باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2009-06-21
توۋا... نىمانچە قىممەت!!! - [شىئېرىيەت باغچىسى]
قىممەت
(ساتىرا)
داۋالانساق نىچۈن ئوكۇل_ئاسمىڭىز قىممەت؟
زاۋۇتلاردىن ئەرزان چىققان دورىڭىز قىممەت.
كارۋات،سۇ ،توك،داس-چايدان،پار،چايىڭىز قىممەت،
جان تاتلىقكەن نىمە چارە ياتىمىز قىممەت،
ھېچ ئەرزان يوق،سوراپ كۆرسەك بارىڭىز قىممەت.
<<ئاق خالاتلىق پەرىشتە>>دەپ ماختاپ تۇرىمىز،
<<داۋالىنىش تەس،قىممەت>>دەپ قاخشاپ تۇرىمىز،
پۇت ئاغىرسا پۇلدىن قورقۇپ ئاقساپ تۇرىمىز،
<<ئەجەپ ئىش بۇ>>دەپ غۇدىراپ-ۋايساپ تۇرىمىز،
<<دوختۇر ئۇلۇغ>> دېگەن شەرەپ نامىڭىز قىممەت.
كەمبەغەلنىڭ تېنى ئاغىرىپ قىزىپ ياتالماي،
ئەرزان دۇرۇت،سۈپ-كۆش ئاڭا شىپا بولالماي،
دوختۇرخانا ئەتراپىغا يېقىن بارالماي،
قاچانغىچە<<ۋاي جان!>>لايدۇ جىق پۇل تاپالماي،
<<پۇل تاپشۇرۇڭ>>دېگەن بۇيرۇق-سانىڭىز قىممەت.
<<مۇنۇ دورا تەڭداشسىز>>دەپ سالىسىز داۋراڭ،
قايمۇقتۇرۇپ بىزنى ئەجەپ كۆرىسىز گالۋاڭ،
<<شىرىنكانە>>كۆزلەپ ھەرگىز رېتسىپ يازماڭ،
مەنپەئەت دەپ خېرىدارنىڭ گۆرىنى قازماڭ،
بولۇپ قالماڭ سۆرۈن تەلەت ھالىڭىز قىممەت.
ئاپتۇرى: ئابدۇۋېلى راخمان ھەققانىي
مەنبە:<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 3-سانى.
http://bbs.qakqak.com/ShowPost.asp?ThreadID=76095
评论