رەھمەتbilimxumar ئەپەندىم ،ۋاقىت ئاجرىتىپ تېما ئارقىلىق جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە .
فىزىكىلىق ئالەم مەڭگۆتىزلىنىشچان سۈرئەتتە كېڭىيپ كېتىۋەرمەيدۇ،مۇئەييەن چەككە يەتكەندە تەدرىجى ئاستىلاپ تارىيىشقا باشلايدۇ ،تارىيىش جەريانى بىر ماكسىمۇم چەككە يەتكەندە يەنە پارتىلاپ كېڭىيىدۇۋە شۆ تۆستە دەۋرى قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.شۇنداق بولغاندىلا ساقلىنىش قانۇنلىرى مەڭگۆ ئورۇنلۇق بولىدۇ .بۇنداق كېڭىيىش -تارىيىشنىڭ مىخانىكىلىق شەرتى - شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىلىرى.
29-تىئورمىنىڭ سالاھىيەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن قايتا تەجىربە ئىشلىنىپ دەلىللىنىشى بۇنداق دەۋرى ئالەم ئىدىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۆرۈشتە بەكمۇ موھىم دەپ قارايمەن.تارتىش كۈچى دولقۇنى،گىراۋىتون قاتارلىقلار بىر ئەسىردىن بىرى تېپىلماي كەلدى.ئەگەر 29-تىئورما ئورۇنلۇقلا بولسا تارتىش كۈچى دولقۇنى،گىراۋىتونلارسىزمۇ فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
29-41-تىئورمىلار لوگىكىلىق تىئورمىلار بولۇپ ،ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ 29-41-تىئورمىلىرى
ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى ماددى ئالەمنىڭ ھەر قانداق پەيىتىگە نىسبەتەن ئورۇنلۇق، ھەرىكەت پەقەت ماددىغىلا خاس خۇسۇسىيەت دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا تۆۋەندىكىچە ئىككى پەرەز كېلىپ چىقىدۇ:
29-تېئورما:
ئېن ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنۈلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ
41-تىئورما:
ئېن ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت مىقدارى بىلەن بولۇڭلۇق ھەرىكەت مىقدارى تەتۈر تاناسىپ، ئومۇمىي ھەرىكەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=11768
ئەسكەرتىش:
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «ئېن» _شەكىل نەزەريىسىدە پەرەز قىلىنغان ئىچكى تۆزۆلۈشكە ئىگە بولمىغان ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە.
29 -تىئورمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككى شەرىت _ ھەم سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت،ھەم ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى شەرتنى بىرلا ۋاقىتتا قانائەتلەندۈرگەن ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىمدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئېغىش كۆرىنىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى(ئەگرىلىك دەرىجىسى)ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ،سىزىقلىق تىزلىكى بىلەن تەتۆر تاناسىپ بولىدۇ.
NASA شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ۋە مەبلەغ سەرىپ قىلىپ ئىشلىگەن
GP-Bتەجىربىسى غايىدىكى نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن،ھالبۇكى ئوخشاش مەسىلىنى
29- تىئورما تەجىربىسى ئارقىلىقمۇ ئاز چىقىم ،ئاز ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگىلى بولاتتى .
بۇ تەجىربىنى تەجىربە قىلىنغۇچى جىسىمنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىنى ئوخشىمىغان تەرەپلەرگە قارىتىپ ئىشلەپ بېقىش كېرەك.بۇنداق قىلغاندا29 -تىئورمىدا تەشەببۇس قىلىنغان بۇنداق ئېغىش ھادىسىسىنىڭ ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان
قاينام ئىففىكىتى (
ئىنىرىتسىيىلىك سۆرەش ئىففىكتى)بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان ھادىسە ئىكەنلىگىنى بايقىغىلى بولىدۇ.
پايدىلىنىش ئۈچۈن:
1. ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى رەسىمدىكىدەك سائەت ئىستىرېلكىسىغا قارىشى يۆنىلىشتە بولسا، ھەم سىزىقلىق(ئىلگىرىلىمە) ھەرىكەت يۆنىلىشى AB ۋېكتور يۆنىلىشىدەك بولسا، ئۇ ھالدا ئېغىش يۆنىلىشى AC دەك بولىدۇ، يەنى YOZ تەكشىلىكىگە قاراپ ئاغىدۇ .
2. سىزىقلىق(ئىلگىرىلىمە) ھەرىكەت يۆنىلىشى رەسىمدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى رەسىمدىكى بىلەن قارىمۇ قارىشى (يەنى سائەت ئىستېرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن بىردەك) بولسا، ئۇ ھالدا جىسىم (ياكى زەررىچە) XDE تەكشىلىكىگە قاراپ ئاغىدۇ.
3.ئەگىرلىكنىڭ قىممىتى ئۆز ئوقىدا ئاينىلىش تېزلېكىنىڭ قىممىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
4.ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەر قانداق پەيتلىرىگە ئورۇنلۇق ۋە ھەرىكەت مۇتلەق دېگەن تۈپ ئىدىيەنى چىقىش قىلغاندا، نىيۇتوننىڭ بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى (ئېنرېتسىيە قانۇنى) :«ھەرقانداق جىسىم (زەررىچىلەرمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ئۆزىنىڭ تىنچ ھالىتىنى ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.» غا تۆۋەندىكىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مۇمكىن:
ھەرقانداق جىسىم (زەررىچىلەرمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ .
(بۇ ئىنكاسنىڭ مەزمۇنىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى: قاسىم مۇئەللىم ، رەسىمىنى سىزغۇچى: غەيرەت قادىر ئىزدەن)
2010-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-6 01:41 PM