ئەسسالام تورداش، بۈگۈن (سائەت) قۇياش ئوغلى بلوگى قۇرۇلغىلى

 باش بەت  تور بېلىملىرى يۇمشاق دىتاللار   جاھاندىكى ئىشلار   ناخشا-مۇزىكىلار تاللانما ئەسەرلەر 

  • 2013-07-06

    تاۋۇزنىڭ شىپالىق رولى... - [تېبابەت ساقلىقنى ساقلاش]

    ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تاۋۇزنىڭ ئادەم بەدىنىنى تەبىئىي كۈچەيتكۈچى دورا بىلەن تەمىنلەپ، ئادەمنى روھلۇق قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. تاۋۇزدىكى مىنېرال ماددىلار لىكوپېن، β كاروتېن، كېيىن يېتىلگەن سىترۇللىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ھازىر سىترۇللىننىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق رولى ئىسپاتلىنىپ، ئۇنىڭ قان تومۇرى بېسىمىنى يەڭگىللىتىدىغانلىقى، بۇ رولنىڭ ۋىئاگرانىڭ رولىدىن قېلىشمايدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
        ئالىملار تاۋۇز يېيىش جەريانىدا، سىترۇللىن ئالاھىدە ئېنزىم ئارقىلىق ئارگىنىنغا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئارگىنىن بولسا يۈرەككە ۋە ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. سىترۇللىن ۋە ئارگىنىننىڭ مۇناسىۋىتى يۈرەك ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ، سېمىزلىك كېسىلى ۋەⅡ تىپلىق قەنت كېسىلىگە ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئارگىنىن قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئازوت ئوكسىدىنى كۆپەيتىدىكەن. نۇرغۇن پىسخولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك مەسىلە بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، لېكىن ئازوت ئوكسىدىنىڭ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك سانجىقى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە باشقا يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىرىنى داۋالاشتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن. تەتقىقاتچىلار مۇنداق كۆرۈنەتتى: تاۋۇز ۋىئاگرادەك زور ئۈنۈمگە ئىگە بولمىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن قان تومۇرى بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ، مۇھىمى ئۇنىڭ ھېچقانداق زىيانلىق رولى يوق.
        تاۋۇزنىڭ پايدىلىق رولى كۆپ بولۇپ، ئارگىنىن بەدەندىكى ئاممىياك ۋە باشقا زەھەرلىك بىرىكمىلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇرېيە (سۈيدۈك ماددىسى)نىڭ ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. سىترۇللىن ئارگىنىننىڭ ئاساسى بولۇپ، ئالىملار تاۋۇز شاپىقى تەركىبىدىكى بۇنداق ماددىلار قوغۇن ئېتىدىكىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
        ئامېرىكىنىڭ ئوكلاخوما شتاتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنى تاۋۇز مىنېرال ماددىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بۇ تەتقىقاتتا ئۇلار تاۋۇزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى بىر پايدىلىق رولىنى بايقىغان، ئۇ بولسىمۇ رەڭگى قېنىق قىزىل رەڭدە بولغان تاۋۇز سورتلىرى پەمىدۇرنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان لىكوپېن شاھى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. تاۋۇزنىڭ %92 ى ئاساسەن سۇدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قالغان %8 ى لىكوپېن(يۈرەك كېسىلى، مەزى بېزى كېسىلى ۋە تېرىگە پايدىلىق بولغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتىپ) ئىكەن.
    مەنبە : شىنجاڭ گىزىتىدىن ئېلىندى. 

    分享到:

ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.