مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7944|ئىنكاس: 51

NASA: كائىناتتىكى ئادەتتىكى ماددا %4، قاراڭغۇ ماددا% 22، قاراڭغۇ ئېنېرگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

730

يازما

947

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
730
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41826
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2613 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-3-13
NASA: كائىناتتىكى ئادەتتىكى ماددا %4، قاراڭغۇ ماددا% 22، قاراڭغۇ ئېنېرگىيە % 74

بىلىمخۇمار

ناسا 2012-يىلى 13-ئىيۇندا ئىنگلىزچە « Nuclear Spectroscopic Telescope Array» دەپ ئاتىلىدىغان، قىسقارتىلىپ «NuSTAR» دەپ يېزىلىدىغان بىر ئالەم تېلېسكوپىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنى كەلىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىغا قارايدىغان ناسا مەركىزى JPL باشقۇرىدۇ. بۇ تېلېسكوپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈنۈگۈن، يەنى 2013-يىلى 11-ئىيۇن كۈنى، JPL دىكى ئاشۇ تېلېسكوپنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دوكتۇر دەنىيېل ستېرن (Daniel Stern) بىر ئىلمىي دوكلات بەردى.  دوكلاتتا ئۇ ناسا «NuSTAR» نى ئىشلىتىپ قولغا كەلتۈرگەن بىر يىللىق نەتىجىلەرنى خۇلاسىلاپ ئۆتتى.  يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئېكس-نۇرى كائىناتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھادىسىلەرنى كۈزىتىشتە ئالاھىدە رول ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ تېلېسكوپ ئاشۇنداق ئېكس-نۇرىنى ئۆلچەش ئارقىلىق كائىناتنى تەكشۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ قۇياشنىڭ يۈزىدىكى يالقۇنلۇق پارتىلاشلار، ۋە نيۇترون يۇلتۇز ۋە قارا ئۆڭكۈر ئەتىراپىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋاللارنى كۈزىتېلېيدۇ.  

دەنىيېل مۇنداق 3 نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

(1)ھەر بىر گالاكسىنىڭ مەركىزىدە بىزنىڭ قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن نەچچە ئون ۋە نەچچە يۈز مىليون ھەسسە چوڭلۇقتىكى غايەت چوڭ قارا ئۆڭكۈردىن بىرسى بار. ھەر بىر گالاكسىنىڭ مەركىزىدىكى ئاشۇنداق چوڭ تىپتىكى قارا ئۆڭكۈردىن باشقا، ھەر بىر گالاكسىدە يەنە كۆپلىگەن كىچىك تىپتىكى قارا ئۆڭكۈرلەر بار.

(2) «NuSTAR» تېلېسكوپ ئاشۇنداق چوڭ تىپتىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتىراپىدا يۇلتۇزلار ئوخشىمىغان يۆنىلىش ۋە ئوخشىمىغان ئوربىتىلاردا قالايمىقان ئۇچۇپ يۈرۈيدىغانلىقىنى بايقىدى.  

(3) كائىناتنىڭ تەكىۋىي قىسمى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مۆلچەر مۇنداق: ئادەتتىكى ماددىلار كائىناتنىڭ 4 پىرسەنتىنى، قاراڭغۇ ماددىلار كائىناتنىڭ 22 پىرسەنتىنى، قارا ئېنېرگىيە بولسا كائىناتنىڭ 74 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.

تۆۋەندە مەن يۇقىرىقى ئۈچ نەرسە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي:

1.ئادەتتىكى ماددا: كائىناتتىكى، جۈملىدىن يەر شارىدىكى بارلىق جىسىملارنى تەشكىل قىلغۇچى فىزىكىلىق ماتېرىياللار ئادەتتىكى ماددىلار ھېسابلىنىدۇ.

2. قاراڭغۇ ماددا: ھازىر ئىنسانلار قاراڭغۇ ماددىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ نېمە ئەمەسلىكىنى ياخشىراق بىلىدۇ.  كائىناتتا يىراقتىكى يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇرلارنىڭ يولىنى ئەگرى سىزىققا ئوخشاش ئېگىپ قويىدىغان، يەنى تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغان، ئەمما تېلېسكوپلارغا كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، ھازىر ئاشۇنداق ماددا «قاراڭغۇ ماددا» دەپ ئاتىلىدۇ.  ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر يەكۈنلەپ چىققان خۇلاسىغا ئاساسلانغاندا، ئاشۇنداق قاراڭغۇ ماددا كائىناتتىكى ماددىلارنىڭ 22 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.  (1) بۇ ماددا قاراڭغۇ بولۇپ، يۇلتۇز ۋە پلانېتىلارغا ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.  (2) ئۇ ئادەتتىكى ماددىدىن تەشكىل تاپقان قاراڭغۇ بۇلۇت ئەمەس. ئادەتتىكى ماددا «باريون» (baryons) دەپ ئاتىلىدىغان زەررىچىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. (3) ئۇ «قارشى-ماددا» (antimatter) مۇ ئەمەس.  قارشى-ماددا ئادەتتىكى ماددا بىلەن يۇغۇرۇلغاندا گاما-نۇرى چىقىرىدۇ. لېكىن قاراڭغۇ ماددا ئۇنداق قىلمايدۇ.  (4) قاراڭغۇ ماددا ناھايتى چوڭ گالاكسى بىلەن ئوخشاش ھەجىمدىكى قارا ئۆڭكۈر ئەمەس.  قاراڭغۇ ماددىنىڭ تارتىش كۈچى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرنىڭ يولىنى ئېگىۋېتىش ھادىسىسى (gravitational lensing) نىڭ ئۇنچىۋالا ئومومىيلاشقان ھادىسە ئەمەسلىكى قاراڭغۇ ماددىنىڭ چوڭ ھەجىمدىكى قارا ئۆڭكۈر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. قاراڭغۇ ئېنېرگىيە: مەن ئالدىنقى بىر يازمامدا، كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. ئاشۇنداق كېڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان نەرسە قاراڭغۇ ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت.  بۇ ئېنېرگىيىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئىنسانلارغا ھازىرچە تېخى ئايدىڭ ئەمەس.  بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز پەقەتلام كائىناتنىڭ توختىماي كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولىۋاتقىنى ئاشۇ قاراڭغۇ ئېنېرگىيە بولۇپ، ئۇ كائىناتنىڭ 74 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.  كائىناتتىكى بوشلۇقلارنىڭ ئىچىنىڭ قۇرۇق ئەمەسلىكىنى تۇنجى قەتىم تونۇپ يەتكەن كىشى ئەينىشتېيىندىن ئىبارەت.  ھازىر نۇرغۇن ئورۇنلار قاراڭغۇ ئېنېرگىيىنى ئېنىقلاپ چىقىش يولىدا توختىماي تىرىشىۋاتىدۇ. ئاشۇ مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىمۇ كۆپلەپ ياسىلىۋاتىدۇ.

پايدىلىنىش ماتەرىيالى:
«Dark EnErgy, Dark Matter»
http://science.nasa.gov/astrophysics/focus-areas/what-is-dark-energy/



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +300 يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2

تېما

391

يازما

393

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 93933
يازما سانى:
391
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1615
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
54 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-26
ئاخىرقى:
2013-6-19
ۋاقتى: 2013-6-13 12:31:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىقىندىن بۇيان  ‹ ناسا › دىگەن سۆز باش ئاتالغۇ بولۇپ تىما يوللىندىغان بولۇپ قالدى .
بۇ ‹ ناسا › دىگەن ئامرىكىنىڭ ‹ ناساسى › شۇمۇ يا ؟
بىلمىخۇمار ئەپەندىم بۈگۈن توردا بار ئوخشايدۇ ، پىكىر ئالماشتۇرغۇسى بار تورداشلار ئىنكاس ئارقىلىق گېپىڭلار بولسا قىلىڭلار .

217

تېما

730

يازما

947

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
730
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41826
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2613 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-3-13
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-13 12:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
talpak يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 12:31 PM
يىقىندىن بۇيان  ‹ ناسا › دىگەن سۆز باش ئاتالغۇ بولۇپ تى ...

شۇنداق. ئاشۇ يازمىلارنىڭ تېمىسىغا قويۇلغان «ناسا» دېگەن سۆز ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلغان ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

180

تېما

5457

يازما

5637

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5457
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20090
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7528 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-3-13
ۋاقتى: 2013-6-13 13:52:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۆر،بۇ شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈنمۇ موھىم تېما.

bilimxumarئەپەندىم نۇۋەتتە قاراڭغۇ ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالەمدىكى بارلىق ماددىلارنىڭ ماسسىسى قانچىلىك دەپ پەرەز قىلىنىدۇ؟،قاراڭغۇ ئىنىرگىيەنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئالەمدىكى بارلىق ئىنىرگىيەنىڭ مىقدارى قانچىلىك دەپ پەرەز قىلىنىدۇ؟.بۆ ھەقتىكى نوپۇزلۇق قاراشلار قايسى؟.
_____________________
تورداشلار،ئۆزىڭىز فىزىكىچى بولمىسىڭىزمۇ جەزمەن سىزنىڭ فىزىكىچى دوسىتلىرىڭىز،تونۇشلىرىڭىز بولىدۇ.شۇلارغا بۇ تېمىنى تەشەببۇس قىلىپ قويسىڭىز،ئۇلار مۇھاكىمىگە قاتناشسا ،قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا ،بۇمۇ چوڭ ياردەم ھېساپلىنىدۇ.مانا تېما ئادرىسى:

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107141-1-1.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 01:55 PM  


2

تېما

1505

يازما

1507

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95726
يازما سانى:
1505
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6061
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1029 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-6-4
ئاخىرقى:
2016-2-11
ۋاقتى: 2013-6-13 14:05:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.تېخىمۇ كۆپ خەۋەردار بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

2

تېما

1505

يازما

1507

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95726
يازما سانى:
1505
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6061
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1029 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-6-4
ئاخىرقى:
2016-2-11
ۋاقتى: 2013-6-13 14:05:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرارلىنىپ كىتىپتىكەن.مۇشۇنداق تەھرىرلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم.كەچۈرۈڭلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 02:08 PM  


2

تېما

391

يازما

393

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 93933
يازما سانى:
391
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1615
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
54 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-26
ئاخىرقى:
2013-6-19
ۋاقتى: 2013-6-13 14:16:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 12:51 PM
شۇنداق. ئاشۇ يازمىلارنىڭ تېمىسىغا قويۇلغان «ناسا» دې ...

بىلىمخۇمار ئاكا ، سىز ئاشۇ ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدە ئىشلەمسىز ؟
خاپا بولماي ئۆزىڭىزنىڭ ئازراق تەرجىمىھالى بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرگەن بولسىڭىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتۇق .
ۋاختىڭىزنى قىسلىقىنى بىلىمىز ، ئەمما بىز سىزنىڭ بىزگە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

226

تېما

3183

يازما

3409

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82909
يازما سانى:
3183
نادىر تېما :
5
مۇنبەر پۇلى :
4317
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2769 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-24
ئاخىرقى:
2016-3-9
ۋاقتى: 2013-6-13 14:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
talpak يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 06:16 PM
بىلىمخۇمار ئاكا ، سىز ئاشۇ ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدە ئ ...




    ئامېرىكىنىڭ ئىنگلىزچە ”Nasa“دەپ ئاتىلىدىغان ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تارمىقىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ئادەمدىن 5000 كىشى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 دەك تېخنىكىلىق خادىمىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار، ئىنگلىزچە ئىسمى ”Jet Propulsion Laboratory“ بولۇپ، قىسقارتىلىپ ”JPL“ دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا تونۇلغان بىر تەتقىقات مەركىزى بار. بۇ ئىدارىنى 1930- يىللىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ ـــــ كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى قۇرغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن JPL ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى سۈنئىي ھەمراسىنى ياساپ چىقتى. تۇنجى قېتىملىق ئالەم ئۇچقۇرىنى ئايغا چىقاردى. ھەمدە قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتانىڭ ھەممىسىگە ئالەم ئۇچقۇرى ئەۋەتتى. ئاشۇ ئىدارىدە ھازىر بىر ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ مۇشۇ ئىدارىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان بىردىن – بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەركىن سىدىق. ئەركىن سىدىق 1950- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى جۇڭگودا باشلانغان ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ نىڭ قالايمىقانچىلىقى ھەممە يەرنى قاپلىغان مەزگىللەردە ئاقسۇدا تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئاچارچىلىق بېسىپ كەتكەن مەزگىلدە قورسىقى تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي ئۆتكۈزگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى ”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“ نىڭ قالايمىقانچىلىقى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاقسۇ شەھەرلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان (بۇ مەكتەپ ھازىر خەنزۇ مەكتەپ قىلىۋېتىلگەن ‏ـــــ مۇھەررىردىن). ئوتتۇرا مەكتەپنى ”دېڭ شياۋپىڭنى كۈرەش قىلىپ، ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش“ ھەرىكەتلىرى بولۇۋاتقان دەۋردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. نۇرغۇن ۋاقىتلىرى سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ۋە يېزا ئىگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، يېزا – زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى (ھازىر ئونسۇ ناھىيىسى دېيىلىدۇ ـــــ مۇھەررىردىن) بىر يېزىغا ”قايتا تەربىيە“ ئېلىش ئۈچۈن بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل دېھقان بولۇپ ئىشلىگەن. دەل شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھان ئارقىلىق تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق 1977- يىلى 12- ئايدا تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئېلىنغان ئىمتىھاندا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 2- بولغان. ھەمدە 1978- يىلى 2- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادىئو – ئېلېكترونىكا كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1- يىلىدىكى پەقەت خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىدىغان ”تەييارلىق باسقۇچى“ نى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئەركىن سىدىق بىر تەرەپتىن باشقا ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش كەسپىي دەرسلەرنى ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن چەت ئەل تىلىنى ئۆگەنگەن. ھەمدە ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلمەيتتى ــــ مۇھەررىردىن) نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون (ئۇ ئا ر) لۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندىن سىرت، دەسلەپكى 2 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ تۈگەتكەن. ئاخىرقى 2 يىل ياپون تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق گرامماتىكىلىرىنىمۇ تاماملىغان. شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپتىكى 5 يىللىق ھاياتى جەريانىدا، ئەركىن سىدىق خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلىدىن ئىبارەت 3 تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قېلىنغان. 1983- يىلى ئەركىن سىدىق شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل ئېلېكترو – ماگنېتىكىسى ۋە مىكرو – دولقۇن تېخنىكىسى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1985- يىلى 9- ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ياپونىيىدە ئوقۇشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن تاللىغان ياش ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىگە ئەركىن سىدىق 1- بولۇپ تاللىنىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. ھەمدە ئۇ يەردە 1988- يىلى 4- ئايغىچە ئىككى يېرىم يىل بىلىم ئاشۇرغان. 1991- يىلى چىققان ”ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى“ نىڭ بىر سانىدا ئەركىن سىدىقنىڭ ئىش – ئىزلىرى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن: “ ئەركىن سىدىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 77- يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ئۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا خەنزۇ تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن ئاقسۇدا شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى (ئۇيغۇرچە قوبۇل قىلىش نومۇر ئۆلچىمىدە) نەتىجە بىلەن ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. رادىئو – ئېلېكترونىكىسى كەسپىدە ئوقۇغان. ئۆگىنىش جەريانىدا جاپاغا چىداپ، ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئەلا ئوقۇغانلىقتىن، مەملىكەت بويىچە ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى بولۇپ باھالانغان. مەكتەپتە ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن، ياپون تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، ئىمتىھان بېرىپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا بارغان. تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 72 دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن. ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئىككى يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ياپون، ئىنگلىز تىللىرىدا 19 پارچە دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى ئېلان قىلدى. بەزى دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرى ئامېرىكىدىكى دۇنيانىڭ ئالىي قاتلىمىغا مەنسۇپ ئىلمىي ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىندى. …“
(1991-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بېسىپ تارقاتقان « دەۋر ئىلھاملىرى » دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى، بەزى سۆزلۈكلەر تۈزىتىلدى.)
ئەركىن سىدىق 1988- يىلى كۈزدە ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدىكى ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 90- يىللاردا، ئەركىن سىدىقنىڭ يۇقىرىدا خۇلاسىلەپ تىلغا ئېلىنغان نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەركىن سىدىقتىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ھەمدە بۇ پائالىيەتنى ”ئەركىن سىدىق ھادىسىسى“ دەپ ئاتىغان. بۇ يەردىكى ”ھادىسە“ بىر ئۇيغۇرنىڭ تەبىئىي – پەن ساھەسىدە خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا تۇنجى بولۇپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانلىقى، ھەمدە قىسقىغىچە 2 يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولغان ياپونلۇقلارنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىك ھادىسىسىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ”ئەركىن سىدىق ھادىسىسى“ پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قورۇسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن. 1991- يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى داڭلىق شائىر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئەركىن سىدىقنى مەدھىيىلەپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغانىدى:
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدى پەرۋاز
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەي! ئەركىن سىدىق،
بەستىڭدە چۆل، بوستان ھارارىتى بار.
تېنىڭدە ئاقسۇنىڭ گۈل-گىياھلىرى،
ۋە تارىم توپىسىنىڭ خۇش بۇي ھىدى بار.
ئۇچتۇڭسەن، ھالقىدىڭ تەڭرىتاغدىن ھەم،
ئىگىلىك كۈچەيگەن بىر ئەلگە باردىڭ،
تىنچ ئوكيان ئۈستىدىن سەن ئۆتۈپ شۇدەم.
سەن كىچىك بالىلىق چاغلىرىڭدىلا،
كۆرگەنسەن شېرىن ۋە گۈزەل چۈش بەلكى.
شۇ چۈشلەر ئەمەستى ئاساسسىز خىيال،
ئەمەستى گىرىمسەن قاقاس چۆلدىكى.
ئۇ ئىدى مۇستەھكەم ئاساس ئۈستىگە،
قۇرۇلغان ئىشەنچ، كۈچ، ئەجىر-ئەقىدە.
مۇقامنىڭ كۈيىدىن ياڭرىغان بەلەن،
ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» پەلسەپىسىدىن،
قەمبەرخان ئوينىغان ئۇسسۇلدىن لېۋەن،
ئويلاندىڭ قايتىلاپ، ھايات ھەققىدە،
ھېس قىلدىڭ نىمىمىز كەملىكىنى سەن.
غىچىرلاپ ماڭىدۇ ئېشەك ھارۋىسى،
بېسىلغان كەبى كۆپ ئەسىرلەر يۈكى،
يۈرىكىڭنى ئېزىپ ئۆتتى ئىز سېلىپ.
ئېلىپنى تاياقتىن ئايرىيالمىغان،
بالىلار كۆزىنىڭ خىرە نۇرلىرى،
ئاغرىتتى قەلبىڭنى گويا سانجىلىپ.
مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىك تالانتلىرىنىڭ،
ھېس قىلدىڭ مىللىتىمىزدە كەملىكىنى سەن،
ئۇلارسىز خام-خىيال بىرەر مىللەتنىڭ،
گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشى جەزمەن.
بايقىدىڭ ۋە تاللاپ ئالدىڭ نىشاننى،
شۇ ياققا ماڭدىڭ چىڭ قەدەملەر تاشلاپ.
تۈنلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىڭنى،
تەسەۋۋۇر قىلىمەن سېنىڭ قانچىلاپ.
قانچىلاپ سۈبھى كۆز ئاچاي دېگەندە،
ياتقاندا تارىم جىم غەپلەتتە ئۇخلاپ،
خورازلار بىلەن تەڭ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ،
كىتابلار ئوقۇدۇڭ ئۇيقۇنى قوغلاپ.
مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ چېگرىسى يوقتۇر،
بىلىمدە-ئىرپاندا ئەزەلدىن ئەبەد.
بىلىمنىڭ دېڭىزىدا ئۈزدۈڭ توختىماي،
ئىنسانلار مەدەنىيىتى جەۋھەرلىرىنى،
سۈمۈردۈڭ قانماس زور ھەۋەستە پەقەت.
ئەمگىكىڭ، ئەقلىڭدە ئاچتىڭ ئاخىرىــ
ئىشىكىن سەن ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ،
بار ئىزلار مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىدە،
بېسىلغان تەپتىدە ئىشق ئوتۇڭنىڭ.
يېڭى بىر مۇھىتتا ئۆگەندىڭ شۇنداق،
يۈكسەلدى ئوبرازىڭ ھارماس ئىخلاسمەن.
ئارزۇيۇڭ، ئىستىكىڭ، خىيالى چۈشۈڭ،
ئاقىۋەت ئەمەلگە ئاشتىغۇ ئەينەن.
ھالقىدىڭ شىنجاڭدىن، جۇڭگودىنمۇ سەن،
ماقالەڭ يورۇققا چىقتى دۇنيانىڭ ـــ
ئەڭ ئالىي قاتلىمىنىڭ ژۇرنىلىدا ھەم.
مەغرۇرلۇق ھېس قىلار خەلقىڭ، ئىپتىخار-
ھېس قىلار يۇرتداش ياش دوستلىرىڭ ھەردەم.
سەن ئۇلار قەلبىدە ئۈلگە، نەمۇنە،
سەن ئۇلار قەلبىدە چوڭ ئوبراز جەزمەن.
نەزەرىڭ ھالقىسى پۈتۈن دۇنيادۇر،
قەلبىڭگە ئورنىغان ئۇلۇغۋار ۋەتەن.
تەۋرەنمەس ئىشەنچىڭ، سۇنماس غەيرىتىڭ،
ئىزدىنىش، ئىلگىرىلەش دىلىڭغا ھەمدەم.
چەت ئەللىك ئادەملەر بىلەن بەسلىشىش،
مىللەتنىڭ گۈللىنىشنى كۆزلەشتەك روھىڭ،
قەلبىمىز قېتىغا ئورنىدى مەھكەم.
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدىڭ پەرۋاز،
جۆر بولۇپ تەمبۇرغا، ياڭراق مۇقامغا.
پامىرنىڭ ھەيۋەتلىك مۇزلۇق چوققىسى،
تەڭرىتاغ تىزمىسى قالدى ئارقاڭدا.
نەزەرىڭ ئاستىدا ئاقىدۇ تارىم،
ئەبەدىي توختىماي دولقۇنلار ئۇرۇپ.
قايناملار ياسالغان شىددەتلىك ئېقىم،
غايەت زور ئادەمدەك تىنار تولغىنىپ.
چاقىرار ئىلغارلىق ۋە مەرىپەتنى،
كۆتۈرۈپ توختىماس شاۋقۇن چۇقاننى.
چاقىرار ئىلىم-پەن مەدەنىيەتنى،
چاقىرار قابىللار تولغان زاماننى.
تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئەيلىدىڭ پەرۋاز،
بىللە ئېپ ئۇچۇپسەن مىليون قەلبنى،
ھەر مىللەت تىلىگەن تىلەك-ئارماننى.
ئەركىن سىدىق ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىغا ئاساسەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۆۋەندىكى بىر فورمۇلىسىنى خۇلاسىلەپ چىققان ئىدى:
مۇۋەپپەقىيەت = تالانت + تىرىشچانلىق + پۇرسەت
ئەركىن سىدىقنىڭ ھاياتى يۇقىرىقى فورمۇلانىڭ ئىسپاتى بىلەن لىق توشقان. بۇ فورمۇلادىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى كۆيۈمچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاساسىغا قۇرۇلغان پولاتتەك ئىرادە، ھېچ قانداق جاپا – مۇشەققەتكە باش ئەگمەيدىغان غەيرەت – شىجائەت، توختىماي بىلىم ئۆگىنىدىغان، ئۆزىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىزچىل ئىپادىسى بىلەن، ئەركىن سىدىق پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە يەنە بىر نەرسىنى ئىسپاتلىدى: باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ.
ئەركىن سىدىق بۇ بىر پاكىتنى ھازىرمۇ داۋاملىق ئىسپاتلىماقتا. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان كەسپى تەبىئىي – پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى ئەڭ قىيىن كەسىپلەرنىڭ بىرسى تۇرۇپمۇ، ئۇ ھازىرغىچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ۋە ژۇرناللىرىدا 60 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇ ھازىر NASA – JPL دە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلار توغرىسىدا ئىدارە سىرتىدا سۆزلەشكە، ياكى ئۇ توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، دۇنياۋى تېخنىكا ساھەسىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنىڭ پەقەت 20 پىرسەنتىدە ئېلىپ بارغان ئىلمىي تەتقىقاتى بويىچە، 2006- يىلى بىر يىل ئىچىدىلا، خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلىدا ئۇ جەمئىي 3 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. NASA نىڭ ”ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى پروگراممىسى“ (ئىنگلىزچە ”Origins Program“) دەپ ئاتىلىدىغان بىر پروگراممىسى بار بولۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ نىشانى تۆۋەندىكى 3 سوئالغا جاۋاب تېپىش ئىكەن:
1. بىز (ئىنسانلار) نەدىن كەلدۇق؟
2. بىز كائىناتتا يالغۇزمۇ؟
3. بىز نەگە بارىمىز؟
ئەركىن سىدىق ھېلىقى 3 ئىلمىي ماقالىسىنى يازغان تەتقىقات يۇقىرىقى 2- سوئالغا جاۋاب تېپىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، يېقىندا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2013- يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان ”James Webb ئالەم تېلېسكوپى“ نىڭ تەتقىقاتىغىمۇ قاتنىشىشقا باشلىغان.
ئەركىن سىدىق بىر كەمبەغەل، ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق تۇرمۇشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ باققان. مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ يېزىدا كالىغا مىنىۋېلىپ خامان تەپكەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە يېزىدا ئېشەك ۋە كالا ھارۋىسى ھەيدەپ، ئېتىزلىققا ئوغۇت توشىغان. كالا سۆرەيدىغان قوشنى ھەيدەپ يەر ئاغدۇرغان. كالا سۆرەيدىغان سۆرەمدە يەرگە سۆرەم سالغان. بۇغداي، قوناق، ۋە كۆكتات تېرىغان. كالىغا سۆرىتىپ، قىچا ۋە زىغىرلاردىن ماي چىقىرىدىغان جۇۋازدا ماي تارتقان. كېچىچە تۈگمەندە ئۇخلاپ، تۈگمەندە ئۇن تارتقان. قوناق يىلتىزىغا توپا يۆلىگەن. شاللىقتا مايسا تىككەن ۋە شاللىقتا ئوت ئوتىغان. ئورغاقتا بۇغداي، شال ۋە قوناق ئورىغان ۋە باشقىلار. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ، پۈتۈن كائىناتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-13 06:41 PM  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +388 يىغىش سەۋەبى
uygur521 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
urkesh + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
talpak + 99 كۆپ رەھمەت
فىزىك + 100 ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر
happy123 + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

باھا خاتىرىسى

مىكرو بىلوگ دەمدۇق بۇنى،  

مەن ھامان پارتىلايمەن!

226

تېما

3183

يازما

3409

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82909
يازما سانى:
3183
نادىر تېما :
5
مۇنبەر پۇلى :
4317
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2769 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-24
ئاخىرقى:
2016-3-9
ۋاقتى: 2013-6-13 14:52:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 05:52 PM
تەشەككۆر،بۇ شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈنمۇ موھىم تېما.

bilimxumar ...

سىز قاسىم سىدىق ئاكا شۇما ؟

مىكرو بىلوگ دەمدۇق بۇنى،  

مىسكىن ئاي

5

تېما

566

يازما

571

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 85981
يازما سانى:
566
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2229
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
334 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-12
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2013-6-13 14:54:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈر خەنزۇچە « 黑洞“ دەپ ئاتىلىدىغان  يەرشارى بوشلۇقىدىكى  بىرقىسىم ماددىلارنى  ھەتتا نۇر تېزىلىكىدە كېتىۋاتقان  نەرسىلەرنىمۇ ئۆزىگە سۈمۈرۈۋالىدىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈر شۇمۇ؟؟   ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇتقۇچىمىز  ئاز-تلا سۆزلەپ بەرگەن ئىدى...   شۇ چاغدا يەنە مالىم»   دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە  يەر شارىدا  يەنە بىر  ئاق ئۆڭكۈر بولۇپ،  قارا ئۆڭكۈر  دەم تارتىۋالغان نەرسىلەرنى  نەچچە يىللاردىن كېيىن سىرتقا چىقىرىپ تاشلايدىكەن، ئەلۋەتتە بۇ بىر پەررەزي نۇقتىنەزەر،  بۇنىڭ  راس يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئىسپاتلانمىدى» دىەەن ئىدى،   ئۇنداقتا  قارا ئۆڭكۈرگە ماس ھالدا  ئۇنىڭ ئەكسى ئاق ئۆڭكۈرمۇ  راستىنلا مەۋجۇدمۇ؟؟


كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-13 08:29 PM, Processed in 0.139640 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش