happy123 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 02:58 PM 
تېمىدىكى كائىناتنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان قار ...
قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرەي "
بەزى يۇلتۇزلار ئۆزىدىكى يادرو ئېنىرگىيىسىنى سەرپ قىلىپ تۈگەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ سىرتقا قاراتقان بېسىمىنى ساقلاپ قېلىشىغا ئىمكانىيەت بولماي ، يۇلتۇز ئۆزىدىكى تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن تارىيىشقا باشلايدۇ . يۇلتۇزنىڭ تارىيىشىغا ئەگىشىپ ، سىرتقى يۈزىدىكى تارتىش كۈچى مەيدانى بارغان سېرى كۈچىيىپ بارىدۇ . كەڭ مەنىدىكى نىسپىيىلىك نەزەرىيىسىگەئاساسەن ، ۋاقىت بىلەن بوشلۇق بىرلىكتە ۋاقىت بوشلۇق دەپ دەپ ئاتىلىدىغان تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇقنى ھاسىل قىلىدۇ . بۇ بوشلۇق تۈز بولمايدۇ ، بەلكى ئۆزىدىكى ماددا ۋە ئېنىرگىيە تەرىپىدىن غەيرىي شەكىلگە كەلتۈرۈپ قويىلىدۇ ياكى ئىگىۋېتىلىدۇ . بىزگە يېتىپ كەلگەن نۇر ياكى رادىئو دولقۇنى قۇياش ئەتراپىدا ئېگىلگەندە ، بۇ خىل ئەگرىلىكنى كۆزىتىشكە بولىدۇ . نۇر قۇياشقا يېقىن ئۆتكەن ئەھۋالدا ، بۇنداق ئىگىلىش ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ . بىراق ناۋادا قۇياش تارىيىپ بىرقانچە ئون كىلومېتىر كۆلەمگە كېلىپ قالسا ، بۇنداق ئىگىلىش يامانلىشىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى قۇياش يۈزىدىن چىققان نۇرمۇ قېچىپ كىتەلمەي ، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدىن قايتۇرىلىدۇ .
قۇياشنىڭ ھازىرقىدەك كۆلەمدە تۇرىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئىسسىق ھالەتتە تۇرغانلىقىدا . ئۇ ھېدروگىننى كۆيدۈرۈپ گېلىيغا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ، بۇ جەھەتتىن خۇددى تىزگىن ئاستىدىكى بىر ۋودروت بومبىسىغا ئوخشايدۇ . بۇ جەرياندا قويۇپ بېرىلگەن ئىسسىقلىق بېسىم پەيدا قىلىدۇ ، بۇنداق بېسىم قۇياشنى ئۆزىدىكى تارتىش كۈچىنىڭ تارتىشىغا قارشى تۇرغۇزىدۇ ، دەل مۇشۇ تارتىش كۈچى قۇياشنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىۋېتەلەيدۇ ! . ئەمما ، قۇياش ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىدىكى يىقىلغۇسىنى سەرىپ قىلىپ تۈگىتىدۇ . بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ ، دىگەندىمۇ يەنە تەخمىنەن بەش مىليارد يىلدىن كىيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن ، شۇڭا باشقا يۇلتۇزلارغا بارىمەن دەپ ئالدىراپ كېتىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق
.gif)
. لېكىن ماسسىسى قۇياشتىن تېخىمۇ چوڭ بولغان يۇلتۇز ئۆزىدىكى يىقىلغۇنى تېخىمۇ تېز خورىتىپ تۈگىتىدۇ . يىقىلغۇ خوراپ تۈگىگەندىن كىيىن ، ئىسسىقلىقنى يوقىتىشقا ھەم تارىيىشقا باشلايدۇ . ناۋادا ئۇلارنىڭ ماسسىسى تەخمىنەن قۇياش ماسسىسىدىن ئىككى ھەسسە كىچىك بولسا ، ئاخىرى تارىيىشتىن توختايدۇ ھەمدە بىر خىل مۇقۇم ھالەتكە يۈزلىنىدۇ . بۇنداق ھالەتلەرنىڭ بىرى ئاق پەتەك يۇلتۇز دىيىلىدۇ . ئۇلارنىڭ رادىئوسى تەخمىنەن نەچچە مىڭ كىلومېتىر ، ھەمدە ئۇلار ھەر كۇب دىيومدا نەچچە 100 توننىلىق زىچلىققا ئىگە بولىدۇ . بۇنداق ھالەتنىڭ يەنە بىر خىلى نېيتىرون يۇلتۇز بولۇپ ، ئۇلارنىڭ رادىئوسى تەخمىنەن 20 كىلومېتىرچە كېلىدۇ ، ھەمدە ئۇلار ھەر كۇب دىيومدا نەچچە مىليون توننىلىق زىچلىققا ئىگە بولىدۇ .
فىزىكىلىق قانۇنلار ۋاقىتقا سىممېترىك . ناۋادا بىر نەرسە چۈشۈپ كەتسە قېچىپ چىقىلمايدىغان قارا ئۆڭكۈر دەپ ئاتىلىدىغان جىسىم بولسا ، بىر نەرسە چۈشۈپ كەتمەي قېچىپ چىقالايدىغان باشقا جىسىممۇ بولىشى كېرەك . كىشىلەر بۇ جىسىمنى ئاق ئۆڭكۈر دەپ ئاتىسا بولىدۇ . كىشىلەر بىر ئادەم مەلۇم بىر جايدىن بىر قارا ئۆڭكۈرگە سەكرەپ چۈشۈپ ، يەنە بىر ئاق ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىقالايدۇ ، دەپ پەرەز قىلسا بولىدۇ . بۇنداق شەكىلدە بوشلۇقتا سەپەر قىلىش دەسلەپتە مۇمكىندەك بىلىندى . ئېنىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيىلىك نەزەرىيىسىدە مۇشۇندا چۈشەنچىلەر بار . ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ بىر قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كېتىپ ئاندىن بىر ئاق ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا فىزىك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-13 09:13 PM