ئەسسالام تورداش، بۈگۈن (سائەت) قۇياش ئوغلى بلوگى قۇرۇلغىلى

 باش بەت  تور بېلىملىرى يۇمشاق دىتاللار   جاھاندىكى ئىشلار   ناخشا-مۇزىكىلار تاللانما ئەسەرلەر 


  • 1     H        Hydrogen     ھىدروگېن

    2     He      Helium  گېلىي

    3     Li        Lithium لىتىي

    4     Be       Beryllium     بېرىللىي

    5     B         Boron    بور

    6     C         Carbon  كاربون

    7     N        Nitrogen      ئازوت


  • ماڭا غەلىتە نەزەردە تىكىلىپ تۇرغان، ناھايتى (زامانىۋى) كىيىنگەن بۇ ياتاقدىشىمغا قاراپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم.
    _
    ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم، ياخشى كەلدىڭىزمۇ؟.........
    _
    ياخشى، ئالتە شەدىن چىقتۇقما؟ ، چېچىنى نەچچە خىل بوياپ، چىشلىرنى ھىڭگايتىپ تۇرغان بۇ قىزغا تولىمۇ ھەيران بولدۇم.
    _
    كىم مىنى ئالتە شەلىك دەيدۇ؟غۇلجىدىن كەلدىم.


  • (ھېكايە)

    ئەركىن سابىر

         ئەيسا چوڭنىڭ يوغان بۇرنىغا ھەممە ئادەم ھەيران، يۈزىدىكى توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىغا تارتىلغان قورۇقلار ئارىسىدا كۆپۈشۈپ تۇرغان يوغان بۇرنى خۇددى سانسىزلىغان جىرالار ئارىسىدا دۈمچىيىپ تۇرغان دۆڭگىلا ئوخشايتتى. تېخى كىشىلەر چاقچاق قىلىپ: ‹‹ياراتقۇچى ئۇنى ئادەم سىياقىغا كەلتۈرىدىغان چاغدا ئۇقۇشماي بۇرنىغا لاينى جىق بېرىۋەتكەن ئىكەن›› دېيىشەتتى. ئورۇق يۈزىدىكى قورۇقلارنى ئۇنىڭ يۈزىنى تاراشلىغاندا قېپ قالغان بارماق ئىزلىرىكەن دەيدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئەيسا چوڭ بۇنداق گەپلەرگە :

         — مەن مۇشۇنداق، ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان يارالغانكەنمەن،  دەپ كۈلۈپلا قويىدۇ. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مەھەللىلىكلەر ئىچىدە ئۇنىڭكىدەك سەكسەن قورۇقى بارلاردىن يەنە كىم بار؟ تېخى ئەيسا چوڭ بۇ قورۇقلىرى ھەققىدە ماختىنىدۇ.......


  • 1. «1- ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىدا رەھبەرلىكنىڭ سۆزلىگەن سۆزى

    سۈيۈملۈك ئۆسمۈر دوستلار، ئائىلە باشلىقلىرى يولداشلار:

    بۈگۈن «1- ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى كۈنى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا بالىلىرىنىڭ بايرىمى. 1949- يىلى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى «1- ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى جۇڭگۇ بالىلىرىنىڭ بايرىمى قىلىپ بەلگۈلىگەندىن كىيىن، ھەر يىلى «1- ئىيۇن» دا مۇشۇنداق تەبىرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ كىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىكى مەقسەت بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش، كىچىكىدىن تارتىپ ئۇلاردا ۋەتەننى سۈيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. بۇ بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كىشىلىك تۇرمۇش يۇلىنى تاللىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.


  • 1. ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ. 
    2. ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر. 
    3. قۇياشقا يۈزلىنىڭ ، شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
     4. سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز،ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
    5. ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ،.....


  • F1 : ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىراممىغا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كىرەك بولسا ، F1 نى بېسىڭ. سىز ئەگەر ھېچقانداق پروگىراممىنى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ، مەنبە باشقۇرغۇچ ياكى ئۈستەل يۈزىدە بولۇپ F1 نى باسسىڭىز Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم ھۆججىتى كۆرۈنىدۇ. ئەگەر سىز باشقا پىروگىراممىدا بولۇپ Windows قا مۇناسىۋەتلىك يارىدەم كېرەك بولسا WinKeyF1 نى باسىمىز.

    F2 :
    ئەگەر سىز  .....


  • 1949

     1 – ئۆكتەبىر ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ 1 – قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى . مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، مۇئاۋىن رەئىسى ، بارلىق ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقى ئېلان قىلىنىپ ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى . يىغىن يەنە لىن بوچۈ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلاندى ، جۇ ئېنلەي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى ، ماۋ زېدۇڭ 


  •  - يالقۇن روزى

     

    دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام -جاسارەتتە، ئىلىم - ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل - يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە ... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.

     «بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر - شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك».

    بۇ بىر ئابزاس سۆز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2004 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى كەسكىن خىتابى. مېنىڭچە، سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزغا قىلىنغان بۇ خىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەدىرلىك دادىلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ! مەن ئاشۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ قالدىم.

    لۇشۈن ئەپەندى 1920 - يىللىرى.........


  •  - ئابدۇقادىر جالالىدىن

    «ئانا» - ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم ئەمەس. «ئانا» - ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىق كېلىپ چىقىشنىڭ سىمۋولى.

    ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ، ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ. دېمەك، مەۋجۇدات ئانىدىن تۇغۇلىدۇ، ئانىدا ياشايدۇ، ئانىغا قايتىدۇ. ئانا مەنە بۇلىقى، ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن خالىي ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئانا - ئالەم، ئانا - بىلىم ۋە تەپەككۇرغا سەلتەنەت بېغىشلايدىغان مۇقەددەس سۇبستانسىيە. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر تارىخىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا ھالدا يورۇتقىلى بولمايدۇ ھەم يازغىلى بولمايدۇ. .......


خەير - خوش، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ ! تور بەت ئادىرىسىمىزنى دوستلىرىڭىزغا تەۋىسسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ ! ئېھتىرام بىلەن: قۇياش ئوغلى