇرۇنقى ئىككىسى «پيونۇر 10» ۋە «پيونۇر 11» (Pioneer 10 ، Pioneer 11 ) دەپ ئاتالغان ئىدى. لېكىن، بۇ ئىككى سەپەرچى ئالدىنقى ئىككىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپ، ئىنسانلار ياساپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان نەرسىلەر ئىچىدە ئەڭ يىراققا بارغان نەرسىگە ئايلاندى.

بۇ ئىككى سەپەرچىنىڭ ئۈستىدە بىردىن ئالتۇن تەخسە بار بولۇپ، ئۇنىڭ دىيامەتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ پەتىپۇن تەخسىسىگە ئوخشاپ كەتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەر شارىدىكى ھاياتلىق بىلەن مەدىيەتنىڭ كۆپ خىللىغىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملەردىن 115 پارچە رەسىم، ۋە ھەر خىل ئاۋازلار قاچىلانغان بولۇپ، ئۇنداق قىلىشتىن مەقسەت باشقا پىلانېتالاردىكى ھاياتلىقلار ئۇچراپ قالسا، ئۇلارنى مۇشۇ ئارقىلىق قارشى ئېلىش. قاچىلانغان ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان مەدىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىردىكى مۇزىكىلىرىمۇ قاچىلانغان.  ئۇ ئالتۇن تەخسىنىڭ بىس نۇسخىسى بىزنىڭ ئىدارىدە بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 28 مىللەتنىڭ تىلىدا باشقىلارنى قارشى ئەلىش ئاۋازى قاچىلانغان ئىكەن.  مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىسام، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «سالام» دەگەن ئاۋاز بىلەن «سەلام» دەگەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئىككى سوز چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرچە ئوخشايدۇ، دەپ ناھايىتى خوشال بولۇپ، ئۇ 28 مىللەتنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ چىقتىم. نەتىجە يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ بىرى تۈركچە،يەنە بىرى ئەرەپچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم.  «ئىسىت!» دېدىم ئىچىمدە--«كېلەر قېتىم چوقۇم ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزۈشكە تىرىشمىسام.»

ئامېرىكا گېئو-فىزىكا بىرلىكىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلى «گەئو-فىزىكا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىلى 3-ئايدىكى سانىغا بېسىلغان بىر ئىلمىي ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، سەپەرچى-1 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن.  ئۇ يەرنىڭ بىزنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 17.6 مىليارد كىلومېتىر ئىكەن.  ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ دېيىشىچە، سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى بىر ئۆلچەش ئەسۋابى ئۆلچەۋاتقان رادىئاتسىيىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان.  يەنى غەيرى كائىنات نۇرى (anomalous cosmic rays) بىراقلا ئاجىزلاپ، يۇلتۇزلارنىڭ كائىنات نۇرى (galactic cosmic rays) بىراقلا كۈچىيىپ كەتكەن.  سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى مۇشۇنداق سىگنالنى مىكرو-دولقۇن ئارقىلىق يەر شارىغا قارىتىپ تارتقىدۇ.  يەر شارىدا دىئامېتىرى 30 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان ئۈچ چوڭ مىكرو-دولقۇن ئانتېنناسىدىن تەركىپ تاپقان، يەر شارىدىكى ئوخشىمىغان ئۈچ جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى خەۋەرلىشىش تورى» (Deep Space Networks) بار بولۇپ، ھېلىقىدەك سىگناللارنى ئاشۇ ئۈسكۈنىلەر يىغىۋالىدۇ.  

يۇقىرىدىكى ئىلمىي ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەكۈنگە نىسبەتەن، ناسا مۇ بىر بايانات ئېلان قىلدى.  ئۇ باياناتنامىدا ئېيتىلىشىچە، سەپەرچى-1 بىر يېڭى «ماگنېتلىق تېز سۈرئەتلىك يول» رايونىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئىسپات بولالايدىغان ماگنېت مەيدانى يۆنىلىشىدىكى ئۆزگىرىش ھازىرغىچە تېخى بايقالمىغان.

سەپەرچى-1 نى ناسا ئۈچۈن JPL باشقۇرۇپ بېرىدۇ.  ناسا نىڭ ھازىرقى پىلانىچە، سەپەرچى-1 نىڭ توك مەنبەسى 2020-يىلى ئۈزىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىشى 2025-يىلى توختۇتىلىدۇ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى :
http://www.latimes.com/news/science/sciencenow/la-sci-sn-voyager-edge-solar-system-20130320,0,30837.story

http://voyager.jpl.nasa.gov/mission/index.html

رەسىملەر:
http://www.nasa.gov/images/content/540354main_voyager20110427-full.jpg

http://voyager.jpl.nasa.gov/news/images/goldstone_sm.jpg




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

217

تېما

730

يازما

947

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
730
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41826
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2613 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-3-13
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-21 14:40:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىئامېتىرى 30 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان ئۈچ چوڭ مىكرو-دولقۇن ئانتېنناسىدىن تەركىپ تاپقان، يەر شارىدىكى ئوخشىمىغان ئۈچ جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى خەۋەرلىشىش تورى» (Deep Space Networks) بار بولۇپ، ھېلىقىدەك سىگناللارنى ئاشۇ ئۈسكۈنىلەر يىغىۋالىدۇ.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-21 02:41 PM  


0

تېما

0

يازما

0

جۇغلانما

تەستىقلانمىغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 59036
يازما سانى:
0
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
0 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-7-1
ئاخىرقى:
2015-7-1
ۋاقتى: 2013-6-21 15:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم-پەن تەرەققىياتى بىز گە تىخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىمكانىيەت ئىلىپ كىلىدۇ ،ھەم شۇنىڭدەك ئىلىم -پەن تەرەققىياتى نۇرغۇن بۇزغۇنچىلىقلارنىمۇ ئىلىپ كەلدى،يەنە ئىلىپ كىلىىدۇ.
بولسا ئۇتۇقلار كۆپ،بۇزغۇنچىلىقلار ئاز بولغىيدى.

7

تېما

84

يازما

91

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 41672
يازما سانى:
84
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4559
تۆھپە :
241
باھا :
219
توردا:
3950 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-5-22
ئاخىرقى:
2015-1-10
ۋاقتى: 2013-6-21 15:46:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم-پەن تەرەققىياتى بىز گە تىخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىمكانىيەت ئىلىپ كىلىدۇ

0

تېما

19

يازما

17

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 7561
يازما سانى:
19
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8206
تۆھپە :
394
باھا :
301
توردا:
149 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-8-23
ئاخىرقى:
2013-6-21
ۋاقتى: 2013-6-21 16:13:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتيار تەرجىمە گۇرۇپىسى  تەرجىمە قىلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىمدا   مۇشۇ   ئۇسكۇنىنى  كۆرگەنتىم ،
قانچە نۇر يىلى  يېراقلاپ كەتكەندۇ بىزدىن .

4

تېما

787

يازما

791

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92091
يازما سانى:
787
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3273
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2186 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-22
ئاخىرقى:
2015-11-24
ۋاقتى: 2013-6-21 16:23:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-6-21 02:40 PM
دىئامېتىرى 30 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان ئۈچ چوڭ مىكرو ...


ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم،بىز ئۇيغۇر سىزدەك بىر ئالىمىمىز بولغىنىدىن پەخىرلىنىمىز.


يەر شارى بىلەن قوياش،يەرشارى بىلەن ئايشارى شۇنداقلا يەر شارى بىلەن باشقا پىلانىتلارنىڭ ئارسىدىكى ئارلىقتا ئۆزگۈرۈش بولۋاتامدۇ؟ياكى ئارلىقى مۇقۇم تۇرۋاتامدۇ؟ خاپا بولماي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز؟قىممەتلىك ۋاىتىڭىزنى سەرىپ قىلغىنىڭىزغا رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-21 04:24 PM  


يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

0

تېما

674

يازما

674

جۇغلانما

تەستىقلانمىغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 5425
يازما سانى:
674
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
14
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
388 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-16
ئاخىرقى:
2016-2-1
ۋاقتى: 2013-6-21 16:32:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تىخى يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ....
  ھەي ،ھامان بىركۇنى ئوڭشۇلۇپ كىتىمىز ...

توغرا يول ھەمىشە

51

تېما

831

يازما

882

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 23323
يازما سانى:
831
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
14005
تۆھپە :
570
باھا :
472
توردا:
331 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-12-22
ئاخىرقى:
2016-2-8
ۋاقتى: 2013-6-21 16:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سەپەرچى-1 بىر يېڭى «ماگنېتلىق تېز سۈرئەتلىك يول» رايونىغا كىرگەن بولۇپ،»  ---؟
ئۇنداقتا سەپەرچى -1نىڭ قۇياش سېستىمىسىدىكى لىنىيىەسىدە يۈرىۋاتقان چاغدىكى يولىدىكى «ماگىنىتلىق يول »ئالاھىدىلىكى قانداق ئىدى ؟
قۇياش سېستىمىسىدىن چىقىپ كىتىۋاتقاندىكى يېڭى يولىدىكى دىيىلىۋاتقان  يېڭى «ماگنېتلىق تېز سۈرئەتلىك يول» نىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق ؟ ئىككى لىنىيە قانداق پەرقلەندۈرۈلدى ؟
«سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى بىر ئۆلچەش ئەسۋابى ئۆلچەۋاتقان رادىئاتسىيىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان.  يەنى غەيرى كائىنات نۇرى (anomalous cosmic rays) بىراقلا ئاجىزلاپ، يۇلتۇزلارنىڭ كائىنات نۇرى (galactic cosmic rays) بىراقلا كۈچىيىپ كەتكەن. » مۇشۇ ئارقىلىق يول لىنىيىسى ئالماشقانلىقى پەرقلەندۈرۈلدىمۇ ؟
بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىلىمخۇمار ئەپەندىدىن سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ :
يەر شارى ۋە ئەتىراپتىكى قۇياش سېستىمىسىدىكى بارىلىق پىلانىتلارنىڭ 1980-يىلىدىكى ئالەمدىكى ئورنى بىلەن 2010-يىللاردىكى ئورنى ئوخشامدۇ ياكى سىتىفىن خاۋكىڭنىڭ كىتاۋىدا دىيىلگەندەك ، مەلۇم كىرىتىك نوقتىغا كېڭىيىۋاتقان ئالەم بوشلىقىنىڭ كېڭىيىشى ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە ئالەم ئۆز ئىچىگە ئالغان سەييارىلەرنىڭ ئورنىدىمۇ مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بۇلامدۇ ؟
بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ جاۋابىغا تەشنامەن ....

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ياخشىغا كۈن يوق

24

تېما

1370

يازما

1394

جۇغلانما

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 72402
يازما سانى:
1370
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10990
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
3655 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-2
ئاخىرقى:
2016-3-7
ۋاقتى: 2013-6-21 17:18:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نىڭ خەۋەرىنى مەن نەچچە يىل بۇرۇن چالا پۇلا ئاڭلىغان ، باشقا پىلانتىدىكىلەر رەسىملەرنى ۋە سۆزلەرنى كۆرۈپ چۈشىنەمۇ؟

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

75

تېما

2024

يازما

2099

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92141
يازما سانى:
2024
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2794
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
3888 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-23
ئاخىرقى:
2016-3-10
ۋاقتى: 2013-6-21 17:36:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-6-21 02:40 PM
دىئامېتىرى 30 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان ئۈچ چوڭ مىكرو ...

بۇ خىل قازاننى مىتاللاردىن قايسىسىدا ياسىسا ئۈنۈمى ياخشى بۇلار ئەپەندىم؟ بىز ئاسمانغا قارىتىپ قالايماقان سىگنال قۇيۇپ بەرسەك ناسا نىڭ ئۇچقۇلېرى تەسىرگە ئۇچرامدۇ؟

ھارۋا چاقىنى قايتىدىن كەشىپ قىلما...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-13 07:08 PM, Processed in 0.127934 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش