NASA: مارس بەزىدە تەتۈر ماڭامدۇ؟
بىلىمخۇمار
يېقىندا مېنىڭ بىر دوستۇم ماڭا ئىسمى نامەلۇم بىر ئۇيغۇرچە تور بېتىدىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى ماڭدۇرۇپ، مەندىن بۇ ئىشنىڭ راس-يالغانلىقىنى سوراپتۇ:
نەقىل: «يېقىندا ئاستىرونومىيە ئىلمى شۇنى ئىسپاتلىدى:ئۆتكەنكى بىر قانچە ھەپتىلەردە قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتلارنىڭ بىرى بولغان مارىسنىڭ سۈرئىتى تاكى شەرق-غەرىب ئىككى يۆنىلىشتە تەۋرىنىش ھاسىل بولغانغا قەدەر ئاستىلىغان. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، يەنى پەيشەنبە، مارىس شەرىققە قارىتا ھەركەت يۆنىلىشىدىن توختىغان. ئاندىن ئاۋغۇست ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا، تاكى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە مارىس يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ غەرىبكە قاراپ ھەركەت قىلغان...دېمەك، بۇ مەزگىلدە مارىستا كۈن غەرىبتىن چىققان. ئاستىرونومىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئەسلى يۆنىلىشىنىڭ قارشىسى بويىچە ھەركەت قىلىش ئەھۋالى بارلىق پېلانىتلاردا ئاز دىگەندە بىر قېتىم يۈز بېرىدىكەن. يەر شارىمۇ مۇشۇ پېلانېتلارنىڭ بىرىدۇر. يەر شارى ھامان بىر كۈنى ئەسلى يۆنىلىشىنىڭ قارشىسى بويىچە ھەركەت قىلىدۇ. بۇ كۈندە يەر شارىدا كۈن شەرقتىن ئەمەس بەلكى غەرىبتىن چىققان بولىدۇ. بۇ ئەھۋال بەلكى پات يېقىندا يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىز ئۇنىڭ قاچان يۈز بېرىشىدىن بىخەۋەر.»
يەر شارى قۇياشنى ھەر بىر يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. مارس بولسا قۇياشنى تەخمىنەن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. بۇ خۇددى بىر چەمبەرسىمان يولدا ماشىنا مۇسابىقىسى بولغانغا ئوخشاش: يەر شارى چەمبەرسىمان يولنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى سىزىقتا مېڭىپ، مارس بولسا تاشقىي سىزىقتا ماڭىدۇ. ھەمدە يەر شارى مارستىن بىر ھەسسە تېزراق ئوربىتا ئايلانما تېزلىكىدە بىلەن ماڭىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئاسمانغا قاراپ، مارسنىڭ باشقا يۇلتۇزلار بىلەن ياسىغان نىسپىي ئورنىنى بىر قەغەزگە يېزىپ ماڭسىڭىز، ئالدى بىلەن مارس شەرق تەرەپتە كۆرۈنۈپ، ئاستا-ئاستا سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە كېلىپ، ئاندىن ئۇ غەرپ تەرەپتىن چىقىۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. كېيىنرەك ئۇ يەنە شەرق تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز قەغەزگە سىزغان مارسنىڭ ئورنى بەزى يىللىرى « S » ھەرىپىگە ئوخشىسا، بەزى يىللىرى بىر چەمبىرەككە ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ. بۇ ھادىسە ئىنگلىزچە «Retrograde Motion» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يەر شارى ھەر 26 ئايدا بىر قېتىم مارسنىڭ كەينىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، سىز يۇقىرىدىكى بىر ئۇيغۇرچە تور بېتىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ. ھازىر دۇنيادا بىر ئوبدان يېزىلغان ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ماقالىنى پۈتۈنلەي تەتۈرىسىگە ئۆرۈپ، ئادەم ئالدايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئېلان قىلىدىغان «يالغانچىلار» تور بەتلىرى بار. شۇڭا مېنىڭ ۋەتەندىكىلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم، يۇقىرىقىدەك بىر نەرسىنى ئۇچراتساڭلار، ئۇنى ماڭا ئىۋەرتىپ بەرسەڭلار. مەن ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايرىپ بەرسەم. بۇ دېگەنلىك مەن ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىمەن، دېگەنلىك ئەمەس. مەن بىلسەم بىلگىنىم بويىچە دەيمەن. بىلمىسەم ئىزدىنىپ توغرىسىنى تېپىپ بېرىمەن.
تۆۋەندىكى رەسىمدە يەر شارى بىلەن مارس 2003-يىلى بىلەن 2005-يىلى كۈننىڭ ئوخشاش بىر تەرىپىگە ئۆتكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن.
يەر شارى بىلەن مارس ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم كۈننىڭ ئوخشاش تەرىپىگە كېلىپ، بىر-بىرىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بولغاچقا، ناسا يەر شارىدىن مارسقا بىرەر ئالەم ئۇشقۇرى ماڭدۇرۇشتا، ئۇ ئىككىسى ئەڭ يېقىن كېلىشكە 6 ئايدىن 8 ئايغىچە ۋاقىت قالغان ۋاقىتتا ماڭدۇرىدۇ. ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىكى قالغان ۋاقىتلاردا بولسا قەتئىي ماڭغۇزمايدۇ. يەنى، باشقا ۋاقىتتا ماڭدۇرسا، چىقىم ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ. 2009-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ناسا مارسقا «مارس ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى» (Mars Science Laboratory, MSL) نى ماڭدۇرماقچى بولۇپ، بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قاتتىق ئىشلىگەن بولسىمۇ، بۇ ماشىنىنىڭ تولۇق پۈتۈشىگە بىر ئاي ۋاقىت كاملاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى 2009-يىلى ماڭدۇرالماي، 2011-يىلى ماڭدۇردى. ئۇ ماشىنا ھازىر مارسنى تەكشۈرۈۋاتقان «ھەۋەسكار» ئىسىملىك ماشىنا شۇ.
تۆۋەندىكى تور بېتىدە يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن يەر شارى بىلەن مارسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھادىسە بىر كىنو شەكلىدە چۈشەندۈرۈلگەن:
http://mars.jpl.nasa.gov/allaboutmars/nightsky/nightsky04/
= ======================================================== =
كائىنات توغرىسىدىكى بۇرۇنقى تېمىلىرىم (ئەڭ يۇقىرىسىدىكىسى ئەڭ كونىسى):
ناسا: ئايغا ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106495-1-1.html
ناسا: ئەڭ چوڭ كائىنات ئۇچار تېشى يەر شارىنى زىيارەت قىلدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106754-1-1.html
NASA: يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107132-1-1.html
NASA : كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106758-1-1.html
NASA: يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107132-1-1.html
NASA: كائىناتتىكى ئادەتتىكى ماددا %4، قاراڭغۇ ماددا% 22، قاراڭغۇ ئېنېرگىيە % 74
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107190-1-1.html
NASA: مارستا قۇرۇق مۇزنىڭ ئىزى بايقالدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107297-1-1.html
NASA: بىر ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسى چېگرىسىغا يېتىپ باردى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107626-1-1.html
NASA: كېيىنكى 2 كۈندە ئاي ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107660-1-1.html
NASA: مارسنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنىشى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107802-1-1.html
NASA كائىنات ئۇچار تاشلىرىنىڭ 10000ئىنچىسىنى بايقىدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108115-1-1.html
NASA: بىزگە خوشنا گالاكسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەسىمى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108116-1-1.html
NASA: پلۇتوننىڭ ئىككى ھەمراھىغا ئىسىم قويۇلدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108204-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-10 01:25 PM