NASA: ناسا نىڭ 2014-يىللىق خىراجەت پۇلى بۈگۈن ئېلان قىلىندى
(ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى مەزكۇر مۇنبەرگە 23-ماي كۈنى يوللىغان ئىدىم. يېقىندا مۇنبەردە مەسىلە كۆرىلىش بىلەن ئۇ تېما يوقاپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئۇنى قايتا يوللاپ قويدۇم. )
بۈگۈن ناسا نىڭ رەئىسى (ناسا ئادمىنىستراتور) چارلىئە بولدەن جپل غا كېلىپ، جپل دىكىلەرگە ناسا نىڭ 2014-يىللىق خىراجەت پۇلىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2014-يىلى ئۈچۈن ناسا غا جەمى 16.8 مىليارد دوللار ($16.8 بىللىئون) پۇل ئاجرىتىپتۇ.
مەندىن كىشىلەر داۋاملىق ئامېرىكىنىڭ ناسا ئۈچۈن ئۇنچىۋالا پۇل خەجلىگىنىنىڭ نېمە پايدىسى بارلىقىنى سورايدۇ. بۈگۈن بولدەن ناسا نىڭ پايدىسى ھەققىدە مۇنداق 4 نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
(1)ئامېرىكىنىڭ كائىناتنى تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي بايقاشلاردىكى لىدەرلىق قابىلىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش
(2) ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنولوگىيىسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش (كېيىنكى 2-3 يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ھاۋا قاتناش تېخنولوگىيىسىدە زور يۈكسىلىش بولىدىكەن)
(3) يەر شارىدىكى تۇرمۇشنى ياخشىلاش، ۋە بىزنىڭ ئانا پلانېتىمىز يەر شارىنى قوغداش
(4) ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش
ئامېرىكىنىڭ 2013-يىلى دۆلەت مۇداپىيەسى ئىچىدىكى پەقەت ھەربىي ئىشلار ئۈچۈنلا ئاجىراتقان پۇلى 660 مىليارد دوللار (
http://www.usgovernmentspending.com/us_defense_spending_30.html) بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ناسا ئۈچۈن ئاجىراتقان $16.8 مىليارد دوللار پۇلنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلمۇ ئەمەسلىگىنى كۆرىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس. مەن ناسا نىڭ بولغىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ناھايىتىمۇ پايدىلىق، دەپ ئويلايمەن.