‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› نىڭ دۇنياغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى
09-12-2014
0
555
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
thumb

تارىخنىڭ تەرەققىياتىدا دائىم ئالاھىدە پەيتلەر بولىدۇ، بۇ پەيتلەر ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۆلەت، مىللەت، دۇنيا ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2012 – يىلى 29 – نويابىر دەل مۇشۇنداق مۇھىم پەيت بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹گۈللىنىش يولى›› ناملىق كۆرگەزمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ چوڭقۇر مەناسىنى شەرھلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.


ئىككى يىلدىن بۇيان ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› جۇڭگو خەلقىنى تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ ‹‹يېڭى ئىسىم كارتىسى››غا ئايلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى تەسىرلىك ھېكايىلەر، چىن سەمىمىيىتى ئارقىلىق دۇنيانى تەسىرلەندۈردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۇ خەلقئارا سەھنىلەردە كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، چۈشىنىشلىك ھەم يېقىملىق سۆزلىرى بىلەن ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نىڭ ئىچكى مەنىسى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى شەرھلىدى، كەڭ قورساق ۋە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش پوزىتسىيەسىدە جۇڭگونى دۇنياغا تونۇتتى. شى جىنپىڭ پارىژدا جۇڭگونى ‹‹تىنچ، يېقىملىق، مەدەنىي شىر››غا ئوخشاتتى؛ ئۇ بېرلىندا چىن سەمىمىيىتى بىلەن ئاۋامغا جۇڭگونىڭ قورقۇنچلۇق ‹‹موفېستو›› ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.


جامائەتچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرلىرى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ ئېچىۋېتىلىشىگە، ئۆزئارا باغلىنىشىغا، دۇنيا ئىقتىسادىنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپىنىڭ ھەمكارلىشىش، تەڭ پايدا ئېلىش يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇشىغا پايدىلىق.


كونكرېت ھەمكارلىق تۈرلىرى ھەممە جايدا ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى. چۇڭچىڭ – شىنجاڭ – ياۋروپا خەلقئارا تۆمۈريولى، ۋۇخەن – شىنجاڭ – ياۋروپا خەلقئارا تۆمۈريولى، جېڭجۇ – شىنجاڭ – ياۋروپا خەلقئارا تۆمۈريولى، يىۋۇ – شىنجاڭ – ياۋروپا خەلقئارا تۆمۈريولى قاتارلىق تۆمۈريوللاردا كەينى – كەينىدىن قاتناش باشلىنىپ، ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرى قولايلىق بولۇپ قالدى؛ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بانكىسى، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قاتارلىق ئېچىش تۈرىدىكى چوڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن تارتىپ يىپەك يولى فوندى قۇرۇشقىچە، جۇڭگو دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى...


بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %30 كە يېقىنلاشتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن قانداق تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېرەك؟ دېگەن مەسىلە دۇنيا مىقياسىدا ئويلىشىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى. كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو ئىمپورت قىلىدىغان تاۋارلار 10 تىرىليون دوللاردىن ئېشىشى، جۇڭگونىڭ سىرتقا سالىدىغان مەبلىغى 500 مىليارد دوللاردىن ئېشىشى، چەت ئەلگە ساياھەتكە بارىدىغان جۇڭگولۇقلار 500 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىشى مۇمكىن. جۇڭگو ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە ‹‹كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تېز پويىزىغا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ››.


‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› دۇنياغا بارغانسېرى چوڭ تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىلكى، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقىرىش يولىدا، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئىناۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› ‹‹دۇنيا ئارزۇسى›› بىلەن تەڭ روياپقا چىقىرىلىدۇ، جۇڭگو دۇنيا بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
09-12-2014
0
555
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-03-2015
0
270
thumb
‹‹ ئاتلانتىك ئوكيان ›› نىڭ 21-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان فىرانسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز قىرغىقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدا بۇنداق زور دەرىج...
27-03-2015
0
141
thumb
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلار خەلقئارا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاۋستىرىيەلىك جوۋ كىشىلەرنى چۆچىتىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ئوت يېقىپ 645 فۇت ( تەخمىنەن 196.6 مېتىر ) ئۇزۇنلۇققا يۈگۈرۈپ، دۇنيا ب...
27-03-2015
0
201
thumb
خەلق تورى لوندون 25-مارت تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئاسمان خەۋىرى يېقىندا ئاشكارلىغان بىر يۈرۈش سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئەنگلىيە NHS خەلق ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ مىلاد بايرىمىدىن ئىبارەت مۇھىم بايرام كۈنلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇشتا نۆۋەتچىلىك ق...
24-03-2015
0
450
thumb
ئىقتىسادشۇناسلار بىلىم ئامبىرى(EIU) يېقىندا، دۇنيادىكى 50 چوڭ شەھەرنىڭ 2015-يىلىدىكى بىخەتەر شەھەر كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندىكى شەھەر ئاسىيادا ئىكەن. بۇ بىخەتەر شەھەر كۆرسەتكۈچى بويىچە تەكشۈرۈشتە، پۈتۈن دۇنيادىكى...
24-03-2015
0
100
thumb
كوستارىكا ئۆتكەن 75 كۈندە كۆمۈر كۆيدۈرمەي، يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلەتمەي، گازدىن پايدىلانماي، پەقەت ۋە پەقەت سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىپ، دۆلەت ئىچى توك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تارىخىدىكى ئابىدىنى ياراتتى. ئەنگلىيە &lsaqu...
23-03-2015
0
172
thumb
شىۋېتسىيەدىكى بىر تۈرلۈك كەشپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى قاچا – قۇچا يۇيۇشقا ئۆچ كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خۇش خەۋەر بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۆزلۈكىدىن تازىلىنىدىغان قاچا – قۇچىلارغا قول سېلىپ يۇيۇشنىڭ ھاجىتى بولمايدىكەن، پەقەت سۇ ب...
23-03-2015
0
469
thumb
ئايتمۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەق پۇللار شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئەسلىدە نورمال بىر ئىش، بىراق سىز بەش يۈەن، 10 يۈەنلىك نەق پۇللار قاچىلانغان سومكىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوموبىل سېىۋالغىلى كەلگەن كىشىنى كۆرگەنمۇ؟ 21-مارت، ئايتمۇ...
22-03-2015
0
597
thumb
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 17-مارتتىكى تېلېگراممىسى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كرۇگېر دۆلەت باغچىسىدا ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىۋاتقان بىر ساياھەتچى تارىخىتىكى ئەڭ قالتى...
21-03-2015
0
967
thumb
18-مارت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۆزى پۇل تۆلەپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 12 ئورۇننى ئېلان قىلدى، بۇ ئورۇنلارنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى 2017-يىلى 7-مايغىچە بولىدۇ. بۇ 12 ...
20-03-2015
0
433
thumb
19-مارت چۈشتىن بۇرۇن شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى لىڭشەن قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە سەيلە قىلىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى لىڭشەن ئارىلىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز يۈزىدە نەچچە ئېگىز بىنا شەكلىدىكى جىسىملارنىڭ پەيدا بولغانلى...
Powered by Leglek