NASA يەر شارىغا تەھتىد سالىدىغان كائىنات تاشلىرىنى تۇتۇش پىلانىنى يولغا قويدى

2014-يىللىق پىلانىدا، ناسا يەر شارىغا قاراپ كېلىۋاتقان، 5 – 10 مېتىر چوڭلۇقتىكى، ئېغىرلىقى 500 توننا ئەتىراپىدىكى كائىنات تاشلىرى (asteroid) نى تۇتۇپ، ئۇنى يەر شارىغا زەخمە يەتكۈزمەيدىغان ئوربىتقا سېلىپ قويۇشنى پىلانلىدى. ئەگەر ئىنگلىزچىنى بىلسىڭىز، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
ھازىرغىچە كائىناتتىكى يەر شارىغا يېقىن رايونلاردا ئايلىنىپ يۈرگەن كائىنات تاشلىرىنى كۈزىتىپ تۇرۇش ئىشىنى JPL قىلىۋاتقان بولۇپ، مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر ئاشۇنداق تاشلاردىن 2000 دانىسى بار ئىكەن.
http://www.pcmag.com/article2/0,2817,2417515,00.asp