ئەسسالام تورداش، بۈگۈن (سائەت) قۇياش ئوغلى بلوگى قۇرۇلغىلى

 باش بەت  تور بېلىملىرى يۇمشاق دىتاللار   جاھاندىكى ئىشلار   ناخشا-مۇزىكىلار تاللانما ئەسەرلەر 


  • كەچلىك غىزادىن ئىلگىرىكى يېرىم سائەت. نۇرغۇن ئەر بۇ ۋاقىتتا تېلېۋىزور كۆرگەچ، تاماقنىڭ تەييار بولۇشىنى ساقلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاقىت ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ياخشى پۇرسەت، شۇڭا ئايالىڭىزنىڭ تاماق ئېتىشىگە ياردەملىشىپ بېرىڭ. .....


  • ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر، ساز ئۆگىتىدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ، تەتىللەردە ھەرخىل كۇرۇسلارغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش بۇرچىنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىغاندەك ھېس-تۇيغۇلاردا يۈرىدۇ. ئەمما بىر ئادەم ئۈچۈن، توغرا يولدا، توغرا ئەقىدە، دۇرۇس ئېتىقادقا ياشاش، نان تېپىپ يېيىشكىلا پايدىسى بولىدىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشتىن كۆپ مۇھىمدۇر. شۇڭلاشقا پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ يادروسى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن بالىسىغا قانداق ئادەم بولۇشنى، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى، ھاياتتا قايسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، نېمىنى قوللاپ، نېمىگە قارشى تۇرۇپ ياشاشنى ئۆگىتىشتۇر. ئەمما ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى قىلالمىغان ئىشلارنى بالىلىرى قىزىقمىسىمۇ زورلاپ قىلغۇزىدۇ. دېمەك، شۇنى بىلمەك قىيىن ئەمەسكى، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بالىدىلا، ياكى نۆل ياشتا، ياكى قورساقتا ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدە....

    ........


  • شىنخۇا تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئەرلەر نېمىشقا بۇ خىل ئاياللاردىن ئايرىلالمايدۇ؟ ئەگەر سىز ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشۈشىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز، ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىڭىز كېرەك. ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك شەرتنى ھازىرلاڭ.

    1. ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىمەڭ، قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ.

    ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلى ھەر خىل بولىدۇ، قىزىقىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى كەڭ بولىدۇ. سىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىمەن، دېمەڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلسىڭىز، ئۇ ھالدا باشقا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.  سىز بەزىدە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ، مۇسابىقە كۆرسىڭىز، بىرگە ئويۇن ئوينىسىڭىز، تەسىرات ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇنداق تۇرمۇش ھەر ئىككى تەرەپكە ئازادىلىك بەخش ئېتەلەيدۇ.

       .......


  • 1. كەڭ قۇرساق بولۇڭ، ئايالىڭىزنىڭ ئۇششاق سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۋېتىڭ، چىن مۇھەببەتنى ئۈن-تىنسىز ھالدا ھەربىر ھالقىلارغىچە سىڭدۈرۈڭ.
    2. ئايالىڭىزغا پات-پات كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ، مەسىلەن، خاتىرە كۈنلەردە بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىپ، كارتىغا «سۆيۈملىكىڭىزدىن» دېگەندەك گەپلەرنى يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
    3. ئاياللار كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. ئايالىڭىز ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلسە، «تاماق ئەتمەمسەن؟!»، «ئۆي تازلىمامسەن؟!» دېمەستىن، «ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ» دەپ كۆيىنىپ قويسىڭىز، ئايالىڭىز چوقۇم ناھايىتى تەسىرلىنىدۇ ۋە سىزنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان، سۆيىدىغان بولىدۇ.

    .......


  • (1) ئېرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە ئەپۇ قىلىشنى بىلمەسلىكى. ئاياللار ئەرلەرنىڭ مېھرىبانلىقىغا بەكمۇ موھتاج، ئېرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ.
    (2) كەسىپتە كۆرىنەرلىك نەتىجە قازىنالماسلىق.
    (3) پىخسىقلىق. بەزى ئەرلەر پۇلنى بەك مۇھىم بىلىپ، ئۆيىدىكىلەرگە خەجلەشكە كۆزى قىيمايدۇ.
    (4) بېشىغا ئىش كەلگەندە مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالماي، ئاغرىنىشنى ياخشى كۆرۈش.
    (5) بەزى ئىشلاردا ئاشكارا، سەمىمىي سۆزلەشنى خالىماسلىق.
    .........

  • خوتۇنىڭىزنىڭ سىز بىلەن ئۇرۇشمايدىغان بولۇپ قېلىشى سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    خوتۇنىڭىزنىڭ بۇرۇنقىدەك ۋاتىلدىمايدىغان بولۇپ قېلىشى كۆڭلىنىڭ سوۋۇغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    خوتۇنىڭىزنىڭ سىزگە ئەركىلىمەيدىغان بولۇپ قېلىشى سىزگە قىزغىنلىقىنىڭ قالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    خوتۇنىڭىزنىڭ كېچىدە دېرىكىڭىزنى قىلماسلىقى سىزدىن ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    خوتۇنىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ۋە قارىشى توغرىسىدا سىزگە چۈشەنچە بېرىشىنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىشى سىزدىن زېرىككەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ........

خەير - خوش، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ ! تور بەت ئادىرىسىمىزنى دوستلىرىڭىزغا تەۋىسسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ ! ئېھتىرام بىلەن: قۇياش ئوغلى