مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10686|ئىنكاس: 23

NASA: ئۇچار تەخسە ۋە ناسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

730

يازما

947

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82221
يازما سانى:
730
نادىر تېما :
12
مۇنبەر پۇلى :
41826
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2613 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-6-28
ئاخىرقى:
2016-3-13
NASA: ئۇچار تەخسە ۋە ناسا

بىلىمخۇمار

ئۇيغۇر قېرىنداشلار مەندىن ئەڭ كۆپ سورايدىغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە مۇنداق ئىككى سوئال بار: (1) ئۇچار تەخسىلەر راسلا بارمۇ؟  (2) تاشقىي پلانېتىلاردا راسلا ئادەم بارمۇ؟  مەن ھازىرغىچە 1-سوئالغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بېرىپ كەلدىم.  ھەمدە كائىنات ھەققىدە يازغان بىر قانچە ماقالىلاردىمۇ ئۇلار توغرىسىدا قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتىم.  يېقىندا يېڭى بىر توردىشىمىز بۇ سۇئاللارنى يەنە سوراپتۇ.  شۇڭا مەن مەزكۇر ماقالىدە ئۆزەم ئىگىلىگەن ۋە بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

ناسا نىڭ ئۇچار تەخسە ئىشلىرىغا تۇتقان ھازىرقى مەيدانى:

1947-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە، ناسا «كۆك دەپتەر قۇرۇلىشى» (Project Bluebook) دېگەن ئىسىم ئاستىدا، كۆنكىرت ئىشلارنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئېلىپ بېرىشى بىلەن،  ئۇچار تەخسىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قۇرۇلىشىنى ئېلىپ بارغان.  ئاشۇ ئارىلىقتا، «ئۇچار تەخسىلەرنى كۆرۈش» ۋەقەسىدىن 12،618 ۋەقە تىزىمغا ئېلىنغان.  بۇ ۋەقەلەرنىڭ قانداق ۋەقە ئىكەنلىكى ئاساسەن ئېنىقلانغان بولۇپ، «ئېنىقلانمىغان» لىرىدىن پەقەت 701 ۋەقەلا قالغان.  شۇنداق بولسىمۇ، بۇ قۇرۇلۇش 1969-يىلى 17-دىكابىر كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پارچە تەكشۈرۈش-تەتقىقات دوكلادى، ئامېرىكا ئىلىم-پەن ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر پارچە دوكلادى، ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 1940-يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە ئېلىپ بارغان ئىشلىرى ئۈستىدىكى بىر پارچە دوكلاتىغا ئاساسەن ئالغان.

1977-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناسا دىن ئۇچار تەخسىلەر تەكشۈرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلىقى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاشنى تاپشۇرغان.  ناسا شۇنىڭغىچە يىغىلغان ھەممە ماتېرىياللار ئۈستىدە بىر تەل-تۈكۈس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تاشقىي پلانېتىلاردىن كەلگەن ئۇچار تەخسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچ قانداق ئىشەنچىلىك پاكىتلارنىڭ يوقلىقىنى، شۇڭا ئۇچار تەخسىلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھېچ نېمىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچار تەخسە تەتقىقاتىنى توختۇتۇپ قويۇشتا ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبلىرى مۇنداق:
(1) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى دوكلات قىلغان، تەكشۈرگەن، ۋە باھالاپ چىققان ئۇچار تەخسە ۋەقەلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھتىد بولالمايدۇ.  

(2) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى «نامەلۇم ئۇچار تەخسە» دېگەن كاتېگورىيىگە كىرگۈززۈپ دوكلات قىلغان ياكى بايقىغان ۋەقەلەر ئىچىدە، ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ سىرتىدىكى تەرەققىيات ياكى پرىنسىپلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.  

(3) كىشىلەر كۆرۈپ، «نامەلۇم ئۇچار تەخسە» دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ تاشقىي پلانېتىلاردىن كەلگەن نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچ قانداق ئىسپات يوق.

ئامېرىكا يۇقىرىدىكى قۇرۇلۇش جەريانىدا توپلىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى 1977-يىلىدىن كېيىن ئاشكارە قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ھازىر ھەر قانداق ئادەم ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسىگە بېرىپ كۆرسە بولىۋېرىدۇ.

ھازىرمۇ ئۇچار تەخسە تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلار:

تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدە ئۇچار تەخسە تەتقىقاتىنى ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار دۆلەتلەر بويىچە تىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا، رۇسىيە، فرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ ئىسمى، ۋە 30-40 تەك تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمى بار ئىكەن.  ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قانچىسى داۋالىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانچىسى ھۆكۈمەت قارمىغىدىكى رەسمىي تەشكىلات، ئۇ ماڭا مەلۇم ئەمەس (ئۇچار تەخسە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رەسمىي تەشكىلاتلارغا قارىغاندا، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلارنىڭ تەشكىلاتلىرى كۆپتەك قىلىدۇ). قىزىقىدىغان ۋە ئىنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۇ تور بەتلىرىگە ئۆزلىرى قاراپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن:
http://en.wikipedia.org/wiki/List_of_UFO_organizations

تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدە ناسا دەسلەپتە «ئۇچار تەخسە» دەپ ئويلاپ، كېيىن تەكشۈرسە ئۇنداق ئەمەس بولۇپ چىققان بىر ھادىسە بايان قىلىنىپتۇ.  ئۇنىڭدا بىر قانچە پارچە رەسىملەرمۇ بار ئىكەن:
UFO No Longer Unidentified:  
http://www.nasa.gov/vision/space/travelinginspace/no_ufo.html

دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھەر خىل چولپانلار ئىچىدىمۇ «ئۇچار تەخسە ئادەملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدىم»، دەيدىغانلىرى بار ئىكەن. ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتى ئۇلىنىشىدىن كۆرەلەيسىز:
Politicians and Celebrities who have encountered Aliens
https://cassiopaea.org/forum/index.php?topic=17719.0

تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدە ئۇچار تەخسە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ناھايىتى تەپسەلىي بايان قىلىنىپتۇ:
Unidentified flying object
https://en.wikipedia.org/wiki/Unidentified_flying_object

تاشقىي پلانېتىلاردا ئادەم بارمۇ؟

بۇ سوئالغا مەن تۆۋەندىكى ماقالىدا جاۋاب بەرگەن ئىدىم:
«تاشقىي پلانېتىلارنى تاپىدىغان «كىپلېر ئالەم تېلېسكوپى» دىن چاتاق چىقتى»
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106076-1-1.html

ئاساسىي پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
UFO's and Aliens -The Official NASA Stance
http://www.abovetopsecret.com/forum/thread380357/pg1


= =========================================

كائىنات توغرىسىدىكى بۇرۇنقى تېمىلىرىم (ئەڭ يۇقىرىسىدىكىسى ئەڭ كونىسى):

1. تاشقىي پلانېتىلارنى تاپىدىغان «كەپلەر ئالەم تېلېسكوپى» دىن چاتاق چىقتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106076-1-1.html

2. 2016-يىلى NASA «ئاستەروئىد» نى تەكشۈرىدىغان بىر يېڭى ئالەم ئۇشقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-105749-1-1.html

3. NASA يەر شارىغا تەھتىد سالىدىغان كائىنات تاشلىرىنى تۇتۇش پىلانىنى يولغا قويدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-105750-1-1.html

4.  ناسا نىڭ 2014-يىللىق خىراجەت پۇلى بۈگۈن ئېلان قىلىندى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106332-1-1.html


5. ئايغا ساياھەت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106495-1-1.html

6. ئەڭ چوڭ كائىنات ئۇچار تېشى يەر شارىنى زىيارەت قىلدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106754-1-1.html

7. يەنە بىر ئالەم ئۇچار تېشى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107132-1-1.html

8. كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106758-1-1.html

9. كائىناتتىكى ئادەتتىكى ماددا %4، قاراڭغۇ ماددا% 22، قاراڭغۇ ئېنېرگىيە % 74
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107190-1-1.html

10. مارستا قۇرۇق مۇزنىڭ ئىزى بايقالدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107297-1-1.html

11. بىر ئالەم ئۇشقۇرى قۇياش سىستېمىسى چېگرىسىغا يېتىپ باردى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107626-1-1.html

12. كېيىنكى 2 كۈندە ئاي ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107660-1-1.html

13. مارسنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرۈنىشى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107802-1-1.html

14.ناسا كائىنات ئۇچار تاشلىرىنىڭ 10000ئىنچىسىنى بايقىدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108115-1-1.html

15. بىزگە خوشنا گالاكسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەسىمى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108116-1-1.html

16. پلۇتوننىڭ ئىككى ھەمراھىغا ئىسىم قويۇلدى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108204-1-1.html

17. مارس بەزىدە تەتۈر ماڭامدۇ؟
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108241-1-1.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-16 11:26 AM  


UFO02.jpg
UFO01.jpg
UFO.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +99 يىغىش سەۋەبى
naruto1231 + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8

تېما

410

يازما

418

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 66149
يازما سانى:
410
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3480
تۆھپە :
90
باھا :
92
توردا:
262 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-11-21
ئاخىرقى:
2016-1-9
ۋاقتى: 2013-7-16 17:31:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك قىزىقىمەن ئۇچار تەخسىگە

4

تېما

787

يازما

791

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92091
يازما سانى:
787
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3273
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2186 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-2-22
ئاخىرقى:
2015-11-24
ۋاقتى: 2013-7-16 18:03:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى مۇشۇنداق ئالەم يېڭ لىقلىرىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭزغا رەھمەت.
ئەگەر مومكىن بولسا ئالەم بوشلىقى پونكىتىنىڭ رەسىملىر بولسا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز،مېنىڭ ئالەم بوشلىقىنىڭ رەسىملىرنى بەكمۇ كۆرگۈم بار ئىدى،

يىيىش ئۈچۈن ياشىمايمەن،ياشاش ئۈچۈن يەيمەن.

180

تېما

5457

يازما

5637

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5457
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20090
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7528 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-3-13
ۋاقتى: 2013-7-16 18:14:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بىلىمخۇمار ئەپەندىم تېمىڭىزغا.بۇ مەن كۆڭۆل بۆلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەن.شۆنچە كەڭرى كائىناتتا پەقەت يەر شارىدىلا يۇقۇرى ئەقلى ئىقتىداررغا ئىگە ،ئىنسانىيەت تىپىدىكى جانلىقلار بار دىيىش ھەقىقەتەنمۇ ئەقىلغە سىغمايدۇ.يەر شارىنىڭ ئۇنچىۋالا تەلەيلىك بولۇپ كىتىشى ناتايىن.ئۇلارنى بايقاش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدۇر بەلكىم.
بۇ تېمىنى "كائىنات"قا كۆچۆردۆم.


40

تېما

610

يازما

650

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 80802
يازما سانى:
610
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6073
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
810 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-5-30
ئاخىرقى:
2016-2-20
ۋاقتى: 2013-7-16 18:14:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئۇچار تەخسىنى دۇنيادىكى تىخنىكىسى ئىلغار بولغان مەلۇم بىر دۆلەت ياساپ چىققان بولۇشى ئىھتىمالغا يىقىن . مۇشۇنداق نامەلۇم دەپ ئاتالغان ئۇچار جىسمدىن پايدىلنىپ باشقا دۆلەتلەرنى خالىغانچە سۈرەتكە تارتىپ ئاخپارات توپلاش مەقسىتىگە يىتىشتىن ئىبارەت.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
kulpat + 10 ما ئىنكاسنى جېنى بار

باھا خاتىرىسى

the wolf , he used to be

92

تېما

2404

يازما

2496

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1579
يازما سانى:
2404
نادىر تېما :
3
مۇنبەر پۇلى :
355718
تۆھپە :
626
باھا :
682
توردا:
3110 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-30
ئاخىرقى:
2016-3-8
ۋاقتى: 2013-7-16 18:36:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىماننىڭ قاتىلى مىسرانىمدىكەنغۇ . پروجېكت بلۇبۇك دېگەن تۈر پىلانى دېگەن گەپ بولماستىن ، كۆك دەپتەر قۇرۇلۇشى دېگەن گەپكە ئايلىنىپ قاپتۇ . پاھ پاھ .. جى جى دې تەرجىمە دېگەن مۇشۇ دە ...

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

44

تېما

751

يازما

795

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77212
يازما سانى:
751
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6008
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
293 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-3-10
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2013-7-16 19:41:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ رەخىمەت ! سىزگە ئاكا !ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

44

تېما

751

يازما

795

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77212
يازما سانى:
751
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6008
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
293 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-3-10
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2013-7-16 19:43:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-104740-1-1.html   كائناتقا ساياھەت دېگەن ماقالنىمۇ كۇرۇپ قويساڭلار ھەممىنى چۈشۈنسىلەر

4

تېما

25

يازما

29

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 88732
يازما سانى:
25
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
391
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
4 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-12-18
ئاخىرقى:
2015-8-10
ۋاقتى: 2013-7-16 21:14:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىم بېرىش رولى ياخشى تېمكەن.

نادان، سازاڭ- دەسسىۋىتىش كىرەك

0

تېما

86

يازما

86

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 48030
يازما سانى:
86
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4050
تۆھپە :
90
باھا :
116
توردا:
449 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-7-16
ئاخىرقى:
2014-6-9
ۋاقتى: 2013-7-16 21:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىز ئىنسانلار يەر شارىغا پىتىشماي ئۇرشۇپ يۇرگىنىمىز بىلەن ئالەمدىكى يەر شارىنى ۋە بىز ئىنسانلارنى، ئۇچۇپ يۇرگەن چاڭ تۇزان ئۇستىدىكى باكتىريەچىلىك بولىشىمىز مومكىن دەپ پەرەز قىلىمەن، باكتىريەمۇ بىر نەچچە سائەت ياشغىنىنى نۇرغۇن ۋاقىت ياشاپ قىرىپ ئۆلگەندەك ھىس قىلىغىندەك بىزمۇ 50-60 يىل ياشاپ ئۆتكەننى بەك ئۇزۇن ياشىغاندەك ھىس قىلغىنىمىزدەك بولسا كېرەك، ئاستۇرنومىيە كىتاپلىرىنى ئوقىساق بىلىمىزكى بۇ ئالەم بەكمۇ بەك چەكسىز ئەجىبا شۇنچە چوڭ ئالەمدە چوڭلىقى، ئورنى، ماددىلىرى يەر شارى بىلەن قوياشنىڭ  مۇناسىۋىتىدەك باشقا پىلانىت بولماي قالماس     

باشقىلار بىلىمىنى كۆرستەلمەي ئاۋارە، بىز مايمۇندەك ناخشا ئۇسۇل ئويناپ باشقىلارنى بەل-قوڭلىرمىزغا قايلىتالماي ئەۋارە!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-13 03:16 PM, Processed in 0.136710 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش