باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2011-10-10
ھاياتىڭىزدىكى ئۈچ چوڭ گۆھەر - [تاللانما ئەسەرلەر]
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىزلەر، تۆۋەندە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم بولغان شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان ئۈچ گۆھەرنى دوستلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىغا سۇنماقچىمەن.
سۆزلۈشۈشتىكى ئۈچ گۆھەر:ئاۋارە قىلدىم،رەھمەت،كەچۈرۈڭ.
جاھاندارچىلىقتىكى ئۈچ گۆھەر:كەمتەرلىك،ئەدەپ -ئەخلاق،ياخشى تەرتىپ.
تەربىيەدىكى ئۈچ گۆھەر:سەۋىرچان،مىھرىبان،سالماق بولۇش.
ئائىلىدىكى ئۈچ گۆھەر:خوشاللىق،قىزىقىش،ۋە كۈيۈمچانلىق.
ئۆي تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:ئىجىل-ئىناقلىق،خوشال -خوراملىق،تىنىچلىق.
غىزالىنىشتىكى ئۈچ گۆھەر:تەڭپۇڭلۇق،چەك قۇيۇش،شۈكۈر قىلىش.
ساغلاملىقتىكى ئۈچ گۆھەر:پىيادە مىڭىش،نەپسىنى يىغىش،كەيپىياتنى تەڭشەش.
ئاتا-ئانىلاردىكى ئۈچ گۆھەر:تەربىيەلەش،مەسئۇلىيەت،شەرەپكە ئىگە قىلىش.
بىلىم ئىگىلەشتىكى ئۈچ گۆھەر:جانلىق،ئەتراپلىق،ھەقىقى بولۇش.
دوست تۇتۇشتىكى ئۈچ گۆھەر:سەمىمىي،دۇرۇس بۇلشۇش،ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش.
قەلىب گۈزەللىكىدىكى ئۈچ گۆھەر؛راستچىل،ئاق كۈڭۈل،كەڭ قۇرساق بولۇش.
نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! 2011-07-31
تېلۋىزۇرنى ساتىمەن ( ساتىرا ) - [شىئېرىيەت باغچىسى]
ئېلانلارنىڭ ئۇگىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن ،
يالغان گەپنىڭ ئۇستىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن،
زوق ئېلىشلار خام خىيال ئېلانلارنىڭ دەستىدىن ،
پۇل تېپىشنىڭ چوتچىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن.
زوق ئالاي دەپ بىر چاغدا خەجلىگەنتىم نەچچە يۈز ،
زوق بەرمەستىن ئەكسىنچە بەردى يالغان قۇرۇق سۆز،
قۇرۇق گەپلا مەيلىتى ئەسلى ئىكەن ھاياسىز ،
ھاياسىزلىق قۇتىسى تېلۋىزۇرنى ساتىمەن...........
نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! 2011-07-10
ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان 20 ھېكمەت - [تاللانما ئەسەرلەر]
1. پەقەت تۇرمۇشىڭىزدا قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.
2. موھتاجلىق ۋە ئېغىر كۈنلەر ئادەمنى تاۋلايدىغان ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپ.
3. ئادەمنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقنى تونۇپ يەتمىگۈچە، ھەقىقىي ئۆزىگە ئايلىنالمايدۇ.
4. سىزگە ياردىمى تېگىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قول سوزۇپ ئېلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ.
5. سىزنىڭ بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەن پەيت ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتتىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋاقتىڭىز ئەمەس. .....
نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! 2011-06-12
ئەيدىز قىزنىڭ ئۆچ ئېلىشى - [جاھاندىكى ئىشلار]
بەزى تەپسىلاتلارنىڭ جەمىيەتكە ئاشكارلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورۇن، ۋاقت، كىشى ئىسىملىرى قاتارلىقلار بېرىلمىدى.(ھېكايە شەكلىدە ) تورداشلارنىڭ قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ـــــــــــ
تېلېفۇننىڭ قايتا- قايتا سايرىشى يەكشەنبىلىك بالىلرىم بىلەن بېلىق تۇتۇش، دەم ئېلىش ئارامىنى بۇزدى.
تېلېفۇن شەھەرلىك ساقچىخانىدىن كەلگەن ئىدى.
ــ تىز كەلمىسىڭىز بولمايدۇ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھۋال يۈز بەردى،- دېدى ساقچىخانا باشلىقى كەسكىن تەلەپپۇزدا.
يەكشەنبىلىك تاتلىق دەم ئېلىشقا قىيالمىغان ھالدا ساقچىخانا تەرەپكە ماشىنىنىڭ رولىنى بۇرۇدۇم...نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! 2011-06-01
ئۈرۈمچىدىكى ئەبجەش سۆزلەردىن مېساللار - [سۆيۈملۈك دىيارىمىزدا]
ئاشپۇزۇلدا
خېرىدار ئېيتۇر:
كۈەيسەننىڭ ئالدىغان كېلىپ تۇرسام جاۋخۇ دەپ توۋلاۋاتقان ئىكەن، جوزىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، قانداق تاماق بار؟- دېسەم، سەيدەننى ئالدىمغا ئەكەلدى. دىڭ دىڭ ساۋمىيەن بىلەن ساۋكاۋرۇ بۇيرۇدۇم.
ئاپتۇبۇستا
بىر ئىشچى ئېيتۇر:
ئاخشام جيابەن قىلغانتىم، شوۋجىرىم چىيەن پىي تىڭجى بولۇپ قاپتىكەن. شۇڭا ... - قايسى كۈنى ئىدارىدىن يىللىق جىياڭ جىن بەرگەن ئىدى، بۇ ياقتىن پۇلنى ئېلىپلا بۇ ياقتىن دابازاغا بېرىپ شىجۇاڭدىن بىر تو ئالدىم... جيۇلىڭياۋغا چىقسام بەك ئاستا ماڭىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن غاچچىدا چۈشۈپلا دادى قىلىپ خۇڭچىلۇ بىلەن كەلدىم... (تىما ماۋزۇسىنى چېكىپ تولۇق كۆرۈڭ)
نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ !
شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەرلەر نېمىشقا بۇ خىل ئاياللاردىن ئايرىلالمايدۇ؟ ئەگەر سىز ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشۈشىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىڭىز كېرەك. ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك شەرتنى ھازىرلاڭ.
1. ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىمەڭ، قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ.
ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلى ھەر خىل بولىدۇ، قىزىقىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولىدۇ. سىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىمەن، دېمەڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلسىڭىز، ئۇ ھالدا باشقا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. سىز بەزىدە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ، مۇسابىقە كۆرسىڭىز، بىرگە ئويۇن ئوينىسىڭىز، تەسىرات ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇنداق تۇرمۇش ھەر ئىككى تەرەپكە ئازادىلىك بەخش ئېتەلەيدۇ.
.......
نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! 2011-04-16
ئايالىڭىزنى رام قىلاي دېسىڭىز... - [ئائىلە ۋە نىكاھ]
1. كەڭ قۇرساق بولۇڭ، ئايالىڭىزنىڭ ئۇششاق سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۋېتىڭ، چىن مۇھەببەتنى ئۈن-تىنسىز ھالدا ھەربىر ھالقىلارغىچە سىڭدۈرۈڭ.
2. ئايالىڭىزغا پات-پات كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ، مەسىلەن، خاتىرە كۈنلەردە بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىپ، كارتىغا «سۆيۈملىكىڭىزدىن» دېگەندەك گەپلەرنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
3. ئاياللار كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. ئايالىڭىز ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلسە، «تاماق ئەتمەمسەن؟!»، «ئۆي تازلىمامسەن؟!» دېمەستىن، «ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ» دەپ كۆيىنىپ قويسىڭىز، ئايالىڭىز چوقۇم ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ ۋە سىزنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، سۆيىدىغان بولىدۇ........
نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! 2011-04-09
سۇنۋۇكوڭنىڭ تاش كولىشى - [ناخشا-مۇزىكا ۋە كىنو]
توردا ئۇچىرىتىپ يوللاپ قويدىم ، كۆرۈپ بېقىڭلار گەپلىرى قىزىقارلىق ئىكەن....
نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! 2011-04-09
ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى ئىشلىرىدىن رازى ئەمەس - [ئائىلە ۋە نىكاھ]
(1) ئېرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە ئەپۇ قىلىشنى بىلمەسلىكى. ئاياللار ئەرلەرنىڭ مېھرىبانلىقىغا بەكمۇ موھتاج، ئېرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ.
(2) كەسىپتە كۆرىنەرلىك نەتىجە قازىنالماسلىق.
(3) پىخسىقلىق. بەزى ئەرلەر پۇلنى بەك مۇھىم بىلىپ، ئۆيىدىكىلەرگە خەجلەشكە كۆزى قىيمايدۇ.
(4) بېشىغا ئىش كەلگەندە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالماي، ئاغرىنىشنى ياخشى كۆرۈش.
(5) بەزى ئىشلاردا ئاشكارا، سەمىمىي سۆزلەشنى خالىماسلىق.
.........نادىر تىمىلار يەنىلا قۇياش ئوغلى بلوگىدا ! بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ، تىمىلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىڭ ! 2011-04-09
سالامەتلىككە پايدىلىق ھەرىكەتلەر - [تېبابەت ساقلىقنى ساقلاش]
چىشنى كاسىلدىتىش : ھەر كۈنى بەدەننى ئەركىن قويۇپ بېرىپ ، كالپۇكنى بوشراق ھىملاشتۇرۇپ ، چىشنى بىر نەچچە قېتىم كاسىلدىتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، چىش ۋە چىش مىلىكىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، چىشنى مۇستەھكەملىگىلى ، چىش ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
كېرىلىش : ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرغاندا مۇسكۇل ھەرىكىتى ئازلىغانلىقتىن ، مۇسكۇلدىكى قان تومۇرلارغا نۇرغۇن قان يىغىلىپ قالىدۇ – دە ، يۈرەككە قايتىدىغان قان نىسبەتەن ئازىيىپ كېتىدۇ ، شۇ سەۋەبتىن ماغدۇرسىزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ . بۇنداق چاغدا تازا بىر كېرىلىۋالسا چارچاشنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ .........
قۇياش ئوغلى سىزنى قارشى ئالىدۇ!بلوگ قۇرغۇچىسى
****************************** ****************************** چىچەك توزىدى چىقارماي تىۋىش، قالدۇردى ئۇ بەرگىدە يىمىش. مىۋە بوپتۇ چىچەك تۆھپىسى، مەنچۇ ئىنسان قىلدىم نىمە ئىش؟ ****************************** بـەيـدۇ ئىزدەش تـورى كۆزنىكى ******************************بلوگ سەھېپىلىرى
- ئېلان - ئۇچۇر[6]
- ھۆسىنخـەتلـەر[1]
- ئاۋازلىق ئەسەر[5]
- ئائىلە ۋە نىكاھ[6]
- يۇمشاق دىتاللار[7]
- ئېتوت ۋە يۇمۇرلار[18]
- تاللانما ئەسەرلەر[32]
- جاھاندىكى ئىشلار[10]
- ئەدەبىيات گۈلزارى[16]
- رەسىم ۋە خەرىتىلەر[9]
- شىئېرىيەت باغچىسى[20]
- سۆيۈملۈك دىيارىمىزدا[11]
- ناخشا-مۇزىكا ۋە كىنو[26]
- كومپىيۇتېر، تور بېلىملىرى[8]
- تېبابەت ساقلىقنى ساقلاش[21]
ئەڭ يېڭى تىما
- 2014 ئۆزۈم كىرىشتۈرگەن يېڭى گاڭنام ناخشىسى
- 2014 يېڭى ناۋا يۇمۇرلىرى
- تاۋۇزنىڭ شىپالىق رولى...
- تۆۋەندىكى ۋاقىتلىرىڭىزنى ئايالىڭىزغا ئاجرىتىڭ
- گۈل ۋە سالامەتلىك
- قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر
- ھالىڭغا ۋاي ئۇيغۇر تويى!
- ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ
- ماۋۇ 4 نى بىلىۋېلىڭ
- ئائىلە تەربىيىسىدىكى بىر مىنۇت...
ئەڭ يېڭى ئىنكاس
- چوغلۇق:رەھمەت سىزگە،بۇ ئەسىرىڭىزنى ...
- ئابدۇسەمەت:ئەجەپ ياخشى يوللاپسىز بۇ دىت...
- پادىشاھ :ياخشى شىئىركەن رەخمەت ...
- ئازغۇن:مېنىمۇ ئۇلىنشقا قوشىۋالغان ب...
- قـۇيـاش ئـوغـلى:داۋامى: ★5月31日 世界无烟日(World ...
- ئەسلىم بىلوگ :مىنىمۇ ئۇلىنىش قىپ قويسىڭىز ...
- otiken:ئەپەندى .خاپا بولماي بۇ ئەسە...
- ھىلال:تور بىتىڭىز كۆركەملىشىپ كېتى...
- بايلىق:مىنىمۇ ئۇلىنىش قىپ قويسىڭىز ...
- ئىشتىياق:ھاھاھا... بەك قىزىقارلىق ئىك...
مەزكۇر بلوگدىن ئىزدەش
+++++++++++++++++++++++++++++++++++مىسرانىم مۇنبىرىدىكى يېڭى تېمىلار - زىيارەت سانى: