باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2012-04-20
قاتتىق كۈلۈشكە بولمايدىغان كىشىلەر - [تېبابەت ساقلىقنى ساقلاش]
كۈلكىنىڭ سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك كىشىلەر قاتتىق كۈلۈشتىن ئېھتىيات قىلىشى كىرەك .
1.قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر قاتتىق ، تېلىقىپ كۈلۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك .
2.مېڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قېلىش ، مېڭىسىگە قان چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ، ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلدىكى كىشىلەر كېسەللىكنىڭ تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق كۈلمەسلىكى كېرەك .
3.يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار كېسەللىكنىڭ قوزغىلىۋاتغان ياكى ئۆتكۈر مەزگىلى ئۆتۈپ كېتىپ ، ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىلىدە قاتتىق كۈلمەسلىكى كېرەك .
4.كۆكرەك قىسمى يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلىنىپ ئانچە ئۇزۇن بولمىغان كىشىلەر قاتتىق كۈلسە ، ئوپېراتسىيە قىلىنغان جاينىڭ تۇتىشىغا تەسىر يېتىپ ، ئاغرىق كۈچىيىپ كېتىدۇ .
5.سېرىقئېتى يېرىلغان كىشىلەر قاتتىق كۈلسە ، قورساق ئىچىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ ،سېرىقئەتنىڭ يېرىقىنى بارغانسېرى چوڭايتىۋېتىدۇ .
6.ھامىلدار ئاياللار قاتتىق كۈلسە ، قورساق بېسىمى ئېشىپ كېتىپ ، ئاي – كۈنى توشماي تۇرۇپ تۇغۇپ قويىدۇ ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئېھتىمالى كېلىپ چىقىدۇ .
7.قورساق زىيادە تويۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ قاتتىق كۈلمەسلىك كېرەك . بولمىسا سازاڭسىمان ئۆسۈكچە پەيدا بولىدۇ ياكى
ئۈچەي ئالمىشىپ قالىدۇ .
مەنبە: ئىز تورى